ئەنقەرە غازى ئۇنۋىرستىدا شەھىد نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ غىيابەت جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

2019-يىلى 21- ئىيۇندا شەرقىي تۈركستانلىق زىيالىلار جەمىيەتى ۋە ئەنقەرە زىيالىلار جەمىيەتى ( Ankara Aydınlar Ocağı ) نىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشى بىلەن ، ئەنقەرە غازى ئۇنۋېرستىتى مەركەز مەكتەپ رايۇنىدا خىتاي جازا لاگىرىدا شەھىد قىلىنغان پىروفېسسور نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ غىيابەت جىنازا نامىزى ئوقۇلدى

  2019-يىلى 21- ئىيۇندا شەرقىي تۈركستانلىق زىيالىلار جەمىيەتى ۋە ئەنقەرە زىيالىلار جەمىيەتى ( Ankara Aydınlar Ocağı ) نىڭ ئورۇنلاشتۇرلىشى بىلەن ، ئەنقەرە غازى ئۇنۋېرستىتى مەركەز مەكتەپ رايۇنىدا خىتاي جازا لاگىرىدا شەھىد قىلىنغان پىروفېسسور نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ غىيابەت جىنازا نامىزى ئوقۇلدى. شەرقىي تۈركستانلىق زىيالىلار جەمىيەتى ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى دوكتور نامەتجان مۇھەممەد جىنازا نامىزىغا ۋاكالىتەن قاتناشتى. ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنۋېرستىتى ئوقۇتقۇچىسى، ئەنقەرە زىيالىلار جەمىيەتىنىڭ رەئىسى دوكتور سىنان دېمىرتۈرك ( Sinan Demirtürk ) جىنازا نامىزىدا شەرقىي تۈركستاندا خىتاي تەرپىدىن يىللاردىن بېرى پىلانلىق ئاسملاتسىيە ۋە قىرغىنچلىق بولىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ھەركىمنىڭ دىققەت قىلشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى. ئو يەنە بۇ زۇلۇملارنىڭ سەۋەبىنىڭ شەرقىي تۈركستانلىقىلارنىڭ مۇسۇلمان ۋە تۈرك ئىكەنلىكىنى ، نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ ئەنە شۇ زۇلۇم ۋە ئىشكەنجە بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارسىدىكى پەقەتلا بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. دوكتور سىنان يەنە خىتاي سىرتىدا ياشاۋاتقان ياكى ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ، قازاق ، قىرغىزنىڭ خىتاي كومىستلىرى تەروپىدىن تەھدىدكە ئۇچراپ كېلۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئابدۇرېھىم غېنى يالغۇز كىشىلىك نامايىش يىللىق خاتىرىسى ئۆتكۈزۈلدى

شە ئىيۇن 22 , 2019
22- ئىيۇن شەنبە كۈنى ئابدۇرېھىم غېنى يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسى داغدۇغۇلۇق خاتىرەلەندى.

You May Like