ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تۈرلۈك مەزمۇنلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئامما بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنى مۇكەممەل باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ.

1- ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇسى-ئاساسلىق تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدىن بىرى بولۇپ،ئۇنىڭدا ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلارنىڭ خاراكتېرى ۋە سۈپىتى -ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە خاراكتېرىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

2-ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تارقاتقان باشقا مېدىئالارنىڭ مەزمۇنلىرى -ئاگېنىتلىقىمىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ.مەنبەسى ۋە ئۇلىنىشى ئەسكەرتىلىدۇ.

3-ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ھەر بىر تىل قانىلىنى باشقۇرۇشقا ئۇچ ئەتراپىدا كىشى مەسئۇل بولىدۇ. بۇ كىشىلەرنى ئاگېنتلىق مەسئۇللىرى، تىل قانال دىرېكتورى تاللاپ بېكىتسە بولىدۇ. ئاگېنتلىق باشلىقى -خەۋەر تېپىشى كېرەك.

4-ھەر بىر تىل قانىلى ئۈچۈن مۇھىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا (فايىس بۇك، تۋتتىر، يۇتۇپ ،ئىنستاگرام )ھېسابات ئېچىلىدۇ. ھەر بىر قانال نامى شۇ تىلنىڭ ئۆلچەملىك ئاتالغۇسى بويىچە نام قوللىنىدۇ. باش سۈرەت ۋە ئارقا سۈرەتكە بىرلىككە كەلگەن لوگو ۋە ئارقا سۈرەت ئىشلىتىلىدۇ.

5- مەزمۇن مەنبەسى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى شۇ قانال پىدائىيلىرى تەييارلىغان مەزمۇنلار، شۇ قانال تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان مەزمۇنلار، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ باشقا قاناللىرى تەييارلىغان مەزمۇنلار، ئۇيغۇرلارغا ئائىت باشقا تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنغان، ئىشەنچلىك چوڭ تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرى، ئۇيغۇرلار ۋەتەندىن ئىگىلەپ سوتسىيال مېديالاردا تارقىتىۋاتقان ئەمما راستلىقى ئىسپاتلانغان مەزمۇنلار،ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، شەخسلەرنىڭ باياناتلىرى، ۋىدىئولار،سۈرەتلەر بېرىلىدۇ.

6-مەزمۇن دائىرىسى : ئۇيغۇر ھەرىكىتى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ،خىتاي ۋەزىيىتى،خەلقئارا ئىنكاسلارغا ئائىت مەزمۇنلار ئېلان قىلىنىدۇ.

7-چەكلەنگەن مەزمۇنلار: ساختا خەۋەرلەر، مەنبەسى ئېنىق بولمىغان خەۋەرلەر، سېرىق مەزمۇنلار، ئىچكى زىددىيەت تېرىدىغان مەزمۇنلار، تەرەپباز مەزمۇنلار، ئىسپاتلانمىغان خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. ئىككىلىنىپ قالغاندا،چوقۇم سوراش كېرەك،يالغان ۋە ئىشەنچسىز خەۋەرلەر، شۇنداقلا ئاگېنىتلىققا قانۇنى ۋە ئىقتىسادى زىيان ئىلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق مەزمۇنلارنى يوللىغۇچى -بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.ئاممىدىن مەسئۇلىيەتسىزلىكى ئۈچۈن ئەپۇ سوراش .ۋە قانۇنى مەسئۇلىيەت )

8-مەزمۇنلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى

1-مەزمۇنلار ئىشەنچلىك ۋە ئەينەن بولۇشى؛ 2 -كەسپى ۋە ئىلمى ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن بولۇشى؛ 3-قۇرۇلما رەتلىك ،باش-ئاخىرى باغلانغان بولۇشى؛ 4-شۇ تىلنىڭ ئۆلچەملىك گىرامماتىكىسىغا ئۇيغۇن بولۇشى؛ 5- سۆز-ئاتالغۇلار توغرا ۋە مۇۋاپىق ئىشلىتىلگەن بولۇشى؛ 6- تېنىش بەلگىلىرى توغرا ئىشلىتىلگەن بولۇشى؛ 7-مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن بولۇشى؛ 8- ۋاقتى، ئورنى، سانى، سۈپىتى، ئاپتور ياكى مېدىيا ئىسمى قوشۇلغان بولۇشى كېرەك؛ 9 -باشقۇرغۇچىلار -ئاگېنىتلىققا يېزىلغان تۈرلۈك ئۇچۇر، خەت، تەكلىپ، ياردەم تاپشۇرۇپ ئالغاندا، ئاددىي ۋە كۈندىلىك مەشغۇلات تەرتىپىگە ،خەۋەر مەزمۇنىغا ئائىت بولغانلىرىدىن باشقىلىرىنى بىۋاسىتە قانال باشلىقى ۋە ئاگېنتلىق مەسئۇلىغا خەۋەر بېرىشى كېرەك. ئۆز
ئالدىغا بېجىرىپ، خاتالىق كېلىپ چىققاندا ياكى ئاگېنىتلىققا زىيانلىق ئاقىۋەت كېلىپ چىققاندا،بارلىق مەسئۇلىيەتكە ئۆزى ئىگە بولىدۇ؛ 10- سوسىيال مېدىيا قانىلىمىزنى تەشۋىق قىلىش، ئەگەشكۈچىلەرنى كۆپەيتىش، ئاكتىپ رول
ئوينىشى كېرەك، كېلەر يىللىق پىلان ھەر بىر قانالنىڭ ئومۇمى ئەگەشكۈچىلىرى 10 مىڭدىن كەم بولماسلىقى كېرەك؛ 11- سوسىيال مېدىيا -تور بېكەتلىرىمىز بىلەن ياخشى ھەمكارلىشىشى كېرەك. مەزمۇنلارنى ئاگېنىتلىقىمىزنىڭ ھەر قايسى توپلىرىغا ئاكتىپ يوللاپ تۇرۇشى لازىم؛

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

2019- يىلى ئۆكتەبىر

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدا ئەسەر ئېلان قىلىش ھەققىدە

پە دېكابىر 23 , 2021
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدا ئەسەر ئېلان قىلىش ھەققىدە

You May Like