غۇلجا قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇماڭ

غۇلجا قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇماڭ

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر 

‏‎بۈگۈن يەنى 5- فېۋرال ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە جاراھەتلىك ۋەھىمە پەيدا قىلغان «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» بولغان كۈن. غۇلجا 1944-يىلى 11-ئاينىڭ `12-كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا جاكارلىغان 2 – قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان يەر. شۇڭا ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئەڭ سەزگۈر رايونلارنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن 25  يىل مۇقەددەم، يەنى 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياش ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىتنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەشرەپ ۋە پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ چەكلىنىشى، باللار ۋە ئاياللارنىڭ خىتاي شەھەرلىرىگە ئالداپ ئېلىپ كېتىلىشى، زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ يامراپ كېتىشىگە يول قويۇلۇشى قاتارلىق ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى تىنچ شەكىللىك نامايىش قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ نامايىشتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ، ساقچى، قوراللىق ئەسكەرلەر، ساقچى ئىتلىرى ۋە كۆيدۈرگۈچ قوراللارنى ئىشلىتىپ نامايىشنى قانلىق باستۇرغان. ئىككى ھەپتىگىچە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈپ، ئۆيمۇ -ئۆي كىرىپ نەچچە مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنى تۇتۇپ كەتكەن. 2-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى ئۈستى ئوچۇق بىر مەيدانغا توپلاپ، قېلىن قارنىڭ ئۈستىدە يالاڭئاياق مېڭىشقا مەجبۇرلىغان ۋە يۇقىرى بېسىملىق شىلانكىدا سۇ چېچىپ پۇت-قوللىرىنى توڭلىتىۋەتكەن. پۇت-قوللىرى ئۈششۈپ كەتكەنلەرنىڭ پۇت-قوللىرى كېسىۋېتىلگەن. نامايىش يىتەكچىلىرىگە ئومۇميۈزلۈك ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن. بىز ھەر يىلى « 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش قىلىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 73 يىلدىن بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئارقىلىق بۇ قاباھەتلىك كۈننى ئەسلەيمىز.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

شىۋېتسارىيەنىڭ لوزان شەھىرىدە مىڭلارچە تىبەت، ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭلۇقلار خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىككە قارشى نامايىش قىلدى

پە فېۋرال 3 , 2022
بۈگۈن شىۋېتسارىيەنىڭ لوزان شەھرىدە مىڭلارچە تىبەت ،ئۇيغۇر،موڭغۇل.ۋە خوڭكوڭلۇقلار خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈدىغان ئولېمپىكقا قارشى نامايىش قىلدى. نامايىشنى شىۋېتسارىيەدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى،شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى، ۋە شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق ۋە قىلىدىغان تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان بۇلۇپ نامايىش بىر سائەتلىك شەھەر ئىچىدە داغدۇغۇلۇق يۈرۈش ۋە خەلقارا ئولىمپىك كومتىتى ئالدىدا ھەر قايسى تەشكىلاتلار خەلقارا ئولىمپىك كومتىتىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەرتىپلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.

You May Like