«شەرقىي تۈركىستان مەكتۇپلىرى» نەشر قىلىندى.

مەزكۇر كىتابدا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيادىكى نوپۇزلۇق دۆلەت ئەربابلىرىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا يوللانغان مەكتۇپلىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەكتۇپلار ئىچىدە سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېغا يوللانغان مەكتۇپلاردىن تەركىپ تاپقان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 21- ماي

 

ياپونىيە كاگوشىما خەلقئاارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، ھازىر تۈركىيە چاناق قەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدە تەكلىپلىك، چەتئەللىك مۇتەخەسسىس بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان دوكتۇر ھاجى قۇتلۇق قادىرى بىلەن ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سەئىجى نىشىھارا  تەرىپىدىن بىرلىكتە  تۈركچە نەشرگە تەييارلانغان «شەرقىي تۈركىستان مەكتۇپلىرى» ناملىق ھۆججەتلىك ئەسەر تۈركىيە پاراگدىگمە ئاكادېمىيىسى نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىندى. ئەسلى ئەسەر 2012- يىلى ياپونىيەدە ئېنگلىز ۋە ياپون تىللىرىدا نەشر قىلىنغان ئەسەر ئاساسىدا تۈركچە نەشرگە تەييارلانغان.

 

مەزكۇر كىتابدا ئاساسلىقى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا  ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ دۇنيادىكى نوپۇزلۇق دۆلەت ئەربابلىرىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا يوللانغان مەكتۇپلىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەكتۇپلار ئىچىدە سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېغا يوللانغان مەكتۇپلاردىن تەركىپ تاپقان.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ئۇيغۇر ياشلىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى بىلەن دىئالوگدا

جۈ ماي 21 , 2021
بۈگۈن تۈركىيەدىكى زىيالي ياشلاردىن ئۇمۇن ئىھسان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى رەھبىرى كامال قىلىچدار ئوغلىنىڭ ساھىپخانلىقىدىكى 19-ماي مۇستافا كامال ئاتاتۈركنى ئەسلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمى يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، يىغىندا ئۇيغۇر ياشلىرى يولۇققان كرىزىس ھەققىدە سۆز قىلغان.

You May Like