راھىلە كامالنىڭ شېئىرلار توپلىمى نەشردىن چىقتى

راھىلە كامالنىڭ شېئىرلار توپلىمى نەشردىن چىقتى

 راھىلە كامالنىڭ شېئىرلار توپلىمى نەشردىن چىقتى

كۆك رەڭنىڭ تىمسالى بولمىش ۋەتىنىمىزدىكى غۇلجا ئۆيلىرىنىڭ بىرىدە تۇغۇلغان، قەلبىگە كۆك رەڭنى تېڭىپ سۈرگۈنگە مەجبۇر بولغان ۋە ئۆزىنىڭ كۆك رەڭلىك دۇنياسىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان بىر نەپەر شائىرە بار. ئۇ بولسىمۇ سىكاندىناۋىيە ئاراللىرىدىكى شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شائىرە راھىلە كامال. 

 قولىڭىزدىكى بۇ كۇللىيات، سىزنى مۇئەللىپنىڭ شېئىرىي دۇنياسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشاش سەۋەبى، ياشاش مىزانى ۋە ھەر نېمىسى بولغان ئاشۇ« كۆك رەڭلىك دۇنيا» نىڭ مېتافىزىكىسى ۋە ئۇ بوشلۇقتا ياشىغان «مەن» دۇچ كەلگەن كىملىك ۋە ئۆزلۈك كرىزىس ھەلقۇملىرىدىكى ئۆزگىچە قاراشلىرى ھەققىدە تېرەن چۈشەنچىلەرگە ئىگە قىلىدۇ. 
 
 زۇلھايات ئۆتكۈرنىڭ بۇ كىتاب ئۈچۈن يازغان «شائىرەنىڭ <كۆك رەڭ> لىك دۇنياسى» ناملىق بېغىشلىمىسىدىن پارچە.
 
كىتاب ئىسمى: كامال كەتتى

مۇھەررىرى: ئالىمجان مەتقاسىم غەمناكى

بەتچىك: ئا.ئاقھۇن

دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قوللىشى بىلەن  تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتىدا چىقىرىلدى.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

جەنۋەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشىدە چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

جۈ ماي 13 , 2022
جەنۋەدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىللىشىدە چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

You May Like