قسقا خەۋەر: تۈركىيە تاشقى ئ‍شلار منستىرى خاقان فىدان ئۇكرائىنانى زىيارەت قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە تاشقى ئ‍شلار منستىرى خاقان فىدان 26-ئاۋغۇست ئۇكرائىنا پايتەختى كېيۋنى زىيارەت قىلدى، خاقان ئۇكرائىنا تاشقى ئ‍شلار منستىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنىڭ قەبرىسگە گۈلچەمبىرەك قويدى.

تۈركىيە ئىلگىرى روسيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ يارىشپ قىلىشى، ئۇرۇش ئەسرلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۇكرائىنا ئاشلىقلىرىنى قارا دىڭىز ئارقىلىق دۇنيا بازىرىغا توشۇش قاتارلىق كىلىشملەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە تۆھپە قوشقان بولۇپ، بۇنىڭدا ئەردوغاننىڭ ھەم روسيە ھەم ئۇكرائىنا بىلەن نازۇك مۇناسۋەتنى ساقلاپ قىلىشى مۇھىم رول ئوينىغان.

تاراتقۇلار ئەردوغان قايتا سايلانغاندىن كىينكى ھەرىكەتلىرىدە، « روسيە ۋە ختاي ئېتتپاقىدىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشپ، غەرپكە يېقىنلشىش شەپىسىنى بەرمەكتە »دەپ چۈشەندۈرمەكتە.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك كىم؟

شە ئاۋغۇست 26 , 2023
Mustafa Kemal Atatürk, Mustafa Kemal Pasha  1881-يىلى،سالونيكا يەنى ھازىرقى گېرىتسيەنىڭ سسالونىكا شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1938-يىلى 10-نويابىر ئ‍ستانبۇلدا ۋاپات بولغان.ئۇ ئەسكەر، سياسىئون ۋە ئ‍سلاھاتچى،تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى پىرەزدىنتى (1923-1938).ئۇ تۈركىيەنىڭ قانۇن ۋە مائارىپ تۈزۈلمسنى زامانىۋىلاشتۇرغان، ياۋروپا تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان.لاتىنچە ئىېلىپبەگە كۆچۈش ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ فامىلە ئۇسۇلىنى قوللىنشقا ئىلھام بەرگەن. ئاتا […]
مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك

You May Like