ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ خادىملارنى چېكىندۈرۈش توغرىسدىكى قائىدىلىرى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ خادىملارنى چېكىندۈرۈش توغرىسدىكى قائىدىلىرى

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ خادىملارنى چېكىندۈرۈش توغرىسدىكى قائىدىلىرى:

 

 

پىدائىيلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار بايقالغاندا، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدىن چېكىندۈرۈلىدۇ. چېكىندۇرۇلگەنلىكى ئاگېنتلىق مەسئۇللىرى تەرىپىدىن ئۆزىگە ۋە ئاگېنىتلىق خادىملىرىغا يازمىچە ۋە ئاغزاكى شەكىلدە ئۇقتۇرۇلىدۇ.چېكىندۇرۇلگەندىن كىين،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ خىزمەتچى خادىمى ھسابلانمايدۇ، خىزمەت گۇرۇپپىسدا قالمايدۇ، ئەگەر سياسى سەۋەبتىن چكىندۇرلمىسە، نورمال ئالاقە ساقلاپ قالسا بولىدۇ.بۇرۇن ئ‍شلىگەن خىزمەتلىرى ساغلام ۋە توغرا بولغان شەرت ئاستدا ئۆچۇرۈلمەيدۇ.

 

1-ئۆزى خالاپ چېكىنشنى قارار قىلغاندا 

(قارارىنى چوقۇم ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى گۇرۇپپا مەسئۇلىغا بىلدۇرۇشى كىرەك، خىزمەت توپىدىن چېكىنگەنلىكى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدىن چېكىنشنى بىلدۇرمەيدۇ)

2- ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تۈزۈملىرىگە ئىغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغاندا (ئاساسى تۈزۈملەر تور بېكەتتە كۆرستىلگەن بويىچە)

3–ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئ‍وبرازىغا خىلاپ ئ‍ش-ھەرىكەتلەرنى قەستەن سادىر قىلغاندا،

4-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خادىملىرى ياكى مەسئۇللىرى بىلەن ئورۇنسز جىدەل-ئۇرۇش چىقىرىپ، خىزمەتكە ئىغىر دەرىجىدە تەسر يەتكۈزگەندە،

5-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ۋە مەسئۇللىرى ياكى پىدائىيلىرىنى ئۆز خىزمەتلىرى ۋە مەيدانى سەۋەبلىك  ھاقارەت قىلغان تەشكىلات، ئورگان ياكى شەخسلەر بىلەن تىل بىرىكتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا سوسيال مديادا پايدسز ۋە زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقاتقاندا،

6-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئىچكى مۇنازىرىلىرىنى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنى سېتسش ۋە دۇشمەن قىلىش مەقستىدە تارقاتقاندا،

7-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خادىملىرىنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى ئىگەللەپ سرتقا رۇخسەتسز ئاشكارىلىغانلار جۈملىدىن ختتاي دائىرلىرىغا يەتكۈزگەنلەر(بۇلار بايقالسا،قانۇن ئورۇنلىرىغا تاپشۇرلىدۇ)

8-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خادىملىرىنىڭ خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى باشقا تەشكىلات-گۇرۇپپىلارغا تارتىپ،  ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىدىن چېكىندۇرمەكچى بولغانلار

9-يالغان ۋە ئويدۇرما خەۋەر ئ‍شلەپ، ئۇيغۇر ۋە ئاگېنىتلىق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۇزگەنلەر

10-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئېقتسادى ۋە بايلىقىغا خيانەت قىلغاندا،

11-ئۆزىگە ئايرىلغان خىزمەتنى ئۇدا 2 ئاي ئىجرا قىلمىغاندا،

12-ئۆز بېشمچىلىق بىلەن ئاگېنىتلىقنىڭ خىزمەت پىرىنسپىنى ئاشكارا كۆز ئىلمىغاندا.6-دېكابىر

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

پارتىلاتقۇچ خەۋەر: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى رەسمى شەكىلدە ختتاينىڭ 2022-يىللىق ئولىمپىكنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلدى.

دۈ دېكابىر 6 , 2021
پارتىلاتقۇچ خەۋەر: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى رەسمى شەكىلدە ختتاينىڭ 2022-يىللىق ئولىمپىكنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلدى.

You May Like