ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مۇدىرىيەت تۈزۈمى توغىرسدا چۈشەنچە

مۇدىريەت ئەزالىرى كىملەردىن تەشكىل تاپىدۇ؟

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مۇدىرىيەت تۈزۈمى توغىرسدا

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئومۇمى خىزمەتلىرى مۇدىرىيەت تۈزۈمى ئاساسدا ئىلىپ بىرىلىدۇ.

 

مۇدىريەت ئەزالىرى كىملەردىن تەشكىل تاپىدۇ؟

 

ئۇيغۇر ئاگنىتلىقى باش مۇدىرى، ئىجرائىيە دىرىكتورى،   باش نازارەتچى،  باش مەسلىھەتچى، مالىيە مەسلىھەتچىسى،  باش كاتىپ،  باش تېخنىك،  ھەر قايسى بۆلۈم مەسئۇللىرى ۋە مەسئۇل مۇھەرىرلىرى

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مۇدىرىيتىئايدا بىر قېتىم يېغىن ئاچىدۇ،ئۆتكەن ئايلىق خىزمەتلەردىكى ساقلانغان مەسللەرنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.كىلەر ئايلىق پىلاننى مۇھاكىمە قىلىدۇ.يېغىنغا مۇدىرىيەت ئەزالىرى نۆۋەت بويىچە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ياكى تەشكىللەيدۇ.

يېغىن مەزمۇنى باش كاتىپ تەرىپىدىن خاتىرلىنىدۇ ۋە يېغىندا ئ‍ىلىنغان بىردەك قارارلار  مۇدىريەت ئەزالىرىغا ئېمەيىل ئارقىلىق ئەۋەتىپ بىرىلىدۇ.

 

 

مۇدىرىيەت خىزمەت دائىرىسى:

1-چوڭ ئ‍شلار: ئاگېنىتلىقىنىڭ مۇھىم ۋە چوڭ ئ‍شلىرىنى قارار قىلىدۇ.

2-مالىيە مەسللىرى: مالىيە مەسللىرىنى قارار قىلىدۇ. ئاگىېنىتلىق ئومۇمى چېقىملىرىنى ئىنىقلايدۇ، مالىيە مەسلىسنى ھەل قىلىدۇ.

3-ئاممىۋى مۇناسۋەت:  تەشكىلاتلار ئارا،  چوڭ  تاراتقۇلار ئارا،   تېبەت،  خوڭكوڭ مېديالىرى ئارا ئالاقە پائالىيەتلىرىگە  دائىر قارارلارنى ئىلىپ بارىدۇ.

4-ئامممىۋى تەشۋىقات:   ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئامما ۋە شەخسلەر ئارائاگنېتلىقنىڭ  تەشۋىقات ئ‍شلىرىنى قارار قىلىدۇ ۋە ئىلىپ بىرىشقا پىلان تۈزىدۇ، ئادەم ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

5-قانۇنىيلىق: قانۇنى رەسمىيەتلەر، ئ‍شخانا،  ماركا،  تور بېكەت،  سوتسيال مېدىيا،  ئۈسكۈنىلەر قاتارلىقلارنىڭ تەييارلىنىشى،  ھازىرقى ئەھۋالى ۋە بىر تەرەپ قىلىنشنى قارار قىلىدۇ.

6-تۈزۈملەشتۈرۈش: ئاگىنىتلىقىنىڭ بارلىق تۈزۈملىرىگە قاراپ چېقىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، يېڭىدىن تۈزىدۇ ۋە ئىجرا قىلىنىشنى نازارەت قىلىدۇ.

7-ئادەم كۈچى:  بۆلۈم دىرىكتورلىرى ۋەزىپىسنى بېكتىش ياكى ئىلىپ تاشلاشنى قارار قىلىدۇ.

8-تەربىيلەش: تەربىيلەش مەزمۇنى، دائىرسى، ئۆلچىمىنى، تەربىيلىگۈچىلەرنى بېكىتىدۇ.ئىمتىھان ئىلىش، خىزمەت كىنىشكىسى تارقىتىش قاتارلىق ئ‍شلارنى مۇھاكىمە قىلىدۇ.

9: مەزمۇن نازارىتى:  ئومۇمى سۈپىتى نازارەتچىلىكىنى قىلىدۇ، ئەسەرلەرنىڭ ئىلمى، توغرا، ساغلام،بتەرەپ،ئ‍شەنچلىك ۋە ئۇيغۇر مىللى مەنپەئىتى ستىراتىگىيەسىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

10-بۆلۈملەر ئارا ماسلاشتۇرۇش: ھەر قايسى بۆلۈم مەسئۇللىرى بىربىرىنى بىلىشى، تونۇشى، چۈشنىشى، نىمە مەزمۇن چىقارغانلىقىنى بىلىشى،سوسيال مىديا ھساپلىرىمىزغا ئ‍ۆزئارا ئەگەشكەن بولۇشى، ئۆزئارا تارقاتقان، تەرجىمە قىلغان بولۇشى،يېغىنلاردا ئورتاق تەجرىبە ئالماشتۇرغان بولۇشى لازىم.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدا يىل بويى قوبۇل قىلىنىدىغان پىدائى بولۇش پۇرسەتلىرى

يە دېكابىر 26 , 2021
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى 2018-يىلىدىن بىرى ئۇيغۇر-ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى نامىدا،ختتاينىڭ جىنايەتلىرىنى دۇنيا خەلقىگە پاش قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇپ كەلمەكتە. شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش، ئۇيغۇرلارغا ئەھمىيەتلىك بىلىم، ئۇچۇر ۋە خەۋەر تارقىتىدىغان سەھنە بولۇپ كەلمەكتە. بۇ ئۇلۇغۋار سەپكە قوشۇلۇپ، سەمىمى ۋەتەنپەرۋەر زىياليلار بىلەن خىزمەت قىلىڭ!

You May Like