تۇنجى ئۇيغۇر رېزىنگە زاۋۇتى ئىستانبۇلدا قۇرۇلۇپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان يۇرتلار بىرلىكى تىجارەت گۇرۇپپىسىنىڭ قارمىقىدىكى
شەرقىي تۈركىستان يۇرتلار بىرلىكى ئۇستاز ھېبىبۇللا كۈسەننىڭ يىتەكچىلىكىدە ھەرقايسى يۇرت ئاقساقاللارنىڭ بىر ئارىغا كىلىشى بىلەن قۇرۇلغان بىرلىك بۇلۇپ، بىرلىك قۇرۇلغاندىن بىرى پىدايى خەلق ھەرىكىتى نامىدا مىللىي كۈرىشىمىز سېپىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قىلىپ كىلۋاتقان جامائەت توپى بۇلۇپ ھىساپلىندۇ

سەدەف

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

2020-6-8

 

شەرقىي تۈركىستان يۇرتلار بىرلىكى تىجارەت گۇرۇپپىسىنىڭ قارمىقىدىكى
شەرقىي تۈركىستان يۇرتلار بىرلىكى ئۇستاز ھېبىبۇللا كۈسەننىڭ يىتەكچىلىكىدە ھەرقايسى يۇرت ئاقساقاللارنىڭ بىر ئارىغا كىلىشى بىلەن قۇرۇلغان بىرلىك بۇلۇپ، بىرلىك قۇرۇلغاندىن بىرى پىدايى خەلق ھەرىكىتى نامىدا مىللىي كۈرىشىمىز سېپىدە تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى قىلىپ كىلۋاتقان جامائەت توپى بۇلۇپ ھىساپلىندۇ. بۇ بىرلىك قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا مۇھاجىراتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ياخشىلاش، مىللىتىمىزنى ئۆزئارا ھەمكارلىق ئاساسىدا تەڭ تەرەققىي قىلىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش ئىمكانىيتى يارىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ، بىر قىسىم ئىلغار پىكىرلىك تىجارەتچىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، تىجارەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىققان ئىدى. يېقىندا تىجارەت گۇرۇپپىسىدىكى 60 نەپەر ئەزالارنىڭ 10 مىڭ لىيرا دىن پۇل چىقىرىپ ھەمكارلىشىشى بىلەن ، پاي چەك ئاساسىدىكى ئۇيغۇر رىزىنگە زاۋۇتىنى قۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى.

 


بۇ بىرلىكنىڭ يەنە بىر قانچە ئىقتىسادى پىلانلىرى بۇلۇپ، مۇشۇ پىلان لاھىيە ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنى ھەمكارلىشىپ تىجارەت قىلىشقا ۋە ئۇيغۇر كارخانىچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قەدىمىنى تىزلىتىشكە، شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇر مىللىي كۈرەشلىرمىزنى ئۆز كۈچىمىز بىلەن توغرا ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىشقا يىتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

 


ئىقتىسادى قۇرلۇش يۇلىدا بېسىلغان بۇ تۇنجى قەدەم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي قەدىمىنىڭ باشلىنىشى بۇلۇپ قالغۇسى.
ئاگىنىتلىقىمىز نامىدىن ئىشلىرىڭلار نىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

Untitled Reusable Block

جۈ ئىيۇن 12 , 2020
بىكار قالغان چاغدا كىم يولغا سالغان، كىملەر تەشۋىق قىلغان، بۇ ئىشنىڭ پايدا زىيىنى، دېگەنلەر توغرىلۇق گەپ قىلغىلى ئەدەم چىقمايدۇ. ئەمدى ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە تاقىشىدىغان ئىش يۈز بەرگەندە باھانە ئىزدەپ تۈگۈلىۋېلىشنى، ياردەم، چارە ئۈستىدە سۆز قىغانلارنى ئۇستىلىق بىلەن ئەيىپلەشنى توختاتمايدىكەن. ئەمەلىيەتتە دىنى، مەزھىپى، ئېدىلوگىيىسى نېمە بولسۇن خىتتايغا قارشىلام يول تۇتقان بىر ئۇيغۇر […]

You May Like