تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش»ناملىق كىتاۋى نەشر قىلىندى

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگىنىتلىقى، 1-ئاۋغۇست

ئۇيغۇر شائىرى، يازغۇچى، رىژىسور تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ « «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش»ناملىق ئەسلىمە ئەسەر پېنگىۋىن نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ بازارغا سلىندى.

مەزكۇر كىتاپ-تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ 2017-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن، ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش، تۇتۇشلىرى ۋە بىر يۈرۈش جىنايى قىلمشلىرى ئىنچىگە سۈرەتلەنگەن ئەسلىمە بولۇپ، باھالىغۇچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسغا سازاۋەر بولغان.

مەزكۇر كىتاپ ئامېرىكىلىق تارىخشۇناس ۋە تەرجىمان جوشۇۋا فىرىمان تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان ۋە كىرىش سۆز يېزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى نازۇك ئىبارىلەر ناھايتى جانلىق ۋە راۋان ئىپادىلەنگەن.

ئىلگىرى، تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ ئاتلانتىك ژۇرنىلىدا« دوسلىرىم بىر-بىرلەپ تۇتقۇن قىلىندى» ناملىق ئوبزورى يۇقىرى باھاغا ئېرشكەن.

كىتاپ 1-ئاۋغۇست كۈنى بازارغا سلىنغان بولۇپ،  قاتتىق مۇقاۋا باھاسى 28 دوللار ئىكەن.

تاھىر ھامۇت ئىزگىل ۋەتەندە، «مودىرنىزىم ئەدەبىياتى» ھەققىدە ئىزدەنگەن ۋە تونۇشتۇرما كىتاپ نەشر قىلغان.

تاھىر ھامۇت ئىزگىل -قەشقەردە تۇغۇلغان، بېجىڭدا ئوقۇغان.كېيىن رىژىسور بولۇپ ئ‍شلىگەن، 

تۈركىيەگە ئوقۇش ئۈچۈن ماڭغاندا، چەكلەنگەن كىتاپلارنى ئىلىپ ماڭغانلىقى ئۈچۈن ئەمگەك بىلەن تەربىيلەشكە ھۆكۈم قىلىنغان.

تاھىر ھامۇت ئىزگىل ھازىر ئامېرىكا ۋېرجىنىيە شتاتى فايىر فاكىستا تۇرىدۇ.

https://www.penguinrandomhouse.com/authors/2267584/tahir-hamut-izgil/

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

 شائىر ۋە ئىنقىلاپچى ئابدۇلھەمىد ئۇيغۇر تۈركىيەدە ۋاپات بولدى

شە ئاۋغۇست 5 , 2023
abdulhemit-hemit-uyghur
ئابدۇلھەمىد ئۇيغۇر

You May Like