ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خادىملار قوللانمىسى (2): ئادەم كۈچى

قۇرغۇچى ۋە باش دىرېكتور:
ئىستراتېگىيە ۋە نازارەت، قانۇنىي ئ‍شلار، مالىيە ئ‍شلىرى، قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى، تاشقى ئاممىۋى مۇناسۋەتكە مەسئۇل؛

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خادىملىرى ھەققىدە:

 

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئادەم كۈچى قۇرۇلمىسى:

 

قۇرغۇچى ۋە باش دىرىكتور: 

ئىستراتېگىيە ۋە نازارەت، قانۇنىي ئ‍شلار،مالىيە ئ‍شلىرى،  قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشى، تاشقى ئاممىۋى مۇناسۋەتكە مەسئۇل؛

ئاساسى چوڭ قارالار مۇدىريەت ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلىدۇ:

مۇدىريەت ئەزالىرى: باش دىرېكتور، ئىجرائىيە دىرېكتور، باش مۇھەرىر، باش مەسلىھەتچى، باش نازارەتچى، ئاممىۋى ئالاقە مۇدىرى، قانال دىرېكتورلىرى، مالىيە دىرېكتورى، باش تېخنىك، باش لايىھەلىگۈچى (15-20 ئادەم خىزمەت قىلىدۇ.) ئايلىق يىغىن ئېچىپ، مەسللەرنى مۇازكىرە قىلىدۇ.

ئىجرائىيە دىرېكتور: 

تۈزۈملەرگە قاراپ چىقىش، كونكىرېت ئىجرا قىلىش، ئادەم كۈچى قوبۇل قىلىش، ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە  باشقۇرۇش، قوبۇل قىلىش، ئاممىۋى تەشۋىقات ۋە مالىيە يېغىش، ئىچكى مۇناسۋەت ۋە  كۈندىلىك باشقۇرۇشقا مەسئۇل. ئومۇمى قاناللارنىڭ ئايلىق خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، ئەسەر سانى ۋە كۆرۇلۇش سانى ھەققىدە دوكلات چىقىرىشقا مەسئۇل.

بۇ خىزمەتلەرنىمۇدىريەت ئەزالىرى بىلەن ھەمكارلىشپ باشقۇرىدۇ.

باش مۇھەرىر:

ئومۇمى 9 تىل قانالنىڭ  ئەسەر ۋە تېمىلارنى بەلگىلەش،  سۈپەت نازارەت قىلىش، سياسى ساپلىق،  ئىلمىيلىق، ئەدەبىيلىك ۋە گىرامماتىكىلىق ئۆلچەملەرنى نازارەت قىلىش، مۇھەرىر ئورۇنلاشتۇرۇش، خىزمەت دوكلاتى يېزىش ۋە تەكلىپ بىرىشكە مەسئۇل.

مۇھەرىر:

 باش مۇھەرىر ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، سۈپەت نازارەتچىلىكى، كوررىكتۇرلۇق ۋە تەھرىرلىككە مەسئۇل.

باش نازارەتچى:

1-مىللى ۋە كەسپى ئەخلاق، سۈپەت نازارەتچىلىكى، تۈزۈملەرگە قاراپ چېقىش، خادىملار ئارا مۇناسۋەتنى نازارەت قىلىش، ئاممىۋى ئىنكاسنى نازارەت قىلىش.

 

باش تېخنىك:

ئومۇمى سستىمىنىڭ تېخنىكىلىق قۇرۇلۇشى، تور بىخەتەرلىكىگە، مۇلازىمتىرغا، تېخنىك خادىملارنى تەربىيلەشكە مەسئ‍ۇل.

تېخنىك : يۇقىرىدىكى تېخنىكىلىق ئ‍شلارنى ئورۇنلايدۇ.

قانال دىرىكتورى: 

مۇناسۋەتلىك تىل قانال مەزمۇنلىرى،تور بېكەت ۋە ئىجتمائى تاراتقۇلىرى، پىدائىيلار خىزمەت ۋەزىپىسى، تارقىلىشى، ئاممىۋى ئىنكاس قاتارلىقلارغا مەسئۇل.

باش لايىھەلىگۈچى:

سۈرەت ۋە فىلىم لايىھەلەش ئ‍شلىرىغا مەسئۇل.

لايىھەلىگۈچى: لايىھەلەش خىزمىتىنى ئورۇنلايدۇ.

 

مۇخبىر، تەرجىمان، يازغۇچى:

تاللىغان تېمىلار بويىچە خەۋەر يېزىش، تەرجىمە قىلىش، ئوبزور ۋە ئەدەبى ئەسەرلەرنى يېزىش ۋەزىپىسى.

 

تور بەت ۋە سەھىپە باشقۇرغۇچى:

تور بېكەت باشقۇرۇش، مەزمۇن يوللاش، ئىجتىمائى تاراتقۇلار ھساۋىنى باشقۇرۇش، ئالاقىدار تور بېكەت ۋە ھساۋاتلارنى قائ‍ىدە ساغلام مەزمۇنلار بويىچە باشقۇرۇش

خەۋەر، ئۇچۇر يېغقۇچى:

ئالاقىدار ئۇچۇر، خەۋەرلەرنى ئىجتىمائى تاراتقۇلار،  تور بېكەتلەردىن توپلاش،

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خادىملىرى كىملەر؟

 

1-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خادىملىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاۋازى بولۇشنى تاللىغان ۋەتەنپەرۋەر، ئىلغار، مەسئۇلىيەتچان زىياليلار قوشۇنىدىن ئىبارەت.

2-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خادىملىرىپىدائىيلار ۋە مۇقىم خىزمەتچىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ. بارلىق خادىملارئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بىلەن مۇناسۋەتلىك  ئەھدىنامە ماقۇللىغان ياكى مەزكۇر قوللانمىنى ئوقۇپ چىقىپ قوشۇلغانلىقىنى ئىپادە قىلغان بولىدۇ. ئۇيغۇر مىللى مەنپەئىتىنى ھېمايە قىلىدىغان ئەمما ئوخشىمىغان دىنى، سياسى،مىللى، تەشكىلى  كۆزقاراشلارغا ئىگە ۋەتەنداشلارغا سەھنە بىرىلىدۇ.

3-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خادىملىرىۋەتەن مىللەت مەنپەتىگە سادىق بولۇشى، راسچىل ۋە كەسپچان بولۇشى، ئ‍شەنچلىك بولۇشى، خىزمەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.خادىملاردىنئىناقلىق، ھەمكارلىق، كەسپچانلىق، ئۆگنىش، سەمىميلىك تەلەپ قىلىندۇ.

4-خادىملارخىزمەتداشلار ئارا ھەمكارلىق، ئشەنچ ۋە ھۈرمەت بىلدۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

خىزمەت گۇرۇپپىسدا، كەسپ ۋە خىزمەت، ئۇيغۇر مىللى مەنپەئىتى ۋە ھەرىكىتىگە ئائىت مەسللەرگە پىكىر قاتناشتۇرسا بولىدۇ،  ئوخشمىغان پىكىرلەرگە ھۈرمەت بىلدۇرۇش لازىم، خىزمەت گۇرۇپپىسدىكى سۆھبەت مەزمۇنىنى ساغلام بولمىغان مەقسەتتە باشقا ياققا يۆتكەش، ئۆزگەرتىش، زىددىيەت پەيدا قىلىشقا بولمايدۇ.شۇنداقلا ئۆزى تەۋە بولغان سياسى گۇرۇپپىلارنىڭ مەيدانىنى ياقىلاپ، باشقىلارنىڭ نورمال خىزمىتىگە تەسر يەتكۈزۈشكە،ئىدىيە تەشۋىق قىلىپ،سياسى ئىختىلاپ پەيدا قىلىش،ئىناقلىقنى بۇزۇشقا بولمايدۇ.

5-تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىغان ھەر قانداق كىشىئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا ئەزا خادىم، پىدائى بولسا بولىدۇ:

1-ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر، خەلقپەرۋەر روھىغا ئىگە

2-مەلۇم ئىلمى كەسپ، تىل ۋە تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش كەسپلىرىنىڭ ئىگىسى بولغان بولۇشى 3-ئ‍شەنچىلىك،مەسئۇلىيەتچان ۋە ھەمكارلىق روھىغا ئىگە بولۇشى كىرەك.

 

6-ئەزا بولۇش ئۇسۇلى: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مەسئۇللىرىغا بىۋاستە ئالاقە قىلىسا ياكى ئىلتىماس ئەۋەتسە بولىدۇ.

7-ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىئۆز پىدائىيلىرىنىڭ سەمىمىيتى،ئىقتىدارى،پىداكارلىقىغا رەھمەت ئىيتسا،مۇقىم خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ ۋاقتى ۋە ئەمگىكىنى ئەڭ لايىق ئورۇنغا ئ‍شلىتىشقا تېرىشدۇ.

 

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

تۇتقۇندىكى ئىنىم: "تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن"

شە ئاۋغۇست 7 , 2021
تۇتقۇندىكى ئىنىم: "تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن"

You May Like