Home ئاپتورلارئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا سۇنۇلغان ئەرز ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا سۇنۇلغان ئەرز ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

by UT-Uyghur Reporter 3

 ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا سۇنۇلغان ئەرز ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

 

شەيئى ياكى ھادىسىلەرگە تەنقىدى نوختىدىن قاراش بىلەن بىرگە ئىجابىي نوختىدىنمۇ قاراش كېرەك- خاتىرەمدىن.

ئارگېنتىنا سوتى -« دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش يولىدا باسقان بىر ئوڭۇشلۇق قەدىمى- ئۈزۈمنىڭ ھېس قىلغانلىرى.

ئارگېنتىنا بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بەك تونۇشلۇق بولمىغان بىر دۆلەت بولۇپ، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. ئۇ ئۇرۇگۋاي، بىرازىلىيە، پاراگۋاي، بولىۋىيە ۋە چىلى قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. نوپۇسى 45 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، دۆلەت تىلى ئىسپان تىلىدۇر. يەر مەيدانى بىرازىلىيەدىن قالسىلا جەنۇبى ئامېرىكىدىكى ئىككىنچى چوڭ دۆلەت، شۇنداقلا دۇنيادىكى سەككىزىنچى چوڭ دۆلەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئارگېنتىنا سوتى- ھوقۇق دائىرىسى خېلىلا كەڭ بولغان ئەركىن ھالەتتىكى ئۇنىۋېرسال سوتلارنىڭ بىرى بولۇپ، خەلقئارالىق قانۇن تەۋەلىكى بويىچە: ئۇرۇش جىنايەتلىرى، قىيىن-قىستاق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە ئوخشاش قىلمىشلار دۇنيانىڭ قەيىرىدە يۈز بەرگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۇستەقىل سوت ئېچىش ئىمتىيازىغا ئىگە.

8-ئاينىڭ 17-كۈنى، « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» دىن دولقۇن ئەيسا، ئۆمەر قانات قاتارلىقلار ئەنگلىيەلىك خەلقئارا قانۇن ئادۋوكاتى مايكول پولاك، ئارگېنتىنالىق ئادۋوكاتلاردىن گەبرىل كاۋاللۇ، خۇئان نېتو قاتارلىقلارنىڭ ياردىمىدە ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان  ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى ۋە بۇ قىرغىنچىلىققا بىۋاسىتە قوماندانلىق قىلىۋاتقان دىكتاتور، جاللات شى جىنپىڭ ئۈستىدىن تەييارلىغان ئەرزنامىسىنى سۇندى. بۇنىڭدىكى مۇھىم بىر سەۋەب، ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى ئادەم قىيناش جىنايەتلىرىدىن  ھېساب سوراش ھوقۇقى بارلىقىدىن ئىبارەت ئىدى.

شۇ كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ئارگېنتىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مارك ستەنلىمۇ ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئىنگلىزچە ۋە ئىسپانچە ئۇچۇر بايانات يوللاپ مۇنداق دېدى: « بىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلىش ئەھۋالىدىن تېخىمۇ كۆپ خەۋەردار بولدۇق. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانلىق شەرىپىنى قوغداش كۈرىشىگە داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ».

ئەرزنامىنىڭ سۇنۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئارگېنتىنادا بىراقلا تونۇلۇپ، ئارگېنتىنا مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. جۈملىدىن، ئىسپان تىلىدا سۆزلىشىدىغان جەنۇبى ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تونۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى. ئوخشاشلا، بۇ ھادىسە ئۇيغۇر دەۋاسى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا يەنە بىر قېتىم مەركىزىي نۇقتىغا ئېلىپ چىقتى.

ئارگېنتىنا سوتى ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنىڭ كەڭ، ئىمتىيازىنىڭ ئۈستۈن، تەسىرىنىڭ ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇشى قاتارلىق بىر قاتار سەۋەبلەر سالاھىيىتىدە ئۇزۇندىن بۇيان مۇستەقىل بىر شەكىلدە خەلقئارالىق سوتلارنى ئېچىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى شۇكى، روھىنگا مۇسۇلمانلىرى بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىنى ئەڭ دەسلىپىدە ئارگېنتىنا سوتىدىن باشلاپ دەۋا قىلىپ، ئاخىرىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمسىگىچە دەۋادا ئۇتۇپ چىقتى. نەتىجىدە، بىرما ئارمىيەسىنىڭ قىلمىشىغا رەسمىي يوسۇندا ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ قارار چىقىرىلدى.

دەسلەپتە، روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىق ئەھۋالى ئارگېنتىنا سوتىغا يوللانغاندىن كېيىن، ئارگېنتىنا سوتى روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھەقىقەتەن بىرما ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئاخىرىدا ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ قارار چىقارغانىدى. بۇ كېيىنچە روھىنگا مۇسۇلمانلىرى

ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا قاراپ چىقىلىشىغا نىسبەتەن قوللاش ۋە ماسلىشىش رولىنى ئوينىدى. شەكسىزكى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئاساسلىق تونۇلۇشى ۋە ھۆكۈم قىلىنىشى ئەڭ ياخشىسى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا بولغىنى ياخشى. چۈنكى، ئۇنىڭ تەسىر كۈچى خەلقئارالىق بولىدۇ. گەرچە بىر دۆلەتكە نىسبەتەن چوقۇم بۇيرۇق ئارقىلىق ئىجرا قىلدۇرۇش مېخانىزمى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھۆكۈمىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك خەلقئارالىق تەسىرى بولىدۇ. مۇشۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ دۆلەتلىك سوت ۋە خەلقئارالىق سوتتا سوتلىنىپ چىقىشى خېلىلا ئوخشاشلىققا ئىگە. ئەمما، ھازىرقى ئاساسلىق پەرق شۇكى، روھىنگا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دەۋاسى ئارگېنتىنادىمۇ ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىلگەن، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدىمۇ ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىلگەن. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھازىرغىچە نە ئارگېنتىنا سوتىدا، نە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا بولسۇن، تېخىچە تولۇق – ھەقىقىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىلمىدى. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ ماڭدىغان يولىمىز يەنىلا تېخى ئۇزۇن. ھەقىقەتەنمۇ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ قارارى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەمما، بۇنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇئەييەن قەدەم – باسقۇچ ۋە مەلۇم جەريان كېتىدۇ. « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتىغا قىلغان ئەرزى، كېيىنكى قەدەمدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە قارا چىقىرىپ خەلقئارالىق قانۇنى ئاساسقا ئىگە قىلىشقا تۈرتكە بولالايدۇ. ئۆتكەن يىلى «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ ئەنگلىيەدە ئاچقان «ئۇيغۇر سوتى» تۆۋەن دەرىجىلىك ۋە ئاممىۋى خاراكتېرلىك سوت بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرىنى ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ قارار چىقاردى. گەرچە بۇ سوت ھۆكۈمىنىڭ جازالاش ھۆكۈمى بولمىسىمۇ دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى قانۇنى ئاساسقا ئىگە قىلغان ئىدى.  بۇ قېتىملىق سوت ھەم مۇستەقىل قارار چىقىرىش ھەم ئۆز ئالدىغا جازالاش ھوقۇقى بولغان ئارگېنتىنا سوتى ئارقىلىق بىر يەنە بىر تارىخى باسقۇچقا رەسمىي كىردى. شۇنداقتىمۇ، بىزنىڭ ئاخىرقى نىشانىمىز قانۇنىي يوللار ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئېلىپ چىقىش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى خەلقئارالىق قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىش بولۇشى كېرەك. شۇڭا، « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى»نىڭ بۇ قېتىملىق ئارگېنتىنادىكى پائالىيىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئېلىپ چىقىشقا قاراپ بېسىلغان بىر چوڭ قەدەم دېيىشكە بولىدۇ.

2021-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ ئېلان قىلغاندىن كىيىن، كانادا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن گوللاندىيە، بېلگىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، بېلگىيە، لىتۋا، چېخ قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ دەپ ئېتىراپ قىلغانىدى. ئەپسۇسكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا يەتتە دۆلەتنىڭ پارلامېنتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسا، « ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنتى» ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھۋالى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن دەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە كۆز يۇمغاندەك بىر ئەھۋالنى پەيدا قىلدى. ئالدىنقى ھەپتە، « بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» قۇل ئەمگەك ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەققىدە ھېچبىر گەپ قىلماي، خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايىتىگە كۆز يۇمۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايىتىنىڭ دەرىجىسىنى تېخىمۇ تۆۋەنلىتىۋەتتى. ھەتتا « بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى» ئالىي كومىسسارى مىشىل باچىلېت 8-ئاينىڭ 25-كۈنى جەنۋەدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە « ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى» نىڭ ئىشلىگەن خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندە ئۆزىنىڭ بىرما ۋە ۋېنېزۇئېلادا كۆرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ئۇنى توختىتىش ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى سۆزلىگەن. ئارقىدىن دۇنيادا ھازىرمۇ داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق زوراۋانلىقلىرىنى تىلغا ئالغاندا بىرمىدىكى روھىنگا مۇسۇلمانلىرى، رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىدا قەتلىئامغا ئۇچۇرغان ئۇكرائىنا خەلقى قاتارلىقلارنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالمىغان. ئەمما مۇخبىرلارغا دېگەن سۆزىدە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا ئائىت دوكلاتنى ئېلان قىلىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتنى ئىككى يىلغىچە ئېلان قىلماي ھەتتا ئېلان قىلىدىغان ۋاقتى ھەققىدىمۇ ئېنىق جاۋاب بېرەلمىگەنلىكى، بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى يەنىلا يېنىكلىتىۋېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى ھەققىدىكى دەلىل-ئىسپاتلار بارغانسېرى تولۇقلانماقتا. شۇ سەۋەبتىن، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ھۆكۈم چىقىرىش دەۋاسى ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر سوتىدىن باشلىنىپ، ھازىر ئارگېنتىنادىكى دۆلەتلىك سوتلارغا قەدەر دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە سوتلارغا يۈزلىنىۋاتىدۇ.

شۇڭا ئارگېنتىنا جىنايى ئىشلار سوتى خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ دەپ قارار چىقىرىپ قالسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، « بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى»نىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان جىنايەتلىرىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن چىقارغان قارارىغا، شۇنداقلا خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش، ئاقلاش جەھەتتە ئېلىپ بارغان دىپلوماتىيە، تەشۋىقات ئىشلىرىغا قارىتا چاپقان بىر پالتا بولۇپ قالغۇسى.

ئاخىرىدا، مەن 19 ئائىلە ئەزاسى خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بىر سىياسىي پائالىيەتچى بولۇش ۋە مۇستەقىل  كۆزەتكۈچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ ئارگېنتىنا سوتى ئارقىلىق باسقان قەدىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداقلا، ئارگېنتىنا سوتىدىن كىيىن، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايىتىنىڭ خەلقئارادا قانۇنى ئاساسقا ئىگە بولىدىغانلىقىغا ۋە تېگىشلىك جازاسىنى تارتىپ بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن.

ئەڭ ئاخىرىدا، « دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش يولىدا بۇنىڭدىن كېيىن ئېلىپ بارىدىغان ئىش – خىزمەتلىرىگە نەتىجە – ئۇتۇق تىلەيمەن. سەۋەب بىزدىن، نەتىجە ئاللاھتىن.

مۇناسۋەتلىك تېمىلار