ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قسقا خەۋەر ئۆلچىمى

مۇناسۋەتلىك ئاخباراتچىلىك ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەر بىر ئەسەرنىڭ سۇپىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۇچۇن مەزكۇر قسقا ئۆلچەم تۇزۇپ چېقىلدى.

 

 

مۇناسۋەتلىك ئاخباراتچىلىك ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەر بىر ئەسەرنىڭ سۇپىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۇچۇن مەزكۇر قسقا ئۆلچەم تۇزۇپ چېقىلدى.

 

بۇ ئۆلچەم ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئاساسى قائىدىسنىڭ تۇزۇملىرىگە ئۇيغۇن بولۇپ،توقۇنۇش بولغاندا،ئاساسى قائىدە ئۆلچەم قىلىنىدۇ.

 

بىرىنچى :قسقا خەۋەر يېزىشتىن مەقسەت:

 

مۇھىم خەۋەرلەرنى تىز سۇرئەتتە خەلق بىلەن ئۇچراشتۇرۇش.

 

قسقا خەۋەر ئاساسى فورماتى:

 

قسقا خەۋەرلەر: ئەڭ ئاز بولغاندا،100 خەتتىن كەم بولماسلىقى،كۆپ بولغاندا 500  ئاشماسلىقى كىرەك.خەۋەردە ،ئىلان قىلىنغان ۋاقىت،  تەييارلىغۇچى ئ‍سمى، خەۋەر مەنبەسى،  ۋەقە ، ئادەم، ئورۇن،  سەۋەبى،  سانلىق مەلۇمات،  مۇناسۋەتلىك باھا-كۆز -قاراش، خەۋەر ئۇلانمسى، سۇرەت تولۇق بىرىلىشى كىرەك.

 

قسقا خەۋەرلەرنىڭ ئاساسى شەرتلىرى:

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قسقا خەۋەرلىرى -ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ ئۇيغۇر ئۇچۇن  بولۇش،توغرا بولۇش ۋە ھەققانى بولۇشتىن ئىبارەت ئۇچ ئاساسى پىرىنسپىنى يادرو قىلىدۇ.

 

قسقا خەۋەرلەر كەڭ جەھەتتىن تۆۋەندىكى تۆت ئۆلچەمگە ئۇيغۇن بولۇشى كىرەك:

 

1-توغرا 2- ئىخچام 3-مەنبەلىك بولۇش 4-تىلى ئۆلچەملىك ئەدەبى تىلدا بولۇش كىرەك.

 

1)-توغرا  بولۇش ئۆلچىمى:

 

ۋەقە -ھادىسە،  ۋاقىت،   ئورۇن،   سان-سېفىر،   ئادەم ئ‍سمى،   سەۋەبى توغرا ۋە ئەينەن بولۇشى كىرەك.

 

ئاپتور ياكى  مۇخبىر خەۋەرگە شەخسى ھسيات ۋە ھاياجان ئارىلاشماستۇرماسلىقى كىرەك . پاكىت يتەرلىك بولمىغاندا،  «يتەرلىك بولمىغان مەنبەلەردە مۇنداق دىيىلگەن، ئەمما بۇ ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى تەرىپىدىن  تېخى دەلىللەنمىدى»دىگەننى قوشۇش كىرەك.  مۇھىم ئامىللار ۋە سەۋەبى  پاكىت ئاساسدا يورۇتۇلۇشى كىرەك.

 

2)-ئىخچام بولۇش شەرتلىرى :

 

 ئاددى،  قسقا ۋە  ئېنىق بولىدۇ. مۇھىم بولمىغان تەپسلاتلار،  زىيادە ئىنچىكە مەزمۇنلار قوشۇلمايدۇ. زىرىكىشلىك ۋە مۇناسۋەتسز مەزمۇنلار بىرىلمەيدۇ.

 

 3)-مەنبە ئۆلچىمى

 

خەۋەر مەنبەسى :

 

ھەر بىر خەۋەرلەرگە مەنبە بولغۇچى شەخس،ياكى ئورگان، تاراتقۇ  ئ‍سمى ، ئادرس ئۇلانمىسى قوشۇلۇشى كىرەك. مەنبەسى ئېنىق بولمىغان خەۋەرلەر ياكى مۇستەقىل تەكشۇرۇلمىگەن خەۋەرلەرنى چېقىرىشقا بولمايدۇ.

 

خەۋەر ئارسدىكى باشقىلارنىڭ كۆز قاراش مەنبەسى:

 

باشقىلارنىڭ كۆز قارشىنى ئۆز ئىگىسگە مەنسۇپ قىلىش كىرەك.

 

ئاپتور كۆز -قاراش قوشۇشقا بولىدىغان ژانىر:

 

شەخسى نام بىلەن يېزىلغان، ئاگېنىتلىققا ۋەكىللىك قىلمايدىغان ئ‍وبزور ماقالىلىرىدا ئاپتورلار شەخسى كۆز-قاراشلىرىنى خالىغانچە ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ.

 

4)-ئەدەبى تىل ئۆلچىمى: 

 

سۆز-ئاتالغۇلاردا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۆلچەملىك ئاتالغۇلار  ئ‍شلىتىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

 

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى، تېنىش بەلگىلىرى قائىدىسى، ھازىرقى زامان ئىملا قائىدىسگە رىئايە قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن تۇزدى.

 

كۆرۇپ چىققۇچىلار: ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مۇدىرىيتى

 

2020-يىلى،26-نويابىر

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئوبزور :ختتاي خەلقى ئىنسانلىققا قايتىشى كىرەك.

يە يانۋار 26 , 2020
ختتاينىڭ كېيىنكى يەتمىش يىلى مەدەنىيەت، دىن ، ئەخلاق ساھەسدىكى چېكىنىش يىلىدۇر! ئوتتۇز يىللىق ئىسلاھات ختتايغا ئېقتسادى تەرەققىيات بەردى ئەمما ئىنسانى خاراكتىردە ئىغىر يوقىتىش بولدى!ختاي خەلقى ئۆزى ۋە ئىنسانىيەت دۇشمىنىگە ئايلانماسلىقى ئۇچۇن روھى ئىسلاھات ئىلىپ بىرىشى، ئەقىدىگە، ئىنسانىيلىققا قايتشى ، رەزىلىككە قارشى تۇرۇشى كىرەك!

You May Like