«خىتاينىڭ ياۋايى غەربى» – كرىستىئان تايلېر

ئاز سانلىق مىللەتلەرگە «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» ھوقۇقى 1922-يىلى قۇرۇلغان چاغدىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. يېڭىدىن شەكىللەنگەن

تەرجىمە قىلغۇچى:  تۇغلۇق ئابدۇرازاق

 

قىزىل سەھەر (2) 

 

ئاز سانلىق  مىللەتلەرگە «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» ھوقۇقى 1922-يىلى قۇرۇلغان چاغدىكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. يېڭىدىن شەكىللەنگەن پارتىيە خىتاينى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىغا ئوخشاش، ئوتتۇرا خەن، تىبەت، موڭغۇليە ۋە شەرقىي تۈركستاندىن تەركىپ تاپقان يېڭى دۆلەت قۇرۇشنى كۆزدە تۇتقان.  1931-يىلى تۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇن لاھىيەسىدە، موڭغۇل، ئۇيغۇر، تىبەت، مىياۋ، كورىئان ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە ھەتتا خالىسا مۇستەقىل بولۇش ھوقۇقى بېرىشكە ۋەدە قىلغان. بىراق، 1935-يىلى ماۋ زېدوڭ ھوقۇققا ئېرىشكەندىن باشلاپ، پارتىيەنىڭ كۈنتەرتىپى ئۆزگىرىشكە باشلىدى. شۇنداق ئۆزگىرىشلەر ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولۇپ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتى.

 

ئۆزى ھوقۇققا ئېرىشىش جەريانىدا، ئاز سانلىق  مىللەتلەردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، ماۋ زېدۇڭ ئۇلارغا ناھايىتى مەرت كۆرۈندى. مەسىلەن، ئۇزۇن سەپەردىن كېيىن، ماۋ ئىنقىلاپ غەلىبە قىلغان ھامان موڭغۇل ۋە تۇنگانلارغا ئەركىنلىك بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.  ئۇ مەزگىلدە ماۋ موڭغۇل ۋە تۇڭگانلارنىڭ تېررىتورىيەسىدە تۇراتتى، ئۇلار ماۋنىڭ مەملىكەتچى (گومىنداڭ) قوشۇننىڭ قورشاۋىدىن چېكىنىش يولى بولغان شىمالىي رايوننى كونترول قىلاتتى. ماۋنىڭ يوقىتىپ قويىدىغان ھېچ نەرسىسى مەۋجۈت ئەمەس، چۈنكى شۇ مەزگىلدە ئۇ تېخى ھېچ نەرسىگە ئېگە بولمىغان ئىدى. تاكى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغىچە، ماۋ يەنىلا ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش تۇغرىلىق بىرنەرسىلەرنى يېزىپ تۇراتتى. بىراق ئۇ مەملىكەتچىلەر (گومىنداڭچىلار) ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ خەۋپىدىن قۇتۇلغان ھامان، پارتىيە سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ بىرلەشكەن خىتاي تەۋەسىدە ئۆزلىرىنى باشقۇرىدىغان ئايرىم ھۆكۈمەتلەرنى قۇرۇش توغرىلىق تەشۋىقات قىلىشقا باشلىدى.

 

1947- يىلىغا كەلگەندە، پارتىيە سىياسىتىنى مەخپىي ھالدا پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى. يېڭىدىن تۈزۈلگەن سىياسەتتە، ناھايىتى مۈجمەل ھالەتتە «مەملىكەت ئىچىدە رايونلۇق ئاپتونومىيە تۈزۈمى» نى ئوتتۇرىغا قويغان بولدى. بۇنىڭ ئاساسلىق مەنىسى شۇكى، ھەر مىللەت ئۆز خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جايلاشقان رايوندا ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمىتى تىكلىنىدۇ دېگەنلىكتۇر. ھالبۇكى، ئازاتلىقتىن كېيىن بۇ سىياسەتمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايدىغان بىر قۇرۇق گەپ ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئاساسىي قانۇنغا «ماركىسىزم-لېنىنىزمنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۇقۇمىنى خىتاينىڭ كونكرېت شارائىتىگە ماسلاشتۇرۇش» دېگەن قۇرلار كىرگۈزۈلۈپ دەسلەپتە بەرگەن ۋەدىلىرىنى بۇزۇشقا نەزەرىيە ئاساس تىكلەپ چىقتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئۆز تەقدىرى ئۆزى بەلگىلەشنىڭ نېمە ئورنى قالدى؟»، «قولىمىزغا كەلتۈرگەن نۆۋەتتىكى غەلىبە ھەممىمىز بىرلىكتە كوممۇنىستىك ئىنقىلابىنى قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن ئېرىشىلگەن ئەمەسمىدى؟»، «خەلقىمىز ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئازابلىق كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، تىز پۈككەن ئورنىدىن دەس تۇردىغۇ؟» دېگەن قۇرلار ئاساسىي قانونغا كىرگۈزۈلدى. ش. ت. دا پارتىيەنىڭ بېشى بولغان ۋاڭ ئىنماۋ «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» ئۇقۇمىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنى پەقەت ئىمپېرىئالىست تۈزۈمدە ياشايدىغان خەلق ئارزۇلايدىغان ئىش. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرقانداق شارائىتتا «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» ھەرىكىتىنى بۆلگۈنچىلىك دەپ قارايمىز، دېدى.

 

خىتاينىڭ ئەقلىگە سىڭىپ كەتكەن كونا ئادەت رولىنى ئوينىدى. ماۋ ئامما ئالدىدا خەن چوڭ مىللەتچىلىكىنىڭ زىيىنىنى مەيلى قانچە ئېغىر تەنقىتلىگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ – خۇنەن ئۆلكىسىدىكى بىر ئاشلىق سودىگىرى ۋە قەرز بەرگۈچىنىڭ ئوغلى بولۇش سۈپىتى بىلەن – خىتايدىكى ھەممە ئادەمگە ئوخشاش بىر خەن مىللەتچىسىدۇر. ماۋ بىر كوممۇنىست بولغاچقا، ئاساسەن خەن مىللىتىدىن تەركىپ تاپقان كوممۇنىست پارتىيەنى «ھەممىنى كۆرىدۇ ۋە ھەممىنى بىلىدۇ»، شۇڭا قالاقلىقتا قالغان مىللەتلەر ئۈچۈن توغرا ئىش قىلىدۇ، دەپ ئۆزىنىڭ خەن پەرەسلىكىنى دەلىللىگەن. ئۇ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت خەلقى ئالدام خالتىسىغا چۈشكەن ھامان شۇ پېتى تۇرۇۋېرىدۇ، دەپ كۆڭلىدە سان بولغان.

 

كومپارتىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىق ھۆكۈمەتكە يۈرگۈزگەن سىياسىتى سوۋېتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ رەزىل ئىدى. باشقۇرغۇچى مەمۇرىي ئورۇنلار شاڭ، چۈ، ناھىيە، ئوبلاست ۋە ئۆلكىلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، پۈتۇن خىتايدا ئومۇملاشتۇرۇلغان. بىراق بىر قىسىم ئاز سانلىق  مىللەتلەر رايونلىرىدا «ئاپتونوم» رايونلار قۇرۇلۇپ چىقتى. يۈرگۈزۈش قائىدىسى شۇكى، باشقۇرۇش ئەڭ ئاسان بولغان مىللەت ھەتتا تەلەپ قىلمىسىمۇ ئالدى بىلەن ئاپتونومىيەگە ئېرىشتۈرۈلىدۇ.

 

1953- يىلىدىن باشلاپ ش. ت. دا ئاپتونومىيە بىرلىكلىرى تىكلىنىشكە باشلىنىدۇ. 1954- يىلى 15- مارتتا خىتاي بىلەن ئەڭ يېقىن ھەمكارلىشىدىغان تۇڭگانلارغا كورلىغا يېقىن كېلىدىغان قاراشەھەردە تۇڭگان ئاپتونومىيە ناھيەسى قۇرۇلىدۇ. ئۇندىن كېيىنكى 6 ئاي ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن غۇلجىغا يېقىن كېلىدىغان چاپچالدا شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ چوڭ قىسمىنى ئىگىلەيدىغان رايوندا بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر تەرەپتە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، سارىكۆل تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى قاتارلىق ئاتالمىش ئاپتونومىيە بىرلىكلەر قۇرۇلىدۇ. شۇنىڭغىچە ش. ت. نوپۇسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى ئىگىلىگەن ئۇيغۇرغا تېخى ھېچ نەرسە تەگمىگەن ئىدى. ئاخىرى 1955-يىلى 1-ئۆكتەبىردە ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئېتىراپ قىلىنىپ، پۈتۈن ش. ت. غا «يېڭى زېمىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئىسىم قويدى.

 

سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ئۇيغۇر رېسپۇبلىك (جۇمھۇرىيەت) ياكى ئۇيغۇرىستان تىكلەنمىدى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەرگە بېرىلگەن بۆلۈنۈپ چىقىش ھۆقۇقى ئۇيغۇرغا بېرىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قولى بىلەن بەرگەن نەرسىنى يەنە بىر قولى بىلەن تارتىۋالغان بولدى. گەرچە ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمنى ئاپتونوم رايونغا ئىشلەتكەن بولسىمۇ، بىراق رايون ئىچىدىكى ئوبلاستلارنىڭ چىگرالىرىنى شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن بەلگىلىدىكى، ئۇيغۇرلاردا سىياسىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا ھېچقانداق كونترول ھوقۇقى يوق دېيەرلىك. مەزكۈر ئاپتونوم بۆلەكلەرنى ئايرىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى مەقسەتلىك ھالدا مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن يەككە مىللەت جايلاشقان رايونلارنى بىرقانچە ئوبلاستلارغا بۆلۈپ بەرگەن.   قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەرگە ھېچقانداق ئاپتونومىيە سالاھىيەت بىرىلمىگەن.  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان مەزگىلدە، نىڭشا بىلەن ئىچكى موڭغۇليەدىمۇ ئاپتونومىيە رايون قۇرۇلغان. بىراق ئۇ رايونلاردا خىتاي نوپۇسى ئاللىقاچان مۇتلەق كۆپ قىسىمنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ كەتكەن.

 

شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلىگەن ئىلى رايونىدا ئۇيغۇلار توپلاشقان غۇلجا شەھرىنى مەركەز قىلغان قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قۇرۇلدى. كورلا بولسا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ مەركىزى بولدى. بىراق مەزكۇر ئوبلاستقا تەۋە 12 ناھىيەدە ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، پەقەت 3 ناھىيەدىلا مۇڭغۇللار ياشايدىغان بولۇپ، پەقەت بىرلا ناھىيەدە موڭغۇللار كۆپ قىسىم نوپۇسنى ئىگىلەيدۇ. خىتاينىڭ بۇ تاكتىكىسى قەدىمدىن قالغان «يى يى جى يى» يەنى «ياتنى ياتنىڭ قولى بىلەن يوقاتماق (ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغى بىلەن قورۇماق)» ھېلىسىنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈلۈشى.

 

ئاتالمىش ئاپتونومىيە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىر قۇرۇق سوسكىدۇر.  ئەمەلىيەتتە مەيلى قانچىلىك ئاز سانلىق  مىللەت كادىرلىرىنى يەرلىك ھۆكۈمەتكە تەيىنلىگەن بولسىمۇ، ئەڭ يۇقۇرى قاتلامدىن ئەڭ تۆۋەن قاتلامغىچە ھەممە قارارلارنى پارتىيە چىقىرىدۇ. خەلق ۋەكىللىرى، گەرچە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى نۇرغۇنلىرى ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى سىياسىتىنى قوللىغان بولسىمۇ، پارتىيەنىڭ قارارلىرىنى شەرتسىز قوللايدىغانلاردىن تەركىپ تاپقان. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسىلىك ئورنىغا ئۇيغۇر تەيىنلەنگەن. ئاتاقتا بۇ رەئىس ھۆكۈمەتكە يېتەكچىلىق قىلىدىغان بىر رەھبەر. خەلق قۇرۇلتاي ئەزالىرىنىڭ يېرىمى ھەرقايسى جايلاردىن تاللانغان ئاز سانلىق  مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللەرىدىن تەركىپ تاپقان. بىراق بۇ ئورۇنلارنىڭ ئارقىدا باشقۇرىدىغان بىر خىتاي سېكرېتارى جەزمەن باردۇر. تۆۋەن قاتلامدىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا يەرلىك ئاز سانلىق  مىللەتلەر بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ھەربىر ئەمەلدارنى باشقۇرىدىغان مەلۇم بىر پارتىيە ئەزاسى مەۋجۇت.  يەرلىك ھۆكۈمەتتىن چىقىرىلغان ھەرقانداق قارارنى بېيجىڭدىكى ئەمەلدارلار كۆزىتىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن ئۆز ۋاقتىدا قاتناش نازارىتىدە ئىشلىگەن بىر ئۇيغۇر باشلىق مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئىشخانامدا ئولتۇرۇپ گېزىت ئوقۇشتىن باشقا ھېچ ئىشىم يوق. چۈنكى مېنىڭ قىلىدىغان كونكرېت خىزمىتىم يوق. خىتايلار ئىدارىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان مەمۇرىي ئىشلارنىڭ پەقەت 5 پىرسەنتىنى ماڭا خەۋەر قىلىدۇ. مېنىڭ دىرېكتور ئەمىلىمنىڭ پەقەت قورۇق نامىلا بار.» غۇلجىدىكى مەلۇم شىركەتتە ئىشلىگەن بىر ئۇيغۇر: «مېنىڭ قول ئاستىمدا ئىشلەيدىغان خىتايلار مېنىڭ بۇيرۇقلىرىمغا ھېچقاچان ئېتىبار بەرمەيدۇ.» دەيدۇ. ئىككى يۈزلۈك كوممۇنىست بيۇروكراتلىرىغا نىسبەتەن، ئاپتونومىيە تۈزۈمى كىشىلەرگە ئەركىنلىك بېرىش ئەمەس بەلكى كونترول قىلىش ئۇسۇلى دەپ قارىلىدۇ. ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۆز ئۆزىنى باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ئاتالمىش ئاپتونومىيە تۈزۈمى تامامەن خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قوماندانلىقى بويىچە ئىش بېجىرىپ كەلگەن.

 

مۇشۇنداق يوشۇرۇن سىستېما ئەمەلىيەتتە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، پۈتۈن خىتاي مەملىكىتى ئىچىدىكى مەمۇرىي ئورۇنلار، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، زاۋۇت-كارخانىلار ۋە مەكتەپلەردە قوللىنىلىپ كېلىنگەن. ھەربىر يەرلىك دىرېكتور ئۈستىدە بىردىن پارتىيە ئەزاسى بولغان سېكرېتار بولىدۇ. بۇ كىشىنىڭ پارتىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ ھەقىقىي ھوقۇقىغا كاپالەت قىلىدۇ. ھەتتا سوتلارمۇ شۇ تۈزۈم بويىچە ئىش بېجىرىدۇ. ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ھەرقانداق قارار ياكى ئۇقتۇرۇش پارتىيەنىڭ تەستىقىسىز ئوتتۇرىغا قويۇلسا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايدۇ. مەسىلەن تۇرپاندىكى بەش يۇلتۇزلۇق كوممۇنانىڭ ئۇيغۇر دىرېكتورىنى ئەلا ئەمەلدار دەپ بېكىتكەنلىكى، بۇ ئۇنىڭ ھەممە پىلانلارنى يەرلىك پارتىيە ياچېيكىسىغا دوكلات قىلىپ كەلگەنلىكىنىڭ مۇكاپاتى. نەتىجىدە بۇ كىشنى ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئەزا قىلغان ھەمدە تۇرپان رايونىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىقىغا تەيىنلەپ ئەمىلىنى ئۆستۈرگەن.

 

شۇنداقتىمۇ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقى يوق دېگىلىمۇ بولمايدۇ. خۇددى فېئوداللىق دەۋرىدىكى بەگلەرگە ئوخشاش بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلىگەن خىتايلار شۇلار ئارقىلىق ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزىدۇ. ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا بىر-بىرسى ئۈسىتىدىن گۇمانلىنىدىغان ھوقۇق بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلار رەقىپلىرىنىڭ خىتايغا بەكرەك ياخشى كۆرۈنۈپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر يېتىپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، بىر-بىرسىنىڭ ئارقىسىدىن ھەرىكەت قىلىپ، ئۆزئارا زىدىيەتلىشىپ ئۆتۈشىدۇ. نەتىجىدە، بۇ تۈزۈم ئاز سانلىق  مىللەتلەر ئارىسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلىدۇ. ھوقۇق دېگەن ئاسانلىقچە ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس، شۇڭا يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدا داۋاملىق ھوقۇق تالىشىپ، جىدەللەر توختىماي ھاسىل بولۇپ تۇرىدۇ.

 

ئەمەلىيەتتە، ناھايىتى ئېنىقكى، بېيجىڭنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى خەن مىللىتىگە ئۆزگەرتىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى خىتاي گراژدانىغا ئۆزگەرتىشتۇر. بۇ خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقى باشقۇرغان ئوتتۇرا ئاسىياغا ئوخشاش بولۇپ، كرېمىلنىڭ مەقسىتى مۇسۇلمانلارنى رۇسلاشتۇرۇش ئەمەس بەلكى ئۇلارنى سوۋېت گراژدانىغا ئۆزگەرتىشتۇر.

 

بۇ جەھەتتە، يا ماركىس يا ئىنگلىس بولسۇن «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» نەزەرىيەسى ئوتتۇرىغا قويمىغان. بۇنىڭ ئورنىغا، ئۇلار «چوڭ مىللەت كىچىك مىللەتلەرنى يەپ تاشلايدۇ.» دەپ قىياس قىلغان. بۇ لېنىن، سىتالىن بىلەن ماۋ زېدۇڭلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىدە چوڭ پەرقى يوقلۇقىنى بىلدۈرىدۇ.  «ماركىسىزم-لېنىنىزمنىڭ ئۇنىۋېرسال ھەقىقىتىنى خىتاينىڭ رېئال ھالىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»  پرىنسىپى بويىچە، ماۋ «گەرچە خىتاي نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان بولسىمۇ، مىلادىدىن بۇرۇن ئۈچىنچى ئەسىردىكى چىن سۇلالىسىدىن باشلاپ بىرلىكتە بولغان دۆلەت بولۇپ داۋاملىشىپ كەلگەن.» دېگەن.   خىتايغا سېلىشتۇرغاندا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر بىرلەشمىسى بىر فېدېراتسىيەلىك دۆلەت بولغان. ئۆز ۋاقتىدا لېنىن رۇسىيەنى مەملىكەت دەپ ئاتاپ، باشقا قوشۇمچە جۇمھۇرىيەتلەرنى «مەملىكەتلەر» دەپ پەرقلەندۈرگەن. خىتاي بولسا ئىككىسىنى پەرقلەندۈرمەي «مىللەت» ياكى «خەلق» دەپ ئالغان. پەرق ئەتمەسلىكنىڭ مۇھىم يېرى شۇكى، خىتايغا نىسبەتەن مەملىكەتلەردە ئۆز ئالدىغا كومپارتىيەسى بولالايدۇ، بىراق مىللەتلەر ئۆز ئالدىغا ئايرىم كومپارتىيە قۇرالمايدۇ. شۇ ئارقىلىق خىتايدا خەن مىللىتى كونترول قىلىدىغان بىردىن بىر كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ بولۇشىغا كاپالەت قىلغان. ئاخىرقى باسقۇچتا كومۇنىزم تۈزۈمى قۇرۇلغاندىن كېيىن ھەممە مىللەتلەر يوقاپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق، بىراق شۇنىڭغىچە خەندىن باشقا مىللەتلەر خەن بىلەن بىرلىشىپ كېتىدۇ. ئۇندىن كېيىن خەن دۇنيا بىلەن بىرلىشىپ كېتىدۇ.

 

ماۋ زېدۇڭنىڭ يېقىن سەبدىشى جۇ ئېنلەي 1957- يىلى دېڭىز بويىدىكى شەھەر چىڭداۋ شەھرىدە ئېچىلغان ئاز سانلىق  مىللەتلەر توغرىلىق يىغىندا سۆزلىگەن مۇھىم بىر نوتۇقىدا، خىتايدىكى ئاز سانلىق  مىللەتلەرگە سوۋېتكە ئوخشاش جۇمھۇرىيەت قۇرۇلمىغانلىقىنىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. ئۇ دېدىكى، مەملىكەتلىك جۇمھۇرىيەت بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنى-ئۆزى باشقۇرىدىغان بولۇش، بىرلەشكەن بولۇش ھەمدە مۇتلەق كۆپ قىسمى بىر مىللەتتىن تەركىپ تاپقان بولۇشى كېرەك،  بىراق ش. ت. دا كەم دېگەندە 13 مىللەت مەۋجۇت بولۇپ، ئۆزئارا بىرلەشمىگەن. بۇنداق ئىش تارىختا مەۋجۇت بولۇپ باقمىغان. بۇ سۆزىگە قارىغاندا، موڭغۇل، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ تارىختىن تارتىپ دۆلەتلىرى بولغان ھەقىقەتتىن ھېچ خەۋىرى يوق ئوخشايدۇ.

 

ئۇ يەنە «خىتاي بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ ئىنقىلاب قىلغانلىقى ئۈچۈن (بۇنداق ئىش ئەمەليەتتە يۈز بەرمىگەن)، ئاز سانلىق مىللەتلەر خىتاي بىلەن جەزمەن بىللە بولۇش كېرەك.» دەپ «بۆلگۈنچىلىك چەتئەل ئىمپېرىئالىستلىرىغا ئەۋەتىلگەن ئوچۇق تەكلىپنامىغا ئوخشاش بولىدۇ.» دېگەن. بۇ سۆزى بەلكىم 1944- يىلى غۇلجىدىكى قوزغىلاڭغا قارىتا دېگەن بولۇشى ئېھتىمال. بىراق جۇ نىڭ نۇتۇقى ناھايىتى مۇھىم بولغان. چۈنكى ئۇ سۆزىدە تۈرك مىللەتلىرىنى ھۆرمەتلەش ۋە مىللەتلەر ئارا باراۋەرلىكنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. گەرچە ئۇلار كېيىنكى 23 يىل ئىچىدە قاتتىق باستۇرۇشلارغا يولۇققان بولسىمۇ.

 

ماۋ زېدۇڭ بىلەن ئۇنىڭ سەبدېشى جۇ ئىنلەي بەلكىم ئىچ-ئىچىدىن ئۆزلىرىنىڭ بەرگەن چۈشەندۈرۈشىدىن تولۇق قانائەتلەنگەن بولۇشى مۇمكىن، بىراق ئۇلار شۇ مەزگىلدىكى رېئاللىقنى ئوبدان بىلىدۇ، دەپ قارايمەن.  دېمەك، ئۇ مەزگىلدە خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇش ئالدىدا تۇرغانلىقى ئۈچۈن، چىگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش لازىم، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ش. ت. يەر زېمىنى ۋە يەر ئاستى بايلىقىنى ئىشلىتىپ ئاچ قالغان خىتاي خەلقىنى بېقىش لازىم. ماۋ بىلەن ئۆزىنىڭ سەبداشلىرى لېنىننىڭ كونا ئىمپېرىئالىست مۇستەملىكلەرگە تاللاش ئەركىنلىكى بېرىپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلغان. بىراق مەقسەتكە يەتكەندە ۋەدىسىنى بۇزىدىغانلىقنى ئالدىنئالا ئويلاشقان ئىدى. مەلۇم بىر تارىخچى بۇ سىياسەتنى «تەييارلانغان مەردلىك» دەپ ئاتىغان. ماۋ زېدۇڭمۇ لېنىنغا ئوخشاش نەتىجىنى مەقسەت قىلغان، يەنى ئالدى بىلەن يالغان داۋراڭ سېلىپ، ئاندىن كونترول قىلىشتۇر. بىراق ئۇ مەقسەتكە باشقىچە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە تىبەتلەرگە بىر مەزگىل ئۆزگەرتىپ ۋە سوتسىيالىستىك تەربىيە بېرىپ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارغا دۆلەت قۇرۇپ بەرگۈسى ياكى باشقا مەقسەتلىرىگە ئېرىشتۈرگۈسى قەتئىي يوق ئىدى. ماۋ بەلكى تۈركلەر ئاسانلىقچە «خەنلەشتۈرەلمەيدىغانلىق» ىنى چۈشىنىدۇ، شۇڭا ئۇ پارتىيەنىڭ كۈچى تېخى ئاجىز ۋاقىتتا ئېھتىيات بىلەن ئىش بېجىرىشنى كۆزدە تۇتقان. بىراق كومپارتىيە بىرئاز كۈچەيگەندىن كېيىن ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت بۇزۇلغانلىقىغا ئەگىشىپ، ئاز سانلىق  مىللەتلەرگە ۋەدە قىلغان ئەركىنلىكنى توختىتىشقا باشلىغان.

 

سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەتنى بۇزغانلىق سەۋەبى بىلەن باشقا ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقتى. بۇلارنىڭ بىرسى بولسا ئۇيغۇرلارغا يېڭى يېزىق ئىشلەپ چىقىرىشتۇر.

 

شۇ ئېسىمىزدا تۇرسۇنكى، قەدىمكىي ئۇيغۇر قەبىلىلەر «رۇنىك» يېزىقى ئىشلىتەتتى، كېيىنچە بىر خىل شەكىلدىكى سىرىئاق يېزىقىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇنى 10-ئەسىردە سوغدىلار ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كىرگەن.  ئۇندىن كېيىن ئەرەب يېزىقى ئورنىنى ئالدى. كوممۇنىست ۋە دىنغا ئىشەنمەيدىغان مىلىتارىستلار ئەرەبچە يېزىقنى ياقتۇرمايتتى. چۈنكى ئۇ قۇرئاندا ئىشلىتىلگەن يېزىق. 1956- يىلى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان بىر چوڭ يىغىندا سوۋېت مەسلىھەتچىلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز يېزىقلىرى رۇسلارنىڭ «كرىلىك» يېزىقىغا ئۆزگەرتىلدى. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن رۇسلارغا خۇشامەت قىلغان بولدى، يەنى بىر تەرپتىن ئېيتقاندا بىر قىسىم تۈرك زىيالىلار شۇ مەزگىلگىچە كرىلىك يېزىقىنى ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدى. ئەمما ھۆكۈمەتنىڭ تۈپ مەقسىتى موللىلارنىڭ تەسىرىنى يوقاتماقچى ئىدى.

 

سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت تامامەن بۇزۇلغاندىن كېيىن، خىتاي چىگرا رايونلىرىدا سوۋېتنىڭ تەسىرىنى يوقىتىشقا قاتتىق كىرىشتى. نەتىجىدە لاتىن ئېلىپبەسىنى ئاساس قىلغان رومان يېزىقىنى ئىشلىتىشكە بۇيرۇق چۈشۈردى. بۇ يېزىققا قوشۇمچە خىتايچە تېخنىك تېرمىلار كىرگۈزۈلدى. بۇ يېڭى يېزىقنى ئىشلىتىش ئارقىلىق تۈرك بىلەن خىتايلار ئارىسىدا ئالاقە  باغلايدىغان كۆۋرۈك سېلىشنى ئۈمىد قىلغان. چۈنكى شۇ مەزگىلدە خىتايغىمۇ «پىنيىن» دەپ ئاتىلىدىغان رومان ئېلىپبەسى ئىشلىتىلگەن ئىدى. يېزىق ئۆزگەرتىش پىلانىنى 1958- يىلى جاكارلىغان، بىراق ئىككى يىل كەينىگە سۈرۈلۈپ ئەمىلىيلەشتۈرۈلگەن.

 

بۇ ئالاقىلىشىش كۆۋرۈكى خىتايغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم بولىدۇ. چۈنكى ئاز سانلىق  مىللەتلەرنىڭ خىتايچىنى ئۆگىنىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى تېزراق ئاسسىمىلياتسىيە قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارالغان. فرانسىيە ئاكادىمىيەسىدە ئىشلەيدىغان ماۋرىس درۇئان «تىل بىر مەملىكەتنىڭ روھى.» دېگەن. شۇنىڭغا ئوخشاش ئەنگىليەنىڭ توكيودا تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسى «نېمە ئۈچۈن ياپونچە سۆزلەيدىغان ئەنگىليەلىكلەر شۇنداق ئاز؟» دەپ سورىغان سوئالغا «ئەگەر سىز ياپونچىنى ياخشى سۆزلىيەلىسىڭىز، سىز ياپونلۇق بولۇپ قالىسىز.» دەپ جاۋاب بەرگەن. دېمەك خىتاينىڭ كۆز قارىشىدا، تۈركلەر خىتايچىنى قانچە تېز ئۆگىنەلىسە، ئۇلار شۇنچە تېز خىتايلاشتۇرۇلىدۇ.

 

(داۋامى بار)

 

 

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

تۇنجى ئۇيغۇر رېزىنگە زاۋۇتى ئىستانبۇلدا قۇرۇلۇپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

سە ئىيۇن 9 , 2020
شەرقىي تۈركىستان يۇرتلار بىرلىكى تىجارەت گۇرۇپپىسىنىڭ قارمىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان يۇرتلار بىرلىكى ئۇستاز ھېبىبۇللا كۈسەننىڭ يىتەكچىلىكىدە ھەرقايسى يۇرت ئاقساقاللارنىڭ بىر ئارىغا كىلىشى بىلەن قۇرۇلغان بىرلىك بۇلۇپ، بىرلىك قۇرۇلغاندىن بىرى پىدايى خەلق ھەرىكىتى نامىدا مىللىي كۈرىشىمىز سېپىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قىلىپ كىلۋاتقان جامائەت توپى بۇلۇپ ھىساپلىندۇ

You May Like