«ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» دەرسلىك كىتابلىرى نەشردىن چىقىش ئالدىدا

تۆۋەندىكى مەزمۇن «ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى»ئېجتىمائى تاراتقۇ ھېساۋىدىن ئىلىندى.

«ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى» 2020 – يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتىدا تولۇق ئوتتۇرىغىچە تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى دەرسلىكلىرىنىڭ كەمچىل بولۇشىدەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن، بىر يۈرۈش ماتېرىياللارنى تەييارلاپ كەلگەنىدى. 2023 – يىلى ئەدەبىيات تەييارلىقى باسقۇچى ئۈچۈن بىر، تىل – ئەدەبىيات باسقۇچى ئۈچۈن ئالتە پارچە دەرسلىك كىتاب، يانداش مەشىقلەر ۋە ئوقۇتۇش قوللانمىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەييارلاپ بولدى. 2024 – يىلى فېۋرالدا بىر يىل تۈزۈش، ئىككى يىل رەسمىي سىناق قىلىش جەريانلىرىدىن ئۆتكەن ئەدەبىياتقا كىرىش (ئېلىپبەنى تۈگەتكەن ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن) ۋە تىل – ئەدەبىيات (1- يىللىقلار ئۈچۈن) كىتابلىرىنى رەسمىي نەشرگە سۇندى. قالغان باسقۇچلارمۇ ئالدىمىزدىكى ئىككى يىل ئىچىدە ئارقىمۇئارقىدىن نەشرگە تەييارلىنىدۇ.

دەرسلىك كىتابلار يېقىندا نەشردىن چىقىدۇ ۋە زاكازلارغا ئاساسەن ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى، ئائىلىلەرگە ئەۋەتىش باشلىنىدۇ. خىزمىتىمىزنىڭ بالىلىرىمىز ئۈچۈن مەنپەئەتلىك، ئاتا – ئانىلار ۋە ئانا تىل مۇئەللىملىرى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ جەرياندا بىزگە تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئايىمىغان ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ئاتا – ئانىلىرىغا ۋە قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن ئەۋلاد گۇرۇپپىسىغا چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

ھەرقايسى دۆلەتلەردىن زاكاز بەرمەكچى بولغانلار، تۆتقۇلاق بالىلار ژۇرنىلى ۋاكالەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلەشسەڭلار بولىدۇ.

ھۆرمەت بىلەن:

ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى

2024 – يىلى 26 – فېۋرال

مەزكۇر تۈر مەسئۇلى مۇيەسسەر خەندان مۇنداق يازغان:

دەرسلىك كىتابلارنى تۈزۈش جەريانىدا بىر گۇرۇپپا مۇئەللىملەر تۈزۈش، رەتلەش، دەرس قىلىپ ئۆتۈش، تەڭشەش قاتارلىقلارنى باشتىن كەچۈردى. بۇ جەريانغا ئىككى يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت كەتتى. 1- يىللىقنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرى يەنە نورۋېگىيەدىكى ئوسلۇ ئۈمىد مەكتىپىدە سىناق قىلىندى. كىتابنىڭ بەت لايىھەسى ئۈچۈن تېخنىك تاپالمىغاچقا، ئۆزۈم قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ھېلىمۇ بىر رەسسامىمىز بولۇپ قاپتىكەن، سۆيۈملۈك سىڭلىم ئىلمىنۇر ئەفۋان زىللىقىم، زىغىرلاشلىرىمغا ئەستايىدىللىقى بىلەن جاۋاب بېرىپ، كۆپىنچە تېكىست ۋە ئوقۇشلۇقلارغا ئۆزىمىزگە خاس قىستۇرما رەسىملەرنى سىزىپ بەردى. مۇقاۋىنىڭ قېلىپىنى ئويلاشقاندا، ئىككىمىز تولا سىناپ، تولا بۇزدۇق. ئاخىر مۇشۇ قېلىپتا توختىدۇق، بۇنىمۇ كىچىككىنە سىزىقلىرىغىچە تەلەپكە لايىق قىلىپ بېرىش ئۈچۈن قۇچىقىدىكى قىزى بىلەن بىللە ئىشلىدى.

كىتابلارنىڭ تولۇق قانۇنلۇق بولۇشى ئۈچۈن ژۇرناللاردا قىلىپ كېلىۋاتقاندەك مەخسۇس رەسىم ساتىدىغان تور بەتلەرنىڭ رەسىملىرىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتتۇق. ئارقىمۇئارقا بىرقانچە تەھرىر، كوررېكتور ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچىلەرنىڭ قاراپ چىقىشىدىن ئۆتتى. باسما چىقىملىرى ھاڭ – تاڭ قالغۇدەك ئۆسۈپ كەتكەن مۇشۇ مەزگىلدە نەچچە يىللاردىن بۇيان ژۇرنال، كىتابلارنى چىقىرىش، ئۆز ئىقتىسادىمدىن ئايرىش بىلەن توپلىغان فوندى بىلەن ھېچكىمگە يالۋۇرماي نەشرگە سۇنالىدۇق. نەشرىياتتىكى ئاكىمىز مانا ھەر كۈنى دېگۈدەك باسمىغا يۈگۈرۈپ، تەكشۈرۈپ، بىرەر خاتالىق چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تەر تۆكۈۋاتىدۇ.

مۇشۇ جاپالارنىڭ كەينىدىن يەنە كىتابلارنىڭ ئې – كىتاب نۇسخىسىنى سورايدىغان، قاراڭغۇ بازارلاردا كۆپەيتىپ باسىدىغان ئىشلارنىڭ بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھازىر بۇ ئىشلارغا مەسئۇل مەخسۇس ئادۋوكاتىمىز بار. ھەرقانداق نەشر ھوقۇقى مەسىلىسىنى ئويلىشىپ يۈرمەي سوت ئارقىلىق ھەل قىلىمىز. چۈنكى، بۇ ھۇزۇرىدىن ۋاز كەچكەن بىر گۇرۇپپا مۇئەللىمنىڭ قان – تەرى، بۇنىڭ قەدرى قىلىنىشى، بالىلارنىڭ قولىغا قانۇنلۇق ئۇسۇلدا چىقىشى كېرەك.

باسما ھەققى زىيادە قىممەت بولغاچقا ۋە تۈركىيە سىرتىدىكى بەزى كىشىلەر داۋاملىق تۈركىيە باھاسىدا ئەكەلدۈرۈشنى ئادەت قىلىۋالغاچقا، كىتابلارنىڭ باھاسى بۇرۇنقىدەك تۈركىيەدىكىلەر ئۈچۈن باسما نەرخىدىلا بولمايدۇ (تۈركىيەدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئادەتتە كىتاب – ژۇرناللار باسما نەرخىدىلا بېرىلىدۇ). كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى، بازاردىن سېتىۋالغان نەرسىلەرنىڭ باھاسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئويلىنىپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

https://www.facebook.com/AnatilMektep/posts/pfbid0BpqdS6i5d4zXDzojUZ2ArPCnCU8AWzJu2Cd16591zQztSwATPRoquhsLoL251vaBl

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئامېرىكا 2024-يىللىق پىرەزدىنتلىق سايلىمى نۆۋەتتىكى ئەھۋالى

چا مارت 6 , 2024
3-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دىموكراتچىلار پارتىيسنىڭ 2024-يىللىق پىرەزدىنتلىق سايلىمىغا نامزات كۆرستىش دەسلەپكى سايلىمى (Primary) 5-مارت سەيشەنبە -دەرىجىدىن تاشقىرى سەيشەنبە ( Super Tuesday)كۈنى بىر نەچچە شتاتتا بىرلا ۋاقتتا ئىلىپ بىرىلدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى: جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسى ئىچىدە دونالد تىرامپ پارتىيە نامزاتلىقى دەسلەپكى سايلىمىدا ئۇتۇپ، نامزاتلىققا كۆرستىش سالاھىيتىگە ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىسى، ئامېرىكىنىڭ سابىق […]
تىرامپ-بايدىن

You May Like