ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت دەۋر بۆلگۈچ ئەسەر — 12 توملۇق«ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نەشىر قىلىنىدۇ

ئۇيغۇر تارىخىنىڭ باشلانغۇچ دەۋرىدىن تاكى ھازىرقى دەۋرىگىچە بولغان سياسىي، مەدەنىي، دىنىي،ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئىلمىي، تەپسىلىي بايان قىلىپ بېرىدىغان «ئۇيغۇر ئومۇمى تارىخى» ناملىق 12 توملۇق مۇپەسسەل ئەسەر نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت دەۋر بۆلگۈچ ئەسەر- 12 توملۇق«ئۇيغۇر ئومۇمى تارىخى» نەشر قىلىنىدۇ

 


ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان
ۋاشنگىتون، 26-يانۋار، 2020-يىلى

 


ئۇيغۇر تارىخىنىڭ باشلانغۇچ دەۋرىدىن تاكى ھازىرقى دەۋرىگىچە بولغان سياسىي، مەدەنىي، دىنىي،ئىجتىمائىي ھاياتىنى ئىلمىي، تەپسىلىي بايان قىلىپ بېرىدىغان «ئۇيغۇر ئومۇمى تارىخى» ناملىق 12 توملۇق مۇپەسسەل ئەسەر نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

 


25-يانۋار، ئامېرىكا ۋىرگىنىيە شتاتى فايىرفاكىس ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇرلار ئۇيغۇر پائالىيەت مەركىزىگە يىغىلىپ ئۇيغۇر تارىخشۇناس، ئالى مۇھەررىر، تەتقىقاتچى، تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇننىڭ نەشر قىلىنىش ئالدىدىكى مۇھىم ئەسىرى- 12 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمى تارىخى» ھەققىدىكى نەشىردىن بۇرۇنقى تونۇشتۇرۇش ۋە ئالدىن سېتىش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلدى. بۇ پائالىيەتنى نەبىجان تۇرسۇن كىتاب نەشىر گۇرۇپپىسى ئۇيۇشتۇرغان.

 


دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر ئەسەرگە ئۇنىڭ موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ھازىرقى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇغان ۋاقتىدىن باشلانغان 30 يىللارچە ئىزدىنىشلىرى ۋە تەتقىقات نەتىجىلىرى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر تارىخىنى ئەينەن، توغرا ۋە ئىلمى ئۇسۇلدا يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن ھاياتى بويىچە جاپالىق ۋە تىنىمسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

 


ئۇ تونۇشتۇرۇشتا، ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر رۇسلار، ئامېرىكىلىقلار، خىتايلار، تۈركلەر ۋە باشقىلار تەرىپىدىن كۆپلەپ يېزىلغان بولسىمۇ، پاكىت، ئەينەنلىك، تولۇقلۇق ۋە بىر پۈتۈن بولۇشتا نۇرغۇن مەسىلىلەر ساقلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ مەخسۇس بىر پۈتۈن تارىخى ۋە ئايرىم دەۋرلەر تارىخى ھەققىدە يېزىلغان كىتابلار سان جەھەتتە كۆپ بولماسلىقى، مەزمۇن جەھەتتىمۇ مۇكەممەل ۋە تولۇق ئەمەسلىك، ئىلمىيلىك جەھەتتىمۇ قىسمەن نۇقسانلاردىن خالى بولماسلىقتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ،ئىزدىنىش جەريانىدا بۇ يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشقا تىرىشقان. بولۇپمۇ ھازىرغىچە دۇنيادا تېخىچە كۆپ توملۇق ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى ئەسىرى يېزىلىپ باقمىغان بولۇپ، بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ ئىشلەش ئۈچۈن كۆپ يىللار ۋە كۆپ ئىزدىنىشلارنى سەرپ قىلغان.

 


ئۇ سۆزىدە مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى موللا مۇسا سايرامى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، تۇرغۇن ئالماس قاتارلىق ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخى ھەققىدىكى مەخسۇس ئىزدىنىشلىرى ۋە تۆھپىلىرىگىمۇ ئورۇن بەرگەن بولۇپ، ئۇ،تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار»، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ « شەرقىي تۈركىستان تارىخى »ناملىق ئەسەرلىرىنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر سىياسىي ئىدېئولوگىيەسىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ ۋە رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

 


نەبىجان تۇرسۇن ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ ، بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە تارىخ كەسپى بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلغان، 1990-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كېيىنكى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر تارىخى بويىچە مەخسۇس دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇپ، 1995-يىلى تارىخ ئىلمى بويىچە دوكتور بولغان. ئۇ، كۆپ يىللار «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى»، موسكۋا شەرق ئىنىستىتۇتى، قىرغىزىستان يۈسۈپ بالاساغۇنى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەردە لېكتور ۋە دوتسېنت بولۇپ ئىشلىگەن. 1998-يىلىدىن باشلاپ، ھازىرغىچە موسكۋا ۋە ئامېرىكىدا رۇس ۋە ئىنگلىز تىللىرىدا 6 پارچە كىتاب نەشىر قىلغان ۋە ئۇيغۇر تارىخى مەسىلىلىرى بويىچە ئۇيغۇر، ئىنگلىز، رۇس، تۈرك ، قىرغىز ۋە باشقا تىللاردا 300 پارچە ئەتراپىدا ماقالە ئېلان قىلغان.

 


ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا ئالى مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىمەكتە. بولۇپمۇ ئۇ 2000-يىلى ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى ۋە قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئامېرىكا جون خوپكىنىس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ «شنجاڭ قۇرۇلۇشى» تەتقىقات لايىھەسىگە قاتنىشىپ، « شىنجاڭ : خىتايدىكى مۇسۇلمانلار چېگراسى»>ناملىق كاتتا ئەسەرنى يېزىشقا قاتنىشىپ، ئامېرىكا تارىخچىلىرى بىلەن بىرگە كىتابنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئىككى بابىنى يازغان.

 


« 12 توملۇق <ئۇيغۇر ئومۇمى تارىخى> كىتابى-ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنىڭ كىتابى »-دەپ تونۇشتۇردى رىياسەتچى ،دوكتۇر ئابدۇراخمان ئەپەندى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نەبىجان تۇرسۇننىڭ بىر قىسىم دوستلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىر گۇرۇپپا بولۇپ، مەزكۇر كىتابنى نەشىر قىلىپ تارقىتىش ۋە ئۇيغۇرلارغا ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش ۋە ئالدىن سېتىش پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرغان. مەزكۇر پائالىيەتلەر ھېچقانداق بىر گۇرۇھ ياكى تەشكىلاتقا تەۋە ئەمەس ئىكەن. مەزكۇر پائالىيەتتە ۋىرگىنىيە ۋە باشقا شىتاتلاردىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر جامائەت ئەزالىرى مەزكۇر كىتابنى قىزغىنلىق بىلەن ئالدىن سېتىۋېلىپ ئۆزلىرىنىڭ قوللاش قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىگەن.

 


نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندى نەچچە ئون يىللاپ، باش چۆكۈرۈپ، تەر تۆكۈپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى سەرپ قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بىر ئىلمىي ئەمگەكنى روياپقا چىقاردى. پائالىيەتكە قاتنىشىپ سۆز قىلغان دوكتور ئابدۇراخمان، دوكتور قاھار بارات، ئەنۋەر قادىر، دوكتور پەرھات بىلگىن ۋە باشقىلار ئۇنىڭ بۇ جاپالىق ئەمگەكلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. بولۇپمۇ نەبىجان تۇرسۇننىڭ مەزكۇر قىممەتلىك تارىخى ئەسەرنى روياپقا چىقىرىشىدا، ئۇنىڭ خانىمى مۇھەببەت خانىمنىڭ قوللىشى ۋە يېنىدا بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. كۆپچىلىك مۇھەببەت خانىمنىڭ يولدىشىنىڭ كۆپ يىللىق ئىلمى تەتقىقات خىزمىتىنى قوللاپ، ئۇنىڭ يار-يۆلەك بولغىنىغا ئارقىمۇ-ئارقىدىن رەھمەت ئېيتتى.
مەزكۇر ئەسەر 12 توم بولۇپ، پات ئارىدا ئارقىمۇ-ئارقىدىن نەشردىن چىقىدىكەن. كىتابنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ، زاكاس قوبۇل قىلىشنى باشلايدۇ. ئېلخەت ئارقىلىق ئالاقە قىلسا بولىدۇ.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ياۋروپا يەھۇدى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى قانات يايدۇردى

سە فېۋرال 4 , 2020
ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ياۋروپا يەھۇدى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى «ئۇيغۇر مەدەنىيەت قىرغىنچلىقىنى توختىتىش پائالىيتى»باشلىغان بولۇپ، ئۇلار خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىگە قاراتقان ئاسسلماتسيە ۋە قىرغىنچىلىقىنى ئەيىپلەش، نامايىش قىلىش، خەلقئارا جامائەتچىلىكنى قوزغاش، خىتتايغا بېسىم چۈشۈرۈش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى پىلانلىغان.

You May Like