گوللاندىيەدە «ئۇيغۇر چۈشى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

گوللاندىيەدە «ئۇيغۇر چۈشى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

 گوللاندىيەدە «ئۇيغۇر چۈشى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 29-ئاپرېل

ئارمان تەييارلىدى

گوللاندىيەدە «ئۇيغۇر چۈشى» نامىدىكى كىتاب نەشردىن چىقىپ بۈگۈن(29-ئاپرېل) دىن باشلاپ شۇ جايدىكى ھەرقايسى كىتابخانىلاردا سېتىلىشقا باشلىدى.

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مەزكۇر كىتابنىڭ نەشردىن چىققانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، كىتاب ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش مەقسىتىدە ئاپتور ئەخمەتجان قاسىم ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق. ئەخمەتجان ئەپەندىم شەرقى تۈركىستان/ئۇيغۇرىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 15 ياشقىچە شۇ يەردە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز مەكتەپلەردە ئوقۇغان. كېيىن ئانىسى بىلەن گوللاندىيەگە يېتىپ كېلىپ ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان، نۆۋەتتە ئۇ گوللاندىيەدە قانۇن كەسپىدە ئوقۇماقتا. 

 

ئەخمەتجان ئەپەندىم ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى ۋە بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: « مەن بۇ يىل 26 ياشقا كىردىم، كىچىكىمدە باشلانغۇچ مەكتەپنى خىتايچىدە ئوقۇغان. شۇ چاغلاردا مۇئەللىم سۆزلىگەن خىتاي تارىخىدىكى نۇرغۇن  تارىخىي شەخسلىرىنىڭ بىرىنىمۇ تونۇمايتتىم، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن قانداق باغلىنىشى بارلىقىنىمۇ بىلمەيتتىم، كېيىن ئاپامدىن سورىغىنىمدا ئۇ ماڭا ئۇيغۇرلار تارىخىدىمۇ نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئۆتكەنلىكىنى دەپ بەرگەن، ۋە مەھمۇد قەشقىرىدەك، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك مەشھۇر ئەدىبلىرىمىزنىڭ تارىخلىرىنى ھېكايە قىلىپ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. تولۇقسىز مەكتەپكە چىققىنىمدا ئاتا-ئانام مېنى ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇتتى، شۇ جەرياندا ئۆز تارىخىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىز ھەققىدە ئاز-تولا بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم. گوللاندىيەگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن يېشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاپامدىن شۇنداقلا ئەتراپىمدىكى كىشىلەردىن، تورلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم. 

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخىمۇ ئېغىرلاشقان خىتاي زۇلۇمى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلىرىمىزغا ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىك ئېلىپ كېلىپلا قالماي، ماڭا ئوخشاش ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ  نۇرغۇنلىغان زىيان ۋە تەھدىتلەرنى ئېلىپ كەلدى، جۈملىدىن ئاپام ۋە دادامغىمۇ بىۋاسىتە تەھدىت ۋە بېسىملار كەلدى. گوللاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربتىكى بىر قانچە دۆلەت پارلامېنتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن سىياسىتىنى رەسمىي ھالدا ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتتى. ئەمما نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە، گوللاندىيەدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تونۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغان كىتابلارنىڭ بەكلا ئازلىقى مېنى بەكمۇ ئېچىندۇردى. بۇ يەردىكى كىتابخانىلاردا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ كىتابلار يوق، بولسىمۇ مۇشۇ يەرلىكلەر يازغان ساياھەت خاتىرىلىرى ياكى تەتقىقات، ئانالىز كىتابلىرىنى ئاز-تولا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ كىتابلىرىدىن مەلۇم جەھەتتە ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغىلى بولسىمۇ، ئەمما يازغۇچىلارنىڭ يەنىلا ئۇيغۇر بولماسلىقى سەۋەبلىك بىزنىڭ تارىخىمىز، مەدەنىيىتىمىز، شۇنداقلا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىمىز ھەققىدە تولۇق ھەم تەپسىلىي مەلۇماتلار يوق دېيەرلىك. مەن مۇشۇ نۇقتىلارنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا 2021-يىلى مارت ئايلىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ بۇ كىتابىمنى يېزىشقا كىرىشتىم، ۋە بىر يىللىق تەييارلىق قىلىش، ماتېرىيال توپلاش قاتارلىق خىزمەتلەردىن كېيىن مانا ئاخىرى كىتابنى يېزىپ پۈتتۈرۈپ نەشرگە بەردىم.»

ئەخمەتجاننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە بۇ كىتاب گوللاندىيە تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، بۈگۈندىن باشلاپ گوللاندىيەدىكى ھەرقايسى چوڭ كىچىك كىتابخانىلاردا تەڭ بازارغا سېلىنىدىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كىتابنىڭ نەشردىن چىقىشى بىلەن شۇ يەردىكى بىر قانچە ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلىپتۇ. كەلگۈسى بىر قانچە ئاي ئىچىدە مۇشۇ كىتاب ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە گوللاندىيەدىكى بىر قانچە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مەخسۇس تېمىدا لېكسىيەلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ.

كىتابنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختالغان ئەخمەتجان مۇنداق دېدى: « كىتابتا ئۆزۈمنىڭ ۋەتەندە ئۆتكۈزگەن قىسقىغىنە 15 يىللىق ھاياتىم ۋە كېيىن چەتئەلگە چىققاندىن كېيىنكى سەزگۈزەشتىلىرىمنى تەسۋىرلەش بىلەن بىرگە ئاساسلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلار بايان قىلىپ ئۆتۈلدى. يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا قۇرۇلغان 2 قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىز، خىتايلارنىڭ مۇستەملىكە تارىخى، كېيىنكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرى، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارمۇ ئۆزۈمنىڭ توپلىغان ئۇچۇر، ماتېرىياللىرىم ئاساسىدا چۈشەندۈرۈش بېرىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا دادامنىڭ لاگېرغا تۇتۇلۇشى، ئاپامنىڭ گوللاندىيەدە ياشاپ تۇرۇپمۇ خىتايدىن كەلگەن تەھدىتلەر ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر بولۇشلىرى توغرىسىدىكى مەزمۇنلار، ئۆزۈمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەھەتتىكى ئويلىغانلىرىم، ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەلەر توغرىسىدىكى مەزمۇنلارمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىشى مۇمكىن. مەن يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتى، تىلى، تارىخى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي بىلەن تۈپتىن پەرقلىق مەدەنىيەت ۋە تارىخقا ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتىم…»

ئاخىرىدا ئەخمەتجان ئەپەندىم ئۆزىنىڭ كەلگۈسى پىلانلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى دېدى: « مەن ھازىر گوللاندىيەدە قانۇن كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن، كەلگۈسى بىر ئىككى يىل ئىچىدە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈشۈم مۇمكىن. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى پىلانىم ۋە ئارزۇيۇم بولسا، مۇشۇ گوللاندىيەدە سىياسەت ساھەسىگە كىرىپ ئىشلەش، ۋە بۇ ساھەدە داۋاملىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ خىزمەت قىلىش. ئۇنىڭدىن سىرت گوللاندىيە تىلىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا  گىئوپولىتىكا ۋە باشقا جەھەتلەردە كۆپرەك كىتابلارنى يېزىش پىلانلىرىم بار.» 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن قەھرىمان ئوسمان باتۇر

جۈ ئاپرېل 29 , 2022
دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن قەھرىمان ئوسمان باتۇر

You May Like