دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى فىنلاندىيەدە زىيارەتتە بولدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى فىنلاندىيەدە زىيارەتتە بولدى

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى فىنلاندىيەدە زىيارەتتە بولدى

يۈسۈپجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 30-ئاپرېل

30-ئاپرېل «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئىجرائىيە كومىتېتى مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋدۇن، ئاياللار كومىتېتى ۋەكىلى زۇمرەتئاي ئەركىن قاتارلىق كىشىلەردىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا ۋەكىللەر فىنلاندىيە پايتەختى خېلسىنكىدا زىيارەتتە بولغان.

زىيارەت جەريانىدا د ۇ ق ۋەكىللىرى فىنلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى فىنلاندىيە شۆبىسى، فىنلاندىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، ئاياللار كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈشتە بولۇپ سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

29-ئاپرېل كەچتە فىنلاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا  ئىپتار پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە د ۇ ق ۋەكىللىرى ۋە فىنلاندىيە پارلامېنت ئەزاسى ھۈسەيىن ئالتاي ئەپەندى ۋە تۇنىس جۇمھۇرىيىتىنىڭ فىنلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سارە شەئۋانى خانىملار ئىشتىراك قىلغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى كونسۇلى روزا ھېيتلىق قىزىل بولاق تارقاتقان

شە ئاپرېل 30 , 2022
خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى كونسۇلى روزا ھېيتلىق قىزىل بولاق تارقاتقان

You May Like