دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن قەھرىمان ئوسمان باتۇر

دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن قەھرىمان ئوسمان باتۇر

 دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن قەھرىمان ئوسمان باتۇر

ئابدۇرېھىم غېنى

بۈگۈن 4-ئاينىڭ 29-كۈنى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى- ئوسمان باتۇر، خىتاي كوممۇنىست  ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن1951-يىلى ئۈرۈمچىدە 52 يېشىدا دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن كۈن. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن ھاياتىنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنى شەرقى تۈركىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان قىلغان قەھرىمان ئوسمان باتۇرنى چۇڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ياد ئىتىمەن. 

ئوسمان باتۇر 1899 – يىلى شەرقى تۈركىستاننىڭ  ئالتاي ۋىلايىتى كۆكتوقاي ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ ،1940 – يىلى 12 – ئاپرېل جاللات شېڭ شىسەي  قازاق خەلقىنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋېلىش بۇيرۇقىغا بويسۇنمىدى دېگەن باھانىدە ئالتاي باشبۇغى ۋە قازاقلارنىڭ ئاقساقىلى شېرىپقان تۆرىنى قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ، ئوسمان ئىسلام بىردىنلا قازاق خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى قەھرىمانىغا ئايلىنىپ ، كۈرەشنى داۋام قىلغان . ئۇ « باتۇر» دەپ ئاتالغان . 1942 – يىلى 22 – ئىيۇل ئالتاي قازاقلىرىنىڭ خانى دەپ قوبۇل قىلىنغان. ئۇ جاپالىق كۈرەشلەر ئارقىلىق 1945 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئالتاي ۋىلايىتىنى ئاساسەن كونترول قىلىپ بولغان. شۇ يىلى 9 – سېنتەبىر سارسۈمبىنى ئالغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى ئوسمان باتۇر قوشۇنى بىلەن غەلىبىلىك ئۇچرىشىپ، ئۆز ئارا بىرلەشكەن. ئوسمان باتۇر ئالتايغا ۋالىي بولغان. ئەمما 1946 – يىلدىكى كېلىشىمدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىدىن نەچچە پىرقىگە بۆلۈۋەتكەن ھىيلىگەر خىتاي ھاكىمىيىتى ئوسمان باتۇر بىلەن مىللىي ئارمىيە ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىپ، ئۆز ئارا قىرغىن قىلدۇرۇش مەقسىتىگە يەتكەن. 1949 – يىلى ستالىن ۋەتىنىمىزنى قىزىل خىتايغا ھەدىيە قىلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار گېنېرال يولۋاسنىڭ قوماندانلىقىدا قۇمۇلدا تەشكىللىنىپ، ئوسمان باتۇر بىلەن بىرلىشىپ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى ۋەتىنىمىزگە كىرگۈزمەسلىك ئۈچۈن جان تىكىپ، قان كېچىپ جەڭ قىلغان. بىراق ئىلغار قوراللار ئالدىدا ئامالسىز قېلىپ، ھازىرقى كۆكنۇردا قارشىلىقنى داۋام قىلغان. ئاقىۋەت ئارقا سەپ تەمىناتى بولمىغاچ، يولۋاس نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ۋە قازاق مۇھاجىرنى باشلاپ تىبەت ئارقىلىق ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەن. ئوسمان باتۇر 1951 – يىلنىڭ بېشىدا تۇتقۇن قىلىنىپ، شۇ يىلى 29 -ئاپرېل ئۈرۈمچىدە تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەن. 

شېھىت ئوسمان باتۇرنىڭ روھى مەڭگۈ شەرقى تۈركىستانلىقلار بىلەن بىرگە.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى فىنلاندىيەدە زىيارەتتە بولدى

شە ئاپرېل 30 , 2022
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى فىنلاندىيەدە زىيارەتتە بولدى

You May Like