تۆرىلەر ئەسلىمىسى: كوممۇنىستلار كىلىۋاتىدۇ…

ئابدۇرەشد ئۇيغۇر تۆرە

يىل 1949.يىلى

قەشقەر دىيارىدا ئەھۋال جىددىيچىلىك ئىدى. گومىنداڭ خىتاي مەغلۇپ بولۇپ گۇڭسەنداڭ خىتاي ۋەتىنىمىزگە ئاياق باسقان پەيت ئىدى. قەشقەرنىڭ ئاقسۆڭەك باي كاپىتالىستلىرى ئۆرە تۆپە بولۇپ كەتتى. «كوممۇنىستلار دىندارلارنى قىرىۋتىدىكەن. بايلارنىڭ مۈلكىنى تارتىۋالدىكەن» دىگەندەك خەۋەرلەر قەشقەرنى قاپلىغان ئىدى. قەشقەرنىڭ نوپۇزلۇق كىشلىردىن خالىق ئاخۇن باي ئىنىسى ئىبراھىم ئاخۇنغا مۇنداق دىدى: ئۇكام ، بۇيەرنىڭ ئەمدى تۇرغۇچىلكى قالمىدى، سىز مال مۈلۈكلەرنى يىغىشتۇرۇپ ئەركەشتام ئارقىلىق چىگىردىن ئۆتۈپ ھىندىستاندا ساقلاپ تۇرۇڭ، مەن دۇكاننى يىغىشتۇرۇپ كەينىڭىزدىن باراي.
ئىبراھىم ئاخۇن؛ ئاكا بىزدە پەقەت بىرلا يول خىتى بار. سىلدە يول خىتى يوق قانداق بارالا؟
خالىق ئاخۇن بىردەم ئويلىنىپ بىر ئەقىل تاپتى: ئۇكام سىز ھىندىستانغا بىرىپ ئۆتەڭگە چۈشكۈن قىلغاندىن كىيىن يول خىتىنى ماڭا ئەۋەتىپ بىرىڭ،بىر يول خېتى بىلەن ئىككىمىز كىتىمىز. چىگرا خىتايلىرىغا كۆمۈش تەڭگە بەرسەك ھەل بولۇپ قالار..

ئىبراھىم ئاخۇن ماقۇل بولۇپ مال مۈلكىنى تۆگىگە ئارتىپ يولغا چىقتى. ئاكىسى خالىق ئاخۇن كەينىدىن كەلمەكچى بولدى.
يول خېتى بىرتال، ئاكا ئۇكا ئىككەيلەن ئۇزاق سەپەرگە كەتمەكچى. بولۇپمۇ پۈتۈن ئائىلە كەتمەكچى بۇ قانداق ئەمەلگە ئاشار؟ ئۇزۇن يىللىق تىجارەت ساھەسىدە ئىگىلىك تىكلىگەن تاپقان تەرگىننىڭ ئالغىنىنى ئىلىپ قالغىنى قېلىپ ئۇششاق بالا نەۋرە چەۋرە بىلەن ئات ئۇلاغ ئارقىلىق چەتئەلگە كىتىش ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە. بولۇپمۇ بۇ ئائىلنى قورقۇتقان نەرسە گۇڭسەنداڭ خىتاينىڭ ھىچكىمگە رەھىم قىلماي دىندار ۋە كاپىتالىستلارنى يوق قىلىشى ئىدى. گومىنداڭ خىتايلىرىغا ئاز تولا پارا بىرىپ مىللىي ئاقارتىش مائارىپ ئىشلىرنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلگىلى بولاتتى.ئەمما ماۋۇ ئاچ قالغان قاراقچى خىتايلارغا مائارىپتىن سۆز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خالىق ئاخۇن باينىڭ قەين ئاتىسى ئابدۇغوپۇر بەگنى 1937. يىلى شىڭ شىسەي، مىللىي ئىنقىلابقا ياردەم قىلغان دەپ ھاككا بىسىپ تىرىك كۆمۈۋەتكەن ئىدى.
شۇنداق قىلىپ خالىق ئاخۇنباي ئىنىسى ئىبراھىم ئاخۇننى نەچچە تۆگىگە ئارتىلغان مال مۈلك بىلەن ئەركەشتامغا يولغا سالدى. ئۆزى ئۆي ۋاقا بالا چاقىنى يىغىشتۇرۇپ كەينىدىن كەلمەكچى بولدى. ئىبراھىم ئاخۇن ھىندىستانغا كىلىپ ئورۇنلاشقاندىن كىيىن يول خىتىنى كارۋان ئارقىلىق ئاكىسىغا ئەۋەتىپ بەردى. رەسىمدىكى ئاكا ئۇكىلار بىر بىرگە ئوخشىغاچقا ئانچە چانمايتى. خالىق ئاخۇن ئالغىنىنى ئالدى،قويغىنىنى قويدى. ئائىلنى يىغىشتۇرۇپ يولغا چىقتى. بۇ ۋاقىت 1949.يىلنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى ئىدى. گومىنداڭ خىتاي مەغلۇپ بولۇپ گۇڭسەنداڭ خىتاي غەلىبە قىلغان، چىگرا تامۇژنىلىرى گۇڭسەنداڭنىڭ قولغا ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت ئىدى.

  • سەن كىمۇ ؟ نىمىشقا چەتئەلگە ماڭىسەن؟
    چېگرادىكى خىتاي خالىق ئاخۇننى سوراققا تۇتتى.

– مەن ھەجگە ماڭماقچى. مۇسۇلمانلاردا ھەج قىلدىغان ئادەت بار.

رەسىمدىكى سەنمۇ؟ ئانچە ئوخشىمايدىكەنسەن.ئىسمىڭ نىمە؟

  • ئىسمىم ئۇرايماخۇن . بۇ رەسىمگە مەن 10 يىل بۇرۇن چۈشكەن.

ئۇيغۇرچە تەرجىماندىن تەپسىلاتنى ئاڭلاپ تۇرغان خىتاي ، خالىق ئاخۇننى چىگرادىن ئۆتكۈزمىدى.ئۇننڭ ئىيتىشچە مال مۈلكىنى چىگرادىن ئىلىپ چىقىپ كىتىشكە بولمايدىكەن.
خالىق ئاخۇن كەينىگە يېنىپ قەشقەرگە كەتتى.بىرمەزگىل ئۆتۈپ پۇقراچە كىينىپ قايتا تەييارلىق قىلىپ يولغا چىقتى.

  • چىگرا تاقاق. ھىچكىمنىڭ ئۆتىشىگە بولمايدۇ.
    چېگرادىكى خىتاي خالىق ئاخۇننى ئۆتكۈزمىدى. پۇل بىرەي دېسىمۇ، موما يەپ شىفەن ئىچىپ قوسقى تويۇپ قالغان خىتايلار،گۇڭسەنداڭغا قاتتىق ساداقەتمەنلىك كۆرسىتىپ باينىڭ كۆمۈش ئاقچىلىرىنى » كوللىكتىپنىڭ پۇلى» دەپ مۇسادىرە قىلدى يۇ، چىگىردىن ئۆتكۈزمىدى. خالىق ئاخۇن قەشقەرگە قايتىپ كەتتى. ئۇنىڭ كىيىنكى ۋاقىتلىرى ئىنتايىن قالايمىقانچىلىق، سۈرگۈن ئىچىدە ئۆتتى. مەدىنيەت ئىنقىلابىدا پۈتۈن مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ ئۆزىنى باشقا يۇرتقا سۈرگۈن قىلدى. يەر زىمىن بايلىقىنى خىتاي تارتىۋالدى.

ئىبراھىم ئاخۇن ئاكىسىنى ساقلاپ ، بولۇمسىز خەۋەر ئالغاندىن كىيى ،مۈلكىنى ئىلىپ ھەرەمگە قاراپ يولغا چىقتى. ھەرەمدىكى قەشقەر رابات نى بىرنەچچە يۇرتداشلىرى بىلەن قۇرۇپ چىقىپ ھەجگە كەلگەنلەرنى ھەقسىز ياتاق بىلەن تەمىنلىدى. ۋەتەندە مىللىي ئاقارتىش ئىشلىرىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەن يارباغ ئائىلسى چەتئەلدىكى ۋەتەنداشلارنىڭ مائارىپ، ئوقۇتۇش ئىشلىرىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ تۇردى. تۈركىيە ۋە ئەرەبىستان ئارسىدا ، ۋەتەندىن كەلگەن قېرىنداشلارنىڭ ھەج ،ئوقۇش ئىشلىرىغا خالىسانە ياردەملەرنى قىلىپ تۇردى. چەتئەلدىكى كونا ئۇيغۇرلارنىڭ جەمەت ئىسىملىرى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ ، ئاخۇنباي، مۇساباي، كاشغەرىي قاتارىدا يارىباغ (ياۋاغ )ئائىلسى ھازىرغىچە ساقلىنىپ تۇرۇپتۇ.
چوڭ دادام رەھمەتلىكتىن بىزگە مىراس قالغان بىر ئىغىز ھىكمەتلىك سۆز : ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

قسقا خەۋەر: تۈركىيە تاشقى ئ‍شلار منستىرى خاقان فىدان ئۇكرائىنانى زىيارەت قىلدى.

شە ئاۋغۇست 26 , 2023
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئ‍شلار منستىرى خاقان فىدان 26-ئاۋغۇست ئۇكرائىنا پايتەختى كېيۋنى زىيارەت قىلدى، خاقان ئۇكرائىنا تاشقى ئ‍شلار منستىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ قەبرىسگە گۈلچەمبىرەك قويدى. تۈركىيە ئىلگىرى روسيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ يارىشپ قىلىشى، ئۇرۇش ئەسرلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۇكرائىنا ئاشلىقلىرىنى قارا دىڭىز ئارقىلىق دۇنيا بازىرىغا توشۇش قاتارلىق […]

You May Like