ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۇنجى «ئوچۇق مەنبە ئىستىخباراتى» قوللانمىسى بارلىققا كەلدى

ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۇنجى «ئوچۇق مەنبە ئىستىخباراتى» قوللانمىسى بارلىققا كەلدى

 ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۇنجى «ئوچۇق مەنبە ئىستىخباراتى» قوللانمىسى بارلىققا كەلدى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 13-مارت

«ئۇيغۇر OSINT گۇرۇپپىسى» تۈزگەن «OSINT ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە» ناملىق تور كىتاب يېقىندا ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن توردا ھەقسىز تارقىتىلدى.

مەلۇم بولۇشىچە بۇ كىتاب تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر يېزىقىدا چىقىرىلغان «ئوچۇق مەنبە ئىستىخباراتى» قوللانمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئوچۇق مەنبە ئىستىخباراتى يەنى ئىنگلىز تىلىدىكى OPEN SOURCE INTELLIGENCE ئاتالغۇسىدىن تەرجىمە قىلىپ ئېلىنغان بولۇپ، كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە چۈشەندۈرۈلۈشىچە OSINT نىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ ساھەلەرگە يەنى: ھەربىي، ئىقتىساد، تور ئۇرۇشى، ئىلىم-پەن، ئىجتىمائىي تۇرمۇش قاتارلىق ساھەلەرگە تۇتىشىدىكەن. مەزكۇر كىتاب ئۇيغۇر خەلقىگە OSINT توغرىسىدا دەسلەپكى چۈشەنچىنى ھاسىل قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئۇچۇر ئۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئىستىخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن قوراللاندۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

كىتابتا OSINT ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە، قانداق قىلىپ ئۇچۇر، پاكىت توپلاش، ۋە پاكىت توپلاشقا ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق قوراللار، ئىنتېرنېت خەرىتە مۇلازىمەتلىرى ئارقىلىق ئورۇن بەلگىلەش، سوتسىيال مېدىئالاردا GPS ئۇچۇرلىرىنى ئىزدەش، خەرىتە ئارقىلىق ئوچۇق كامىرالارنى كۆزىتىش، سوتسىيال مېدىئالاردىن ئۇچۇر توپلاش شۇنداقلا خىتاينىڭ مەنبەلىرىدىن ئۇچۇر توپلاشقا دائىر بىلىم ساۋاتلار تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپ، ھەرقانداق ساھەدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن OSINT ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىلىم ۋە ئەمەلىي ماھارەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

كىتابنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن ھەقسىز چۈشۈرەلەيسىز:

 

https://github.com/bulaqbeshi/books/blob/main/UyghurOSINTQollanmisi-01.pdf

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ميۇنخېندا ئىشخانا ئۆيى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك باشلاتتى

دۈ مارت 13 , 2023
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ميۇنخېندا ئىشخانا ئۆيى سېتىۋېلىش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك باشلاتتى

You May Like