تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك شاھانە كىتاب «شەرقى تۈركىستان مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار » نەشر قىلىندى

تۈركىيە «سەلەنگە» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئەھمەت سۇلايمان قۇتلۇقنىڭ« شەرقى تۈركىستان مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن كىتابى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ تۈرك دۇنياسىغا سۇنۇلدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى23-دېكابىر

ھەبىبۇللا ئىزچى 

تۈركىيە «سەلەنگە» نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان، «شىنجاڭ» ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى ئەھمەت سۇلايمان قۇتلۇقنىڭ « شەرقى تۈركىستان مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار» دېگەن كىتابى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ تۈرك دۇنياسىغا سۇنۇلدى.

كىتابنى تەرجىمە قىلىشتا ئانتاليادىكى دوكتور ئابدۇللاھ جىنقارا ئەپەندى يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەدىن پروفېسسور دوكتور ۋارىس چاكان ئەپەندىم، دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىم، دوكتور ئالپەر ئالىپ، دوكتور تۈمەن سومۇنجۇ ئوغلۇ، ھامىت گۆكتۈرك قاتارلىق ئەپەندىلەر تەرجىمە ئىشلىرىدا ئالاھىدە كۈچ چىقاردى. 

خىتايچە تەرجىمىدە ۋە ترانسكرىسپىيەدە ئاگېنتلىقىمىزدىن ھەبىبۇللا ئىزچى، شىۋېتسىيەدىن زۇلھايات ئۆتكۈر خانىم، ئانتاليادىكى ئۇيغۇر مۇھاجىر قەيسەر ياسىن قاتارلىقلار ئالاھىدە كۈچ چىقاردى. 

ئابدۇللا جىنقارا ئەپەندىم كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە شۇنداق يازىدۇ: « ئاخىرقى كۈنلەردە شەرقى تۈركىستاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا بىر مىليوندىن جىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ، ئەمما ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۈچ مىليوندىن جىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى يازماقتا. شۇنداقلا بۇ كىتابنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى تەھرىرى ئەھمەت مۆمىن تارىمىنىڭمۇ جازا لاگېرىدا ئىكەنلىكىنى، پروفېسسور ئەھمەت سۇلايمان قۇتلۇقنىڭمۇ تۈرمىدە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالدۇق، ھەتتا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تور سەھىپىسى ئەھمەت سۇلايمان قۇتلۇققا ئائىت پۈتۈن ئۇچۇرلارنىمۇ 2018 -يىلى تور بېتىدىن ئۆچۈرگەن.»  

ئۇ يەنە: « شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۇيغۇر تارىخچىسى ۋە ئارخېئولوگ ئەھمەت سۇلايمان قۇتلۇقنىڭ بۇ ئەسىرىدە تۈرك تارىخى ۋە تۈركىستان جۇغراپىيەسى ھەققىدە مۇھىم دەلىللەر ۋە مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك ئۇچۇرلارنى يازىدۇ. تۈرك تارىخى تەتقىقاتى ئاتا تۇپراقلىرىمىزدىكى تارىخچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئايرىم قالسا ۋە ئۇ تارىخى  ئەسەرلەردىن مۇستەسنا قالسا بولمايدۇ. شۇنداقلا تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر تارىخچىلار يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ قىممەتلىك ئىنسانلىرىدۇر، ئۇلارنىڭ مېھنىتى، ئەمگىكى تۈرك دۇنياسىدىمۇ يورۇققا چىقىشى كېرەك، بۇ سەۋەب بىلەن بۇ كىتابنى تەرجىمە قىلىپ تۈرك دۇنياسىغا تەقدىم قىلىشنى لايىق كۆردۈم» دەيدۇ.

كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ تاش قورال دەۋرىدىن ھەتتا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى قەشقەر، كۇچار ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ پەرقلىق يەرلىرىدىكى مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى، خىتاينىڭ دۇنيادىن مەخپىي تۇتۇۋاتقان شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەسلى ئىگىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنلا شۇ تۇپراقلاردا مەۋجۇت ئىكەنلىكىدەك كۈچلۈك دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى

پە دېكابىر 23 , 2021
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى

You May Like