ئۇيغۇرىئان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 4-ئەۋلاد لوگوسى 2021-يىلى 26-ئىيۇل كۈنى ئىشلىتىلىشكە باشلاندى.
ئاگېنتلىق -ئامېرىكىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغاندا،سودا ماركىسى ئۈچۈن خەت بەلگىسى ئشلتىلگەن بولۇپ، نورمال ئئىشلەتكەندە شەكىل ئالماشتۇرۇشىغا دەخلى بولمايدۇ.
مەزكۇر لوگو-ئۇيغۇر سۆزىنى يادرولۇق مەركەز قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ -ئۇيغۇر مىللى مەنپەئىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش پرىنسىپىغا ئۇيغۇن.
ئۇيغۇر سۆزى-مەخسۇس ھۆسنخەت ئارقىلىق يېزىلغان بولۇپ، ئۇستاز كەسپى خەتتاتنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ ئالاھىدە تەلىپى بويىچە مەخسۇس لايىھىلىگەن ئەمگىكى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇستازخەتتاتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇر خېتىنىڭ غولى-تەكلىماكانغا سىموۋول قىلىنغان (ئەسلى نۇسخىسىدا خەت ئارىلىقىدا قۇملۇققا سىمۋول ئۈچۈن ئۇششاق چېكىتلەر بېرىلگەن)،ئۈستىدىكى گۈل-چېچەك ۋە ياپراقلار-ئۇيغۇرلار ياراتقان بوستانلىق مەدەنىيىتىگە،ئاستىدىكى تەڭداش قويۇلغان ئىككى يۈرەك-ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز خەلقى ۋە ئئىنسانىيەتنى باراۋەر ياخشى كۆرىدىغان مۇھەببەتلىك روھىغا سىمۋول قېلىنغان.
لوگو رەڭگى بىنەپشە رەڭ-ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ياخشى كۆرىدىغان رەڭ بولۇپ،يۈكسەكلىك، ئازادىلىك، قۇدرەت ۋە ئاجايىباتلىقنىڭ سىمۋول بولۇپ كەلگەن رەڭدۇر.
بىز مەزكۇر لوگونى ئۇزۇن مۇددەت ئشلىتىش قىزغىنلىقىمىزنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.