ئابلىكىم باقىنىڭ «تەڭرى تاغ »ژۇرنىلى ۋە مەن

1980-يىللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىدە بىر مەزگىللىك قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرە شەكىللەندى.

ئاپتورى: در. نەبىجان تۇرسۇن

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-08-09

  1980-يىللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىدە بىر مەزگىللىك قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرە شەكىللەندى. خىتاي ئۆزىنىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نىڭ ئۆز خەلقىگە كەلتۈرگەن ئېغىر زىيانلىرى ۋە پەيدا قىلغان جاراھەتلىرىنى ساقايتىش ئېھتىياجى بىلەن «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نىڭ « ئاز سانلىق مىللەتلەرگىمۇ ئېغىر بالايى ئاپەتلەرنى كەلتۈرگەنلىكى»نى ۋە بۇ جەرياندا نۇرغۇن خاتالىقلار سادىر بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، ئاتالمىش 3-ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن پۈتۈن خىتاي مىقياسىدىكى «مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نىڭ جاراھەتلىرىنى ساقايتىش ئىلھامىدا «ئاز سانلىق مىللەتلەر»، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغىمۇ بىر مەزگىللىك مەدەنىيەت –سەنئەت ساھەسىدە نەپەس ئېلىش پۇرسىتى بەرگەنىدى. بولۇپمۇ خۇ ياۋباڭنىڭ ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتىدىن كېيىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە يېڭى بىر ئۆزگىرىش پەسلى شەكىللەندى. بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ نامايەندىلىرىدىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئەخمەت زىيائى، تۇرغۇن ئالماس، ئىمىن تۇرسۇن، رەھمىتۇللا جارى، تېيىپجان ئەلىيوف ، سەيپىدىن ئەزىز، تۇردى سامساق، ئىبراھىم مۇتىئىي، ھاجى ياقۇپ يۈسۈپ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن ۋە باشقىلار باشچىلىقىدىكى كۆپلىگەن پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياشلىق ۋە ياش ئەدىبلەر،مەدەنىيەت ۋە ئىلىم ئەربابلىرى ئەدەبىيات، مەدەنىيەت ساھەسىدە ئۆز تالانتىنى ۋە رولىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى دەۋرىدە ۋە 1950-يىللاردىن كېيىن، ئەدەبىيات –سەنئەت ۋە ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ساھەسىدە يېتىشىپ چىققان بىر قىسىم ئەربابلار 1957-1960-يىللاردىكى « يەرلىك مىللەتچىلىككە زەربە بېرىش»، « ئوڭچىلارغا زەربە بېرىش»، «ئىستىل تۈزىتىش» ۋە ئون نەچچە يىلغا سوزۇلغان « مەدەنىيەت ئىنقىلابى»نىڭ بوران-چاپقۇنلىرىدىن ساق-سالامەت چىقىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىدە، مەدەنىيەت ۋە تارىخ تەتقىقاتىدا، جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكىنىڭ كۈچىيىشىدە ئاۋانگارتلىق رولىنى ئوينىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تارىخى، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى تونۇشى، چۈشىنىشى، ئۆزىنى قەدىرلەش ۋە ئۇلۇغلاش روھى يېڭى بىر پەللىگە كۆتۈرۈلدى. بۇ مەزگىللەردە « ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى » دەن نام بېرىلگەن 1944-1949-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە ھەمدە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك تارىخى مۇساپىلىرى، جۈملىدىن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، ئاماننىساخان ۋە باشقىلار ھەققىدە بىر يۈرۈش تارىخىي رومانلار مەيدانغا كەلدى. قەشقەر سەنئەت ئۆمىكى، ئاقسۇ سەنئەت ئۆمىكى، ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوپېرا-درامما ئۆمەكلىرى تەرىپىدىن لۇتپۇللا مۇتەللىپ، 1765-يىلىدىكى ئۈچتۇرپان قوزغىلىڭىنىڭ يەتتە باتۇر قىزى، 1945-1946-يىللىرىدىكى جەنۇبتىكى قوراللىق كۈرەشلەر، 19-ئەسىردىكى ئۇيغۇر مىللىي كۈرەشلىرى ۋە باشقا مۇھىم تارىخىي ۋەقەلەرگە، قەھرىمانلىقلارغا ئائىت دراما ئەسەرلىرى ئوينالدى. ۋىلايەتلەر، ھەتتا ناھىيەلەرمۇ ئەدەبىي ژۇرناللارنى چىقىرىشقا باشلىدى. ئەمما، 1985-يىلىدىن باشلاپ،« مەنىۋى بۇلغىنىشقا قارشى تۇرۇش» نامىدا ھەرىكەت باشلىنىپ، ئۇيغۇر تارىخى، تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ساھەسىدىكى يېڭى دولقۇنغا ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئەدەبىياتى، سەنئىتىدىكى بۇ يېڭى ۋە تېز گۈللىنىش كەيپىياتىغا قارشى كۈرەشمۇ قايتىدىن كۈچىيىشكە قاراپ يۈزلەندى. ئەنە شۇنداق داۋالغۇش مەزگىلىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى ياراتقان قىسقا مۇددەتلىك نەپەس ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلانغان بىر قىسىم ئۇيغۇر پېشقەدەم مىللەتپەرۋەر زىيالىيلىرى، ئەدىبلىرى ھەم كادىرلىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدا مەرھۇم ئابلىكىم باقى باش بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى سۈپىتىدە « تەڭرى تاغ» ژۇرنىلىنى چىقىرىپ، ئۈرۈمچىدە رەسمىي تارقىتىشقا باشلىدى. بۇ ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلىنغان « تارىم» ژۇرنىلىدىن كېيىن مەركەز خاراكتېرلىق 2-ئەدەبىي ژۇرنال ئىدى. بۇ ژۇرنالغا « تەڭرى تاغ» نامىنىڭ بېرىلىشىلا ناھايىتى كۆپ مەزمۇنلار ۋە يۈكسەك مىللىي روھتىن دېرەك بېرەتتى ئەلۋەتتە !. 1987-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر ياش ئەدىبلىرى ئارىسىدا « گۇڭگا شېئىر» يېزىش نامىدىكى يېڭىلىق ھەرىكىتى باشلىنىپ، ئابلىكىم باقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش بىلەن كۆپلىگەن ياش شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى بۇ ژۇرنال سەھىپىسىدە ئېلان قىلىندى. كەمىنە 1985-يىلى، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىندىم. ئەدەبىي ئىجادىيەت، بولۇپمۇ تارىخى بەدىئىي ئەسەر يېزىش قىزغىنلىقىم يۇقىرى ئىدى. مەن، گەرچە بىر ياش ئالى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بارلىق مەشھۇر پېشقەدەم ئۇستازلار بىلەن خىزمەتداش بولدۇم شۇنىڭدەك ھەر قايسى ئورۇنلاردىكى پېشقەدەم زىيالىيلار ۋە ياش ئەدىبلەر بىلەنمۇ تونۇشۇشقا باشلىدىم، گەرچە مەن گۇڭگا شېئىر يازىدىغان شائىر بولمىساممۇ ئەمما، بۇ شائىرلارنىڭ كۆپىنچىسى دوستۇم ئىدى. ئۇلار بىلەن سۆھبەتداش ئىدۇق. بۇ ياشلارنىڭ ھەممىسى ئابلىكىم باقى ئەپەندىنىڭ ئالاھىدە ھۆرمەت قىلاتتى. ھەممىسى « تەڭرى تاغ »ژۇرنىلدا ئەسەر ئېلان قىلىشقا ئىنتىلەتتى. 1985-يىلى، بېيجىڭدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا « ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا « قانغا بويالغان تاغ» ناملىق يېزىشنى باشلىغان تارىخى رومانىمنىڭ بىر بابى « قانغا بويالغان تاغ» نامى ئاستىدا ئېلان قىلىندى. بۇ 1765-يىلىدىكى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىغا، بۇ كۈرەشنىڭ باشچىلىرى رەھمىتۇللا بەگ ۋە ئەسمەتۇللا بەگلەر ھەم 7 نەپەر قىز قەھرىمانغا بېغىشلانغان تارىخىي رومان ئىدى. كېيىن « سۇنماس زۇلپىقار» ناملىق تارىخى پوۋېستىمنى يېزىپ، 1989-يىلى، « تەڭرى تاغ» ژۇرنىلغا سۇندۇم. مەزكۇر پوۋېست مىلادىيە 1209-يىلى چىڭگىزخاننىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىغا ئاتلىنىشى ۋە بۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوينىغان رولىغا ئائىت ئىدى. مەن بۇ ۋاقىتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىنىستىتۇتىنىڭ تارىخ بويىچە ئاسپىرانت ئىدىم. جۇرنالدىكى دوستلارنىڭ ئېيتىشىچە، باش تەھرىر ئابلىكىم باقى ئاكا مەزكۇر پوۋېستىمنى كۆرۈپتۇ ۋە ناھايىتى ھاياجانلىنىپتۇ شۇنىڭدەك بەزى نۇقتىلارنى ئۆزگەرتىش تەكلىپى بەرمەكچىكەن. ئەمما ، مەن 1990-يىلى، باھاردا سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىگە دوكتور ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىپ، موسكۋاغا كەتتىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ پوۋېستىمنى تۈزىتىش ئىمكانىيىتى بولماي قالدى. لېكىن، 1994-يىلى بۇ پوۋېستىمنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرى قازاقىستاندىكى « ئۇيغۇر ئاۋازى» نىڭ قوشۇمچىسى « يېڭى ھايات» تا ئېلان قىلىندى. مەن 1995-يىلى، ئەتىيازدا ئۈرۈمچىدە ئابلىكىم باقى ئەپەندى بەرپا قىلغان « تەڭرى تاغ» ژۇرنىلى بىلەن يەنە ئالاقە قىلىشقا ئېرىشتىم. بۇ ۋاقىتتا ئابلىكىم باقى ئەپەندى تۈركىيەدە ياشايتتى. بۇ ژۇرنالنى باشقىلار نەشىر قىلاتتى. 1995- 1996-يىللىرى « تەڭرى تاغ» ژۇرنىلى مېنىڭ « موسكۋا خىياللىرى»ناملىق چات ئەدەبىي خاتىرەمنىڭ 10 بۆلەك قىسمىنى ئۆزىنىڭ ھەر قايسى سانلىرىدا ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېلان قىلدى. ژۇرنال مەسۇللىرى ۋە تەھرىرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، « موسكۋا خىياللىرى» « تەڭرى تاغ» ژۇرنىلىنىڭ ئابلىكىم باقى تۈركىيەگە كېتىش بىلەن ئىلگىرىكىدەك بوشاپ كەتكەن ۋە تەسىرى تۆۋەنلىگەن مەنزىرسىنى ئۆزگەرتىپ، بىردىنلا ئوقۇرمەنلىرى كۆپ جۇرنالغا ئايلاندۇرغانىكەن. ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيەلەردىن كىتاب سودىگەرلىرى « تەڭرى تاغ » ژۇرنىلىدىكى « موسكۋا خىياللىرى» بېسىلغان سانلىرىنى كۆپلەپ زاكاز قىلىپتۇ، نەتىجىدە بۇ ژۇرنالدا قايتىدىن جانلىنىش باشلىنىپتۇ، ئەمما 1998-يىلى، « موسكۋا خىياللىرى» « شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژۇرنىلىدا بىر قەدەر تولۇق نۇسخىسى بىلەن ئىلگىركىدىن قىسقارتىلغان ئاساستا يەنە بىر قېتىم نەشىر قىلىندى. قىسقىسى،« تەڭرى تاغ » ژۇرنىلى مېنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى، زىيالىيلىرى، ئەدىبلىرىگە تونۇشتۇرغان، مەن بىلەن خەلقىم ئارىسىدىكى چوڭقۇر باغلىنىشنى كۈچەيتكەن بەلۋاغ ئىدى! « تەڭرى تاغ» ژۇرنىلىدىكى دوستلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ جۇرنال 1988-1992-يىللارغىچە بولغان ئارىلىقتا، يەنى ئابلىكىم باقى مەسۇل بولغان ۋاقىتتا ئوقۇرمەنلىرى كۆپ ۋە ياشلار ئەڭ تەلپۈنىدىغان جۇرنالغا ئايلانغان. ئابلىكىم باقى ئىلغار سودىگەرلەرنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەخسۇس نادىر ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش ۋە شۇ ئارقىلىق ياش ئەدىبلەرنى ئىلھاملاندۇرۇشقا كىرىشكەن. لېكىن ئۇ، تۈركىيەگە كەتكەندىن كېيىن جۇرنالنىڭ تەسىر كۈچى بارغانسېرى ئازايغانىكەن. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەر خىلدۇر، 1990-يىلىدىكى بارىن ۋەقەسى ۋە 1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرلىشىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىيات –سەنئىتى ۋە مەدەنىيىتىگە قارىتا نازارەت كۈچەيتىلدى، ئاتالمىش « مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش» يېڭى بىر باسقۇچقا كىردى. تۇرغۇن ئالماس ئەپەندىنىڭ « ئۈچ كىتابى»نى تەنقىد قىلىش ھەرىكىتى ۋە باشقىلارغا قوشۇلۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنى تازىلاش ۋە قامال قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچى باشلىنىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن 1980-يىللاردا ئېلىنغان نەپەسلەر قايتىدىن بوغۇلۇشقا باشلىدى. يىللار ئۆتۈپ، ئابلىكىم باقى ئەپەندى بىلەن 1998-يىلى ئامېرىكا سەپىرىمدە ئىستانبۇلدا كۆرۈشتۈم ۋە ئارىلىقتا 3 – 4 يىللار ئۆتۈپ، ئامېرىكىدا خىزمەتداش بولۇپ، بىر ئىشخانىدا ئىشلىدۇق. دېمەك ئەسلىدىكى « تەڭرى تاغ» گۈدۈكلىرى بىزلەرنى بىر ئىشخانىدا ، بىر خىل ئاۋازدا ئىشلەشكە نېسىپ قىلغانىدى. ھازىر، ئابلىكىم باقى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە سۆھبەتداش بولغانلار، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغانلار، «تەڭرى تاغ» ژۇرنىلى،« ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا خىزمەت قىلغان ھەم ئەسەر ئېلان قىلغان ۋە ياكى شۇلارنى ئوقۇپ بەھىر ئالغان كىشىلەرنىڭ خېلى كۆپى ھازىر چەتئەللەردە ياشىماقتا. ئۇلارمۇ ئوخشاش ئابلىكىم باقى ئەپەندى بىلەن بىر سەپكە ئۆتكەن ۋە ئوخشاش نەپەس ئالغان ھەم ئالماقتا. بۈگۈن بىز مەرھۇم ئابلىكىم باقىنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتىن بولغاي ! ئامىن ! دەپ قول دۇئاغا كۆتۈرىۋاتىمىز، بىز ئۆز خەلقى ۋە ئۆز مىللىتى ۋە ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن ئازاپلانغان، يىغلىغان، تەر تۆككەن ۋە ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەنسىز بولغان بارلىق قەھرىمانلىرىمىزغا دۇئا قىلىپ قول كۆتۈرىمىز، بۇ دۇئا پەقەت ئەنە شۇنداق ئوغلانلارغىلا مەنسۇپتۇر ! مەن، كۆپ يىللىق خىزمەتدېشىم، پىكىردېشىم ئابلىكىم باقى ئاكىنىڭ ۋاپاتىدىن چوڭقۇر قايغۇردۇم، ئاكىمىزنىڭ يېقىملىق، خۇشخۇي سىماسى ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدا نامايەن بولماقتا، كەڭ ۋە ئۆتكۈر پىكىرلىرى ھەر دائىم قۇلۇقۇم تۈۋىدە جاراڭلىماقتا. ئابلىكىم باقى ئاكا 1960-يىللاردىن كېيىنكى ۋەتەن ئىچى- سىرتىدىكى نۇرغۇن تارىخى ۋەقەلەرنىڭ شاھىدى ئىدى. ھازىرقى زامان تارىخىمىزدىكى نۇرغۇن مەشھۇر نامايەندىلەرنىڭ سۆھبەتدېشى ۋە پىكىردېشى ئىدى. ئۇ ئۆزى بىر جانلىق تارىخ ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تالاي قېتىملاپ تارىخىي تېمىلاردا، ۋەتەن ھەققىدە سۆزلەشكەنىدۇق، بىزدە ئۇنىڭدىن باشقا سۆز تېمىلىرىمۇ يوق ئىدى. ئابلىكىم باقى ئاكا مېنىڭ 1998-1999-يىللىرى موسكۋا نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت رۇش تىلىدىكى ئىككى مونوگرافىيەمنى، يەنى « ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تارىخى مەسىلىسى» ۋە « دەسلەپكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخىي مەسىلىسى» ناملىق ئىككى كىتابىمنى ئۇيغۇرچە چىقىرىشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنىدى، لېكىن ئۇنىڭغا پەقەت ۋاقتىم چىقمىدى. ئابلىكىم باقى ئاكا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخىغا ئائىت تورلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرىمنى قالدۇرماي ئوقۇپ، بەزى تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىپ تۇراتتى ۋە ماڭا كۆپ ئىلھام بېرەتتى. 2007-يىلى مېنىڭ ئامېرىكىدا ئىنگلىز تىلىدا « ئۇيغۇر ئوقۇشلۇقى» ناملىق ئەسىرىم نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنى ئۆزى توردىن سېتىۋالغانىكەن ۋە بۇ كىتابنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە خېلى كۆپ كىشىلەرگە ياخشى باھالارنى ئېيتىپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلاپ سۆيۈنگەنىدىم. ئابلىكىم باقى ئاكا ئۆزى كۆپ قىرلىق قابىلىيەت ئىگىسى بولۇپ، ئۇ كۆپلىگەن كىتابلارنى ۋە ماقالىلارنى يازدى. ئۇنىڭ يازغانلىرى ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر ۋە قوللانمىلارمۇ بار بولۇپ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتى بار. ئۇنىڭ ھاياتى جەڭگىۋار، جاپالىق، ئەركىنلىكپەرۋەر ھاياتتۇر ! ئۇنىڭ باسقان ئىزلىرى كۆمۈلمەستۇر! ئۇنىڭ مىللىي روھ بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەسەرلىرى خەلقىمىز ئۈچۈن بىر يوقالماس بايلىقتۇر! ئابلىكىم باقى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىلىرى ۋە قىممەتلىك ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۆز ئورنىنى تارىخ سەھىپىسىگە يازدى ! ئۆز ئابىدىسىنى ئۆزى تىكلىدى !

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

تەرجىمە:رۇسىيىدىكى چوڭ گېزىت خىتاينىڭ <بىر بەلۋاغ، بىر يول> سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى

دۈ ئاۋغۇست 12 , 2019
رۇسىيىدىكى ئاساسلىق چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان <مۇستەقىللىق>گېزىتى ئۇزۇن بىر ماقالە ئېلان قىلىپ خىتاينىڭ <بىر بەلۋاغ،بىر يول> سىياسىتىنى تەنقىد قىلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: خىتاي پۇللىرىنى چېچىپ مەبلەغ سالغانچە، مەبلەغ سالغان يەرلەردە خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر ۋە نامايىشلار كۈچەيدى.

You May Like