دىننى جۇڭگۇچىلاشتۇرۇش، سوتسىيالستىك جەمىئەتكە ئۇيغۇن «قۇرئان» تۈزۈپ چىقشمۇ ؟

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» : خىتاي سوتسىيالىزىم كۆز -قارىشى مەركەز قىلىنغان «قۇرئان»، «ھەدىس»نى قايتىدىن تۈزۈپ چىقىپ، ئەسلى قۇرئان، ھەدىستىن كومىنىست پارتىينىڭ كۆز -قاراش ۋە ئەھۋالىغا ماس بولمىغان قىسىملىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىماقچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدى.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

 

تەييارلىغۇچى: ساي ئوغلى

 

2019-يىلى 27-دىكابىر

 

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» : خىتاي سوتسىيالىزىم كۆز -قارىشى مەركەز قىلىنغان «قۇرئان»، «ھەدىس»نى قايتىدىن تۈزۈپ چىقىپ، ئەسلى قۇرئان، ھەدىستىن كومىنىست پارتىينىڭ كۆز -قاراش ۋە ئەھۋالىغا ماس بولمىغان قىسىملىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىماقچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدى.

 

گېرمانىيە ئاۋازى خەۋەرلىرى «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»دىن بىر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ تۈۋەندىكى سۆزلىرىنى نەقىل قىلدى: دىننى كىتاپلارنى ئۆزگەرتىپ تۈزۈپ چىقىش بۇ يىل 11-ئايدىكى مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ مىللەتلەر دىننى يىغىندا ئوتتورغا قويۇلغان. بۇ ئەمەلدارنىڭ بايان قىلىشچە، بېيجىڭ ھازىر دىننى كىتاپلارغا قايتىدىن قاراپ چىقىپ،«دەۋىرگە ماس بولمىغان مەزمۇنلارنى» چىقىرۋېتىشنى تەلەپ قىلغان.
فىرانسىيە فىگارو (费加罗)گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ دىننى ئىشلارنى باشقۇرۇش نازارىتى شى جىنپىڭنىڭ كۆرسەتمىىسىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان دىنلارنى سوتسىيالىزىمنىڭ كۆز-قارىشىغا ماس ھالدا قايتىدىن شەرھىلەپ چىقماقچى بولغان. بۇ گېزىت يەنە بۇ ئىشقا مەسئۇل ئەمەلداردىن جۇڭگۇچە دىننى سېستىما شەكىللەندۈرۈش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان. خىتاينىڭ دىننى كىتاپلارنى بۇنداق قايتىدىن تۈزۈپ چىقىشى ۋە شەرھىلەش ھەركىتى كىشلەرنى «دىننى ئاشقۇنلۇقتىن»،خۇراپاتلىقتىن ساقلاپ، دۆلەتنى پارچىلاشتىن قوغداپ قالىدىكەن.
خىتاينىڭ بۇ كۆرسەتمىسىدە قايسى كىتاپلارنى قانچە قىسىم، قانچە باب قىلىپ ئۆزگەرتىش ئېنىق بايان قىلىنمىغان بولسىمۇ، «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» ۋە «فىگارو گېزىتى»نىڭ بايان قىلىشچە خىتاي بۇ قېتىم ئەڭ ئاز دىگەندە «قۇرئان» ۋە «ھەدىس» نى ئۆزگەرتىپ تۈزۈپ چىقىدىكەن.
بۇ يىل 11-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان يىغىندا 16نەپەر دىننى زات ۋە مۇتەخەسسىسلەر مۇزاكىرە قىلىپ تەجىربە، چۈشەنچە ۋە تەسىراتلىرنى ئالماشتۇرۇپ دىننى جۇڭگۇچىلاشتۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش دەۋىرنىڭ تەلىپى ئىكەنلىكىنى ئوتتورغا قويغان. بۇ قېتىملىق يىغىنغا مەركەزنىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىدىن ۋاڭ ياڭ قاتناشقان بولۇپ شى رەئىسنىڭ دىننى ئىشلار خىزمىتىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى قاتتىق ئۆگىنىپ، جۇڭگۇچە، زامانىۋى دىننى سېستىما شەكىللەندۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
2016-يىلدىن بۇيان شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم دىننى جۇڭگۇچىلاشتۇرۇش يۆلنىشكە قاراپ مېڭىشنى تىلغا ئالغان. دىننى سوتسىيالىزىمغا ماسلاشتۇرۇپ، سوتىسىيالىزىمنىڭ دىننى جەمىئەت، دىننى زات ۋە دىننى ئاممىنى يېتەكلىشى كېرەكىلىنى تەكىتلىگەن.
خىرىستيان دىنىغا قارىتا 2018-يىلدىن باشلاپ توردا « ئىنجىل» سېتىلىشى چەكلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا شەھەر بازارلاردىكى چېركاۋلارنىڭ كىرسىت بەلگىسى ئېلىۋېتىلگەن. خىرىستيان دىننغا ئېتقاد قىلىدىغان ئائىللەر بېسىمىغا ئۇچراشقا باشلىغان.

 

خەۋەر مەنبەسى: گىرمانىيە ئاۋازى

UT-Uyghur Reporter 16

Next Post

جاكارتادا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى قوللاپ 100 مىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

جۈ دېكابىر 27 , 2019
يېقىنقى كۈنلەردىن بىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كىلىشنى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرخىل تۈردىكى پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا، بۈگۈن يەنى 12_ئاينىڭ 27_كۈنى ھىندونوزىيە پايتەختى جاكارتادا خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىدا يۈزمىڭ كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا بىۋاسىتە قاتناشقان شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىس رەئىسى سىيىت تۈمتۈرۈك ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە بۈگۈن جۈمە نامىزىدا ھىندىنوزىيە دىكى جامىلەردە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە خۇتبە ئۇقۇلغان ۋە دۇئالار قىلىنغان.

You May Like