شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ «دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى» ناملىق تۈركچە شېئىرلار توپلىمى تۈركىيەدە نەشىر قىلىندى.

شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ «دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى» ناملىق تۈركچە شېئىرلار توپلىمى تۈركىيە «مەڭگۈ» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىندى. بۇ شائىرنىڭ بۇ يىل ئىچىدە نەشىر قىلىنغان ئىككىنچى كىتابى بولۇپ، شائىرنىڭ «ئىككى كۆز، ئىككى يۈز» ناملىق قوش تىللىق شېئىرلار توپلىمى تۈركىيە «دايى» نەشرىياتى تەرىپىدىن بۇ يىل ئىيۇلدا نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىنغان ئىدى.

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2020- يىلى 1- دېكابىر

 

شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ «دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى» ناملىق تۈركچە شېئىرلار توپلىمى تۈركىيە «مەڭگۈ» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىندى. بۇ شائىرنىڭ بۇ يىل ئىچىدە نەشىر قىلىنغان ئىككىنچى كىتابى بولۇپ، شائىرنىڭ «ئىككى كۆز، ئىككى يۈز» ناملىق قوش تىللىق شېئىرلار توپلىمى تۈركىيە «دايى» نەشرىياتى تەرىپىدىن بۇ يىل ئىيۇلدا نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىنغان ئىدى.

 

«دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى» شائىرنىڭ 2019- يىلى دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار بىرلىكى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان شېئىرلار توپلىمى بولۇپ، بۇ يىل تۈركچە تەرجىمە قىلىنىپ، تۈرك ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلدى.

 

شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللا 1972- يىلى 10- ئۆكتەبىر كېرىيە ناھيىسىنىڭ لايسۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1993- يىلى شىنجاڭ نېفىت ئىنىستىتۇتىنىڭ نېفىت ئېلىش ئىنژېنېرلىق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، قارىماي نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسىدە كەسپىي تېخنىك، ياردەمچى ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلىگەن. شائىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان يىللاردىلا باشلانغان.

 

شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ «تەڭرىتاغ»، «تارىم»، «مايبۇلاق» ۋە «تۇرپان» قاتارلىق ژۇرناللاردا 300 پارچىدىن  ئارتۇق شېئىرى ۋە بىر قىسىم نەسرىي ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدىن سىرت «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئاسىيا ۋاقىت كىندىكى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «ئىقتىساد گېزىتى» ۋە «نېفىت گېزىتى» قاتارلىق گېزىتلەردە 200 پارچىدىن ئارتۇق تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. شائىرنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى ئىنگلىز، خىتاي، تۈرك ۋە نورۋىگ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان.

 

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرى ئېغىر خىرىسقا دۇچ كېلۋاتقان، ۋەتەن ئىچىدىكى ئەدەبىياتچىلار بىر-بىرلەپ تۇتقۇن قىلىنىپ، قەلەملەر سۇنۇۋاتقان بۈگۈنكىدەك پەيتتە ۋەتەن سىرتىدىكى ئازغىنە قەلەمكەشلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى قانچىلىك مۇھىم بولسا، ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزنىڭ باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىشىمۇ شۇنچىلىك مۇھىم بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ۋە مەدەنىيتىنى باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەر گە تونۇشتۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنڭ سانى ئازىيىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە، ئەسەرلەرنى 90 مىليۇن نوپۇسلۇق تۈرك خەلقىگە سۇنۇش ئارقىلىق ئۇقۇرمەن سانىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ ۋە بۇ يەنە بىر جەھەتتىن يازغۇچى – شائىرلارغا ئىلھام بولىدۇ.

 

بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانى تەبرىكلەيمىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىي ھاياتىغا مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمىز.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

لى جيەنشىن، ياڭ يۈ، جياڭ نەن:قۇرۇلما پەرقى نۇقتىسىدىكى شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى

چا دېكابىر 2 , 2020
[مۇھىم نۇقتا] 2010- يىلىدىكى ئالتىنچى قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرى ۋە ئەڭ يېڭى سىتاتىستىكا يىلنامەسى قاتارلىق باشقا سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن، مەزكۇر ماقالە قۇرۇلما پەرقى نۇقتىسىدىن شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ئۇيغۇرىستان-ت) نوپۇسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئالاھىدىلىكىگە نىسبەتەن بايان خاراكتېرلىك تەھلىل ئېلىپ بارىدۇ.

You May Like