«كۆكتۈركلەردىن كەلگەن ياپون تىلى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى.

ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، ھازىر تۈركىيە چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدە تەكلىپلىك، چەتئەللىك مۇتەخەسسىس بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان دوكتۇر ھاجى قۇتلۇك قادىرى تەرپىدىن نەشرگە تەييارلانغان «كۆكتۈركلەردىن كەلگەن ياپون تىلى» (GÖKTÜRKLERDEN GELEN JAPON DİLİ) ناملىق 686 بەتلىك ئاكادېمىيىلىك ئەسەر تۈركىيە سونكاگ نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىندى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 4- ماي

 

ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، ھازىر تۈركىيە چاناققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدە تەكلىپلىك، چەتئەللىك مۇتەخەسسىس بولۇپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان دوكتۇر ھاجى قۇتلۇك قادىرى تەرپىدىن نەشرگە تەييارلانغان «كۆكتۈركلەردىن كەلگەن ياپون تىلى» (GÖKTÜRKLERDEN GELEN JAPON DİLİ) ناملىق 686 بەتلىك ئاكادېمىيىلىك ئەسەر تۈركىيە سونكاگ نەشرىياتى تەرپىدىن نەشر قىلىندى. ئەسلى ئەسەر  ياپونىيىلىك تۈركولوگ، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى مەرھۇم ھىگاشى ئىۋائونىڭ 85 يېشىدا تۈرك تىلى يەنى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدا تاماملىغان بۈيۈك ئەسىرى «ئاتلىق مىللەتلەر ئېلىپ كەلگەن ياپون تىلى» ناملىق ئەسىرى ئاساسىدا نەشرگە تەييارلانغان بولۇپ، ئەسەردە ئاساسلىقى ئۇيغۇر تىلى بىلە ياپون تىلىنىڭ ئېتمولىگىيىلىك جەھەتتىدىكى ئوخشاشلىقلار ھەققىدە دەسلەپكى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ياپونىيىلىك تۈركولوگ مەزكۇر تەتقىقاتىنى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئېلىپ بارغان.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

بېلگىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق يىغىنى تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان

سە ماي 4 , 2021
4-ماي سەيشەنبە سائەت 12دىن باشلاپ بېلگىيە پايتەختى بريۇسېلدىكى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلار، پارلامېنت بىنالىرى ئورتاق ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى تور مۇلازىمەت سۇپىسى Belnet كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بېلگىيە <<ئەركىن>>(La Libre ) گېزىتىنىڭ شۇ كۈنلۈك خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا تور ھۇجۇمى سەۋەبلىك پارلامېنتتىكى ئېچىلماقچى بولغان بارلىق يىغىنلار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە شۇ كۈنى ئېچىلماقچى بولغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

You May Like