مۇھاجىرەتتە يېزىلغان «سەيياھلار ئىزىدىن» ناملىق زور ھەجىملىك كىتاب  ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى

مۇھاجىرەتتە يېزىلغان «سەيياھلار ئىزىدىن» ناملىق زور ھەجىملىك كىتاب  ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى

 ئامىنە سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 17-ئاۋغۇست

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئۆز نۆۋەتتە يەنە مەدەنىيەت، تارىخ، ئەدەبىيات ۋە تىل قىرغىنچىلىقى بولۇپ، يېقىنقى 4 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر  مىللىتى مىليونلىغان خەلقىدىن ئايرىلىپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە نۇرغۇنلىغان يازغۇچى، شائىر، ئەدىبلىرىدىن ۋە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان نۇرغۇن ئەسەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. ئۇيغۇر تىلىدىن ۋە ئۇيغۇرچە كىتاب، ئەسەرلەردىن ئايرىلىپ قېلىش ئۆز نۆۋىتىدە مىللەتنىڭ تارىخى كېلىپ چىقىشى ۋە كىملىكىنى يوقىتىش بولۇپ ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن غايەت زور بىر بوشلۇقنى پەيدا قىلىدۇ. 

مانا مۇشۇنداق بىر شارائىتتا مۇھاجىرەتتىكى ئازغىنە قەلەمكەشلەر چەكلىك ئىمكانىيىتى ۋە شارائىتىدىن پايدىلىنىپ بۇ بوشلۇقنى تولۇقلاشقا تىرىشماقتا. بۇلاردىن بىرى يېقىندا نەشردىن چىققان شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان زۇلھايات ئۆتكۈر خانىمنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە خەلقىمىزگە سۇنغان « سەيياھلار ئىزىدىن » ناملىق زور ھەجىمدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر تەزكىرىسىدۇر.

دوكتور ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندى كىتاب ھەققىدە  مۇنداق باھا بەرگەن:

« كىتاب- 400پارچىدىن ئارتۇق فوتو -سۈرەت، كۈندىلىك خاتىرە ۋە بىر قىسىم ئاشكارىلانمىغان مەكتۇپلار ئارقىلىق شىمالىي ياۋروپادىكى گۈزەل ۋە تىنچ دۆلەت شىۋېتسىيە بىلەن يىراق مەركىزى ئاسىيا ئويمانلىقىدىكى قەدىمىي دىيار- شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرىسىدا 19- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاز كەم يېرىم ئەسىرلىك مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ۋە بۇ جەرياندا ئوتتۇرىغا چىققان تەكشۈرۈش، تەتقىقات نەتىجىلىرى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ كىتابتا يەنە سېۋىن ھېدىن، نىلىس ئامبۇلېت، فولىك بېرىگمان، گۇستاف راكېت، گۇننار يارىڭ قاتارلىق شىۋېتسىيە ئېكسپېدىتسىيەچىلىرى ۋە ھەر ساھەدىكى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قىدىرىش، تەكشۈرۈش جەريانىدا توپلىغان زور ھەجىملىك قىممەتلىك ماتېرىياللىرى توغرىلىق تەپسىلىي ئۇچۇرلار بېرىلگەن. » 

700 بەتتىن ئارتۇق يېزىلغان بۇ كىتابتا ئارخىپخانا ۋە مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان ماتېرىياللار، فوتو- سۈرەتلەر، بىئوگرافىيلىك كىتابلار، تېخى ھېچقانداق مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنمىغان خەت -چەكلەر ۋە ئاشكارىلانمىغان نۇتۇقلار مەنبە قىلىنغان بولۇپ، كۆز -قاراش، چۈشەنچە ۋە پاكىتلار بىرىنچى قول مەنبەلەردىن  ئېلىنغان. ئاپتورنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلىرى نەتىجىسىدە يېزىلغان ماقالىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىختىراسىدىكى مەدەنىيەتنى تارىخ چۆكمىسىدىن ئىزدەپ مىللەتچىلىك چەمبىرىكىمىزنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي ئويدۇرۇپ چىقارغان « بۇ زېمىن ئەزەلدىنلا بىزنىڭ »  دېگەن سەپسەتىسىگە ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق تەستەك ئۇرىدۇ.

كىتابنىڭ يازغۇچىسى زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: « بۇ كىتابنى يېزىش جەريانىدا شىۋېتسىيەدە ساقلىنىۋاتقان ئارخىپ ماتېرىياللاردىن مەلۇمات بېرىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇ بايلىقلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرگەن بولدۇم.  بۇ يەردە ساقلىنىۋاتقان بەش- ئالتە يۈز پارچە قوليازمىلار ئىچىدىكى بىر قوليازمىنى مىسالغا ئالساق ئۇنىڭ ئىچىدە تېبابەت، تىل -ئەدەبىيات، ئىدىيە -پىكىرلەر بولۇپ، بۇلارنى  كاتېگورىيەلەشتۈرۈش ئارقىلىق ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئىزدىنىشىگە  قۇلايلىق يارىتىپ بەردىم، شۇنداقلا بۇ مەزمۇنلارنى يېزىش ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۆزىنى سۆيۈشى، ئۆزىنى بىلىشى، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۆزىمىزنى  كۆزىتىش،  ئۇيغۇرلۇقىمىزدىن پەخىرلىنىش، مۇستەقىللىققا بولغان تەلپۈنۈشىمىزنى كۈچەيتىپ، ئۈمىدىمىزنى يوقاتماسلىق شۇنداقلا ئىلمىي پاكىتلار ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ ئەزەلدىنلا بىزگە مەنسۇپ‌ ئىكەنلىكىگە دۇنيانى قايىل قىلىش چۈشەنچىسىنىڭ ئېشىشىغا بەلگىلىك رول ئوينىدىم.» 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدىكى بارلىق خادىملار زۇلھايات خانىمنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ۋە كىتابنىڭ نەشردىن چىققانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

جەنۋەدە ئۇيغۇر رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

جۈ سېنتەبىر 17 , 2021
مۇشۇ پەيشەنبە كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا، نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ياكى يوقىتىۋىتىلگەنلىكىنى نامايەن قىلىدىغان بىر رەسىم كۆرگەزمىسى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ كۆرگەزمە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، خىتاي تەرەپ بولسا ئامېرىكىنى ...

You May Like