ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى يېڭى سستىمسغا مەزمۇن يوللاش ئۇسۇلى

يېڭى سستىمىغا مەزمۇن يوللاش ئېىقتىدارى-كونا سستىمىغا قارىغاندا،ئاددى ۋە تېز،ئۆگىنىش قولاي.ئەمما تەپسلاتىغا چوقۇم دىققەت قىلىش ۋە رەسم ھەجىمىنى كونتىرۇل قىلىش تەلەپ قېلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى يېڭى سستىمسغا مەزمۇن يوللاش ئۇسۇلى:

 

1-ھوقۇق بېرىلگەن تەھرىر ئۆزىگە بېرىلگەن ئادرس ۋە باشقۇرۇش ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق ئارقا بەتتىن كېرىدۇ.

2-ئارقا بەت ئېچىلغاندىن كىين، كونتەنىت (مەزمۇن  )تېزىملىكىدىن .پوستس (يەنى يوللانمىلار) دىگەننى چېكىمىز. بۇنىڭ ئاستىدا ئاد (يەنى قوشۇش ) ۋە ئال پوست قاتارلىقلار بار. بىز ئاد (قوشۇش)نى چېكىمىز. مەزمۇن يوللاش بېتى ئېچىلىدۇ.

 

3-مەزمۇن يوللاش ئورنى ئېچىلغاندىن كىين، كاتېگورىيە دىگەن يەرگە ئۆزىمىز كىرگۇزمەكچى بولغان كاتېگورىيە نامىنى كىرگۈزىمىز، كاتېگورىيە تېزىملىكى تور بېكەتنىڭ باش بېتىدە تولۇق بار بولۇپ،  مەزمۇن يوللاشتىن بۇرۇن مەزمۇن تەۋەلىكىگە ئاساسەن،  شۇ كاتىگورىيە نامىنى ئېسمىزدە ساقلىشمىز لازىم.

بىر يازمىنى ئەڭ يېقىن كىلىدىغان  ئىككى تۈرگە يوللاشقا بولىدۇ.

 

4-تايتىل يەنى ماۋزۇ كۆزنېكى

 (ماۋزۇسنى كىرگۈزىمىز، زىيادە ئۇزۇن بولماسلىقى كىرەك)

 

5-شورت كونتەنىت (قسقا مەزمۇن)

 (بۇ يەرگە شۇ ماقالە مەزمۇنىغا ئائىت ئىككى قۇر مۇھىم مەزمۇن يوللىنىدۇ، بۇ مەزمۇن شۇ ماقالە ئاستىدا ئوقۇرمەنلەرگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ)

 

6-كونتەنىت (مەزمۇن)كۆزنېكى: 

 بۇ يەرگە مەزمۇننى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ خەۋەرلىرى، مەزمۇنلىرى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 5 قۇر بولۇشى كىرەك.

 

7-ئەسكەرتىش قوشۇش :

ئەسلى مەنبەسى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا تەۋە بولمىغان تەرجىمە ئەسەرلەر، ئوبزورلارنى ئىلان قىلغاندا، شۇ ئەسەر ئۈستى تەرەپكە تۆۋەندىكى مەزمۇن قوشۇلىدۇ:

 (ئاگېنتلىقىمىزدا ئىلان قىلىنغان تەرجىمە ئەسەرلەر، ئوبزورلار، توردىن ئىلىنغان يازمىلارنىڭ سۈپىتى،  ئاپتورلۇق ھوقۇقى، كۆزقارشى ۋە سياسى مەيدانى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا تەۋە ئەمەس ياكى ئاگېنىتلىقىمىزغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بۇ ھەقتىكى پىرىنسپىمىزنى بېتىمىزدىن كۆرۈڭ) دەپ قوشۇپ قويۇش كىرەك.

 

8-تەھرىرلەش ۋە تۈرلۈك ئۈنۈم، مەزمۇنلارنى قوشۇش:

 

تەھرىرلەش بۆلىكىدە، رەسم،  ۋىدىئو  خەت نۇسخسىى تاللاش، پاراگراف تاللاش، قۇر ئورنىنى باشلاش، مېىديا قستۇرۇش قاتارلىقلارنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ.

خەت نۇسخسى چوڭلۇقى ئادەتتە 14 بولسا بولىدۇ.

 

9-مۇقاۋا رەسم ۋە رەسملەر:

 

ماقالىنى سۇبمىت (يوللاش)ئىجرا قىلىنغاندىن كىين، ماقالىنىڭ ئۇستى تەرەپتە مۇقاۋا رەسم كىرگۇزۇش چېقىدۇ،شۇ يەردىن تاللاشقا بولىدۇ.رەسملەر چوقۇم كىچىكرەك (500-600) ئەتراپىدا بولۇشى كىرەك.بولمسا تور بېكەت سۈرئىتىگە تەسر يەتكۈزىدۇ.رەسملەر فورمات ئ‍ۆلچىمى:

Webp

 يەنى ھەر بىر رەسمنى مۇشۇ شەكىلدىكى رەسمگە ئايلاندۇرۇپ، ئاندىن يوللايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا ماقالە ئارسىغا رەسم قستۇرغاندا، رەسم چوقۇم زىيادە چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى كىرەك.

رەسمنىڭ فورماتىنى ئايلاندۇرۇش تور بېكەت ئادېرسى:

https://www.freeconvert.com/jpg-to-webp

 

رەسملەرنىڭ چوڭكىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىش تور بېكەت ئادېرسى:

https://picresize.com/

 

10-تەھرىرلىگۈچىنىڭ ئ‍سمى

ئەسەر، يازما، ماقالىلارنىڭ تەھرىرلىگۈچىسى،كوررىكتۇرى،ئاپتورلارنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى ماقالە ئاستىغا بىرىلىدۇ.

 

11-ئەسلى مەنبەسى:

 

مەزمۇنلارنىڭ ئەسلى ئۇلانمىسى بولسا،يەنى تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەر بولسا،ئۇنى تېما ئاستىغا ،تەرجىمە ئەسەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى دەپ

ئەسكەرتىپ، ئۇلانمىسنى  قوشۇپ بىرىشمىز كىرەك.

12-سلاگ

Slug

سلاگماقالە تېمىسنىڭ لاتىنچە يېزىلىشى بولۇپ،  ئىلان قىلىنغان مەزمۇنلارنىڭ تېمىسنى ئۆز قولىمىز بىلەن لاتىنچىغا ئۆرۈپ ، سلاگ بوشلۇقىغا قويۇشىمىز كىرەك،ئەرەب ئىلىپبەسدىن لاتىنچىغا  ئاپتوماتىك ئۆرىگەندە،سستىما تونۇمايدىغان ھەرپلەر قوشۇلۇپ قالىدۇ.سلاگ قوشۇلغاندا، ماقالە تارقىتىلغاندا، رەتلىك،ئۆلچەملىك ھەرپلەر بىلەن تارقىتىلىدۇ.

13-تاگ

 ئاچقۇچلۇق سۆزلەرTag

تەگماقالە تېمىسى ۋە مەزمۇنىدا تىلغا ئىلىنغان ئاچقۇچلۇق سۆزلەر، مەزمۇنلارنى كۆرستىدۇ.ئەڭ كۆپ تارقىلىدىغان،مۇھىم،ئاساسى ۋەكىللىك قىلىدىغان سۆزلەرنى قويۇش كىرەك،بۇ ماقالىنىڭ كۆپ كۆرۈلۈشى، تارقىلىشىغا تەسر كۆرستىدۇ.

بۇرۇن ئىلان قىلىنغان ماقالىلارغىمۇ قايتىدىن تەگ قوشۇپ مېڭىش تەۋسيە قىلىنىدۇ.

 

14-پابلشىت :ئىلان قىلىش 

مەزمۇنلارنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىين، ئاستىدىكى پابلىشت (ئىلان قىلىنغان)دىگەنگە بەلگە ئۇرۇش كىرەك، شۇنداق بولغاندا ماقالىلار بەت

يۈزىدە كۆرۈنىدۇ.

15-ئىزدەش ئىقتىدارى

 ئىچىدە،تېما بىلەن ئىزدەش ستونى ئارقىلىق  ( All posts)مۇناسۋەتلىك تېمىلارنى ئىزدەپ تەھرىرلەشكە توغرا كەلگەندە، ئارقا بەت 

تاپقىلى ۋە تەھرىرلىگىلى بولىدۇ.

 

يېڭىلانغان ۋاقتى،30-ئاۋغۇست،2021-يىلى

تەييارلىغۇچى:تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان،سىلۋىر سىپرىڭ، پانىرا

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

ئانتونى بلىنكېن گېرمانىيە زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى

يە ئىيۇل 18 , 2021
گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونى بلىنكېن(Antony Blinken) شۇ جاي ۋاقتى 23-ئىيۇن چارشەنبە كۈنى بېرلىندا خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ "شىنجاڭ" (شەرقى تۈركىستان\ ئۇيغۇرىستان. ت) رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئارقىلىق ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئالماسلىققا ۋە ئىشلەتمەسلىككە چاقىردى.

You May Like