سياسى ئانالىز: خاقان فىدان ئۇيغۇرستان زىيارىتىنىڭ ئىجابى ۋە سەلبى تەرەپلىرى

خاقان فىداننىڭ ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر زىيارىتى-ئۇيغۇرلار، تۈركىيە ۋە ختاي ئۈچۈن نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ بۇ زىيارەتنىڭ پايدىسى كىملەرگە بولىدۇ ؟

كىملەر زىيان تارتىدۇ؟

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىجابى تەرەپلىرى:

1-بۇ زىيارەت ختايغا «تۈركىيە ھىلىھەم ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ.»دىگەن ئۇچۇرنى بىرىدۇ. بۇ 12 يىلدىن كىين ئىلىپ بىرىلغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك زىيارەت ھسابلىنىدۇ.

2-خاقان فىداننىڭ «ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر-تۈرك ۋە ئ‍سلام شەھەرلىرىدۇر» دىگەن سۆزى ختايغا بىرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى .بۇ ختاينىڭ بۇ شەھەرلەرنى تۈركسزلەشتۈرۈش ھەرىكىتىگە نارازىلىق ئىپادىلەيدۇ، ئەمما بۇنداق ئىبادىلەر ختاينىڭ قورقۇنچىسنى ئاشۇرۇپ، ئۇيغۇرسزلاشتۇرۇش-تۈركسزلەشتۈرۈش قەدىمىنى تىزلىتىشكە سەۋەب بولۇشتىن باشقىغا يارىمايدۇ.

3-تۈركىيەنىڭ ختاينى «ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنى ھوقۇقلىرىنى قوغداش»قا تەكلىپ قىلىشى- ئەھمبيەتكە ئىگە. تۈركىيە ختاي بىلەن دوستانە دۆلەت، شۇنداقلا ئېقتسادى جەھەتتە ختايغا تايانغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ختاي بىلەن يامانلىشپ قىلشنى خالىمايدۇ، شۇڭا تۈركىيە« قىرغىنچىلىقنى توختات »دىيەلمەيدۇ.

4-«ئۇيغۇرلار-داۋاملىق كۆۋرۈك»بۇ زىيارەت-ختاينىڭ قىرغىنچىلىقنى مەخپى ھالدا يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئاساسلىق مەقستى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ غوللۇق مەدەنى، مەنىۋى كۈچىنى يوقتىپ بولغان ۋاقتىغا توغرا كەلدى. شۇڭا خاتىرجەم ھالدا رايوننى سرتقا ئاچىدىغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ.

5-بىر قسم ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن ئۆز كۆڭلىنى يەنە بىر مەزگىل خوشال قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەلبى تەرەپلىرى:

1-خاقان فىدان ھىچقانداق بىر سۆزىدە، ختاينى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ياكى «ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇقى» سەۋەبلىك كەسكىن بىر جۈملە ياكى بىر سۆز بىلەن تەنقىد قىلىپ باقمىدى. بۇ ختايغا بىرىلگەن قوللاش سىگنالى ، بىر خاتا ئۇچۇر بولۇپ، ختاي بۇنىڭدىن داۋاملىق ئۇيغۇرلارغا قارشى پايدىلىنىدۇ.

2-خاقان فىدان ختاي ھۆكۈمىتى بىلەن كېلىشكەن بويىچە، ختاي ھۆكۈمىتى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان مەسجىد، كوچا، دۇكانلارنى ئايلاندى.ئورۇنلاشتۇرۇلغان كىشلەر بىلەن قسقا سۆزلەشتى. تىچ، ياخشى ۋەزىيەت كۆز-كۆز قىلىندى. ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىلىپ بىرىلغان زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق كارتىنىلىرى ئۇنىڭدىن قاچۇرۇلدى. بۇ ختاينىڭ ھىلە-مىكىرلىرىدىن خەۋەرسز تاراتقۇلار، ختاي دائىرلىرى ۋە باشقا يامان نىيەتلىك كىشلەر ئارقىلىق-ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشقا ئ‍شلىتىلىدۇ.تۈركىيەدىكى كۆپ قسم تاراتقۇلار ئاللىقچان بۇ زىيارەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى ياشاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا باشلىدى.مەسلەن ئاخشام، ساباھ..قاتارلىقلار.

3-خاقان فىدان ئۇيغۇرلارغا زىيانلىق خەتەرلىك سۆزلەرنى داۋام قىلدى: «تۈركىيە-ختاينىڭ زېىمىن پۈتۈنلۈكىنى پۈتۈنلەي قوللايدۇ. تۈركىيە ختاي بىلەن تىرورلۇققا ئورتاق قارشى تۇرىدۇ.تۈركىيە ختاينىڭ ئىچكى ئ‍شلىرىغا ئارىلاشمايدۇ.»

بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قانداق سياسى كەلگۈسى ئۈچۈن زىيانلىق.ئۇيغۇرستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ھاياتى ئۈچۈنمۇ زىيانلىق.

تۈركىيە ئۈچۈن پايدىسى:

سياسى نۇقتىدىن ئالغاندا، خاقان فىداننىڭ زىيارىتى-تۈركىيە ئۈچۈن ئۇتۇقلۇق زىيارەت بولدى.

تۈركىيە دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ زىيارەتتىن يەتمەكچى بولغان مەقسدى -ئۆز دۆلەت مەنپەئىتىنى ئاساس قىلىدۇ: ختاي بىلەن مۇناسۋەتنى كۈچەيتىش، ئېقتساد ۋە ساياھەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشتا ختاي بىلەن ھەمكارلىشش.

خاقان فىدان بېجىڭدا يەنە ۋاڭيىدىن تۈركىيەنى ختاي باشچىلىقىدىكى ئامېرىكىغا قارشى بېرىكىس (ئالتۇن كېسەل)دۆلەتلەر بىرلەشمىسگە ئەزا قىلىشقا ئىلتىجا قىلدى.

خاقان فىدان-ئاق پارتىيەنىڭ ئەزاسى، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىشى -تۈركىيە دۆلەت ئىچىدىكى ئۆكتىچى -تەنقىدچىلەرگە «مانا بىز نەق مەيداننى كۆردۇق، ختايغا بىزنىڭ شەرقى تۈركستانغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈردۇق»ديىش بىلەن ئاق پارتىيە دۇچ كىلىۋاتقان تەنقىدنى ئازايتىدۇ.

ختاي ئۈچۈن:

ئەگەر تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرستان زىيارىتى ختايغا قىلچە زىيان ئىلىپ كىلىدىغان بىر ئاقىۋەت بولسا، ختاي ھەرگىز تۈركىيەنى ختاينى زىيارەت قىلىشقا يول قويمايدۇ.

ختاينىڭ بېخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.شۇڭا ختاي زىيارەتكە شەرت قويىدۇ، ختاينىڭ زىمىن پۈتۈنلۈكىنى ھۈرمەت قىلىسز، تىرورغا قارشى ئۇرۇشىمىزنى قوللايسز، كىشلىك ھوقۇق مەسلىسدە، ختاينى سەتلەشتۈرمەيسز، تەنقىد قىلمايسز، چىرايلىق كىلىسز، چىرايلىق كتسز. تۈركىيە ماقۇل-دەيدۇ.

ئۇنداقتا ختاي نىمىگە ئېرىشدۇ:

1-ختاي-تۈركىيەگە ئۇيغۇرستاننى زىيارەت قىلىشقا ئىجازەت بىرىش ئارقىلىق-تۈركىيەگە چوڭ يۈز بىرىدۇ، بۇنى تۈركىيە دىپلوماتىك سوۋغات سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ، ختاي بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشدۇ.تۈركىيە ختايغا بىر قەرز بولىدۇ.

2-تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرستان زىيارىتى-ختاي ئۈچۈن پايدىلىق، چۈنكى بۇ زىيارەت ئارقىلىق ختاي غەرپ دۆلەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان ياخشى پۇرسەت تاپىدۇ.

3-ختاي بىلەن تۈركىيە ئورتاق ھالدا ئامېرىكىغا قارشى ئوخشمىغان دەرىجىدە كەيپىياتقا ئىگە. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئامېرىكىغا قارشى ھەمكارلىقتا ختاي تۈركىيەنى يوقتىشنى خالىمايدۇ. ختاينىڭ پىلانى-روسيە، ئوتتۇرا شەرق، ئافرىقا، ئوتتۇرا ئاسيانى ئۆز ئىچىگە كەڭ رايونلاردا ئامېرىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، بۇ سەپتە تۈركىيە كۈچلۈك رول ئالمىسمۇ، دىپلوماتىيە جەھەتتە بتەرەپ تۇرۇشنى قولغا ختايغا پايدىلىق.ھەتتا پەلەستىن مەسلىسدە، تۈركىيە بىلەن ختاي ئورتاقلىقىنى ناھايتى روشەن

خۇلاسە: بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئۇتقۇچىسى-تۈركىيە ۋە ختاي ھسابلىنىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تۈركىيە ئۆز ئاپتوموبىللىرىنى قوغداش ئۈچۈن ختاي ئاپتوموبىللىرىدىن 40% دىن ئارتۇق باج ئالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى

يە ئىيۇن 9 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 9-ئ‍يۇن تۈركىيە سودا منسترلىكى تۈركىيدە ئ‍شلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارنى قوغداش ئۈچۈن ختايدىن كىلىدىغان ئاپتوموبىللاردىن 40% دىن ئارتۇق باج ئالىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. ختاي ئاپتوموبىللىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئىغىر تاموژنا جازاسىغا ھەتتا چەكلەشكە دۇچ كەلمەكتە. ختاي ھۆكۈمىتى ختاي ئاپتوموبىللىرىنىڭ خەلقئارا بازارنى ئىگەللىشى ئۈچۈن ئۇلارغا ئېكسپورت تولۇقلىما بېجى بىرىدۇ، بۇ ختاي شركەتلىرىگە […]
ختاي ئاپتوموبىل

You May Like