<< قىزىل قىيامەت>> ناملىق كىتاب ئىككى خىل تىلدا تەڭ نەشردىن چىقتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇپەتتىشى، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى، «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ۋە قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىم تەرىپىدىن يېزىلغان<< قىزىل قىيامەت >> تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە ئىككى خىل تىلدا نەشردىن چىقتى

ئامىنە ۋايىت \سەدەف

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇپەتتىشى، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى، «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى ۋە قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىم تەرىپىدىن يېزىلغان<< قىزىل قىيامەت >> تۈركچە ۋە ئىنگلىزچە ئىككى خىل تىلدا نەشردىن چىقتى. 329 بەتلىك بۇ كىتاب 11 باب ۋە 2 ئەسكەرتمىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، كىتابتا خىتاي دۆلىتىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىق ئەمەسلىكىنى ، بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى ۋە خىتاينىڭ دۇنياغا ھۆكۈمران بولۇش پىلانى، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلىرى، خىتاي تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كېڭەيمىچىلىكى ، ئافرىقىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنىشى، خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى يېزا – ئىگىلىك دېۋىزىيەلىرىنىڭ خىتاي مۇستەملىكە پىلانى ئىكەنلىكى روشەن پاكىتلار بىلەن ئېچىپ بېرىلگەن. كىتاب شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە يېزىلغان ئونلىغان كىتاب ۋە ماقالىلەردىن پايدىلىنىپ يېزىلغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن كىتاب ئاخىرىدا 30 بەتلىكتىن ئارتۇق مەنبە قوشۇمچە قىلىنغان.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

قارى قۇرئان شەمسىددىن قاراجىمنىڭ ھاياتى ھەققىدە

شە ئىيۇل 17 , 2021
مەرھۇم ئۇستاز شەمسىددىن قاراجىم تەخمىنەن 1928 ـ يىللىرى بۈگۈنكى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەندىجان ۋىلايىتىدە ئەھلى دىيانەت ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن.

You May Like