Home ئاپتورلارئابدۇۋەلى ئايۇپ خىتايغا قاش ئاتساڭ ئۇيغۇر تاش ئاتىدۇ

خىتايغا قاش ئاتساڭ ئۇيغۇر تاش ئاتىدۇ

by UT-Uyghur Reporter 3

خىتايغا قاش ئاتساڭ ئۇيغۇر تاش ئاتىدۇ

 

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 1. مارت

مەن ئەخمەتجان ئىسمايىلنى ئەسەرلىرى، قىلىقى ۋە قىلىۋاتقانلىرىدىن ياخشى تونۇيمەن. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ قېتىم خىتايپەرەس بىخەتەر پىكىرلەرنى بازارغا سېلىشىدىن ھەيران قالمىدىم. مەن ئۇنىڭ ئۇيغۇرنىڭ دۆلەت قۇرۇشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن «شەرقى تۈركىستان قۇرۇلمايدۇ» دېگەن كىتابىنىڭ ئېلانىنى كۆرۈپمۇ پەقەتلا تاسادىپىلىق، كۈتۈلمىگەنلىك ھېس قىلمىدىم.

 بەزى ئاقكۆڭۈل دوستلار ئۇنىڭ داڭقىنى نەزەرگە ئېلىپ، «شەرقى تۈركىستان قۇرۇلمايدۇ، ئۇيغۇرىستان قۇرۇلىدۇ دېمەكچى» دەپ توغرا چۈشەنگەنمۇ بولدى. مەن ئۇنداقمۇ پەرەز قىلمىدىم، چۈنكى مەن كۆرگەن پاكىت باشقا. ئۇ كىتابىنى تونۇشتۇرۇپ «ئۇيغۇرلار خىتايدا خىتايلار بىلەن بىللە ياشايدۇ» دەپ بولدى. ئۇ ھەتتا خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى «سەۋەنلىكلەر» دەپ ئاتاپتۇ. ئۇ ئېلانىدا ئۇيغۇرلارغا ھىسداشلىق قىلقۋاتقان ئەللەرنى «ئۆزىنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۇيغۇرنى قۇربان قىلىۋاتقان» شەكىلدە چۈشىنىپتۇ، شۇلارنى ئەزۋەيلەپ ئىما قىلىپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ.

ئەخمەتجان كىتابىغا يازغان ئېلان سۆزىدە خىتاينى سەۋەنلىك سادىر قىلغۇچى دەپتۇ، ھەمدە بۇ كىتاپنى يېزىشقا تۈرۈتكە بولغىنى ئۈچۈن «تەشەككۈر» ئېيتىپتۇ. دېمەك ئۇ خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرمەپتۇ، بۇ جەھەتتە ئۇ بىزدەك داۋاگەرلەرگە ئەمەس، ھەتتا بوسنىيەلىكلەرگە ئىرقى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن مىلوشوۋىچنى سوتلىغان جەفرى نايىسقىمۇ ئىشەنمەپتۇ. سىر نايىس باشچلىق قىلغان ئۇيغۇر سوت كولىگىيەسى خىتاينىڭ قىلمىشىنى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت، ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ جىنايى ھۆكۈم چىقىرىپ بولغان تۇرۇقلۇق، بۇ زاتنىڭ شۇنىمۇ ئىتىراپ قىلغۇسى كەلمەپتۇ. كەلگۈسى سوتتا داۋاگەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەزاسى بولىدىغان مەزكۇر ئۇيغۇر تېۋىپ كىتابىدا قىرغىنچى جىنايەتچىنى بىخەستەلىك قىلغۇچى دەپ ئاتىغاندەك قىلىدۇ. ئۇنىڭچە خىتاي جازالانمايدىكەن، ئەكسىنچە ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە بولارمىش، بۇ بىرلىكتەلىك ئاسىيانىڭ پارلاق كېلەچىكىنى تۇغارمىش.

 مەن ئەخمەتجان ئىسمايىلنىڭ بۇ قاراشلىرىدىن ھىچ بىر يېڭىلىق ھېس قىلمايمەن. بۇنداق قاراشنى قاماقتىكى چېغىمدا سوراقچىلاردىن كۆپ ئاڭلىغانمەن. ئۇلارمۇ ئۇيغۇرلارنى دۆلەت قۇرالمايدۇ،  قۇرۇپمۇ چىقىشالمايدۇ، قۇرسىمۇ تالىباندەك كاللا كېسەر ھاكىمىيەت قۇرىدۇ، دەپ مىڭە يۇيماقچى بولۇشاتتى. ھەتتا بەزى كاتتىلاردىن ئۇيغۇرنىڭ زۇلۇمغا قېلىشىنى مۇھاجىرەتتىكى نامايىشلاردىن، قارشىلىقلاردىن، ئۇيغۇرلارنىڭ زوراۋانلىقلارغا نارازىلىق قىلغانلىقىدىن دەپ قارايدىغانلارمۇ خېلى كۆپ ئىدى.

 ئەخمەتجان ئىسمايىل «شەرقى تۈركىستان قۇرۇلمايدۇ» دېگەن كىتابىنىڭ ئېلانىنى بەرگەندىن كېيىن ئۇنى خاتا چۈشىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن سۈكۈت قىلدىم، ئۇنى ئۆزى چۈشەنچە بەرسىكەن دېدىم، ئۇنىڭ بۇرۇنقى قاراشلىرىغا ئەستايىدىل نەزەر سالدىم. خاتالىشىپ قالماسلىق ئۈچۈن سائەتلەرچە ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنىڭ فېيىسبۇك سەھپىسىنى بىر بىرلەپ ئوقۇپ چىقتىم. چۈنكى مەن ئۇنى يامان نىيەتلىك كىشى دەپ قارىمايمەن. ئۇنىڭ مىللەتنى سۆيىدىغانلىقىغا، ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇرنى يەر يۈزىدىن يوق قىلماقچى بولغان قىرغىنچى خىتاي ئالدىدا يۇمشاپ كەتكەن تىزلىرىغا، يالۋۇرۇپ، تەلمۈرۈپ ئۆمچەيگەن چىرايىغا قاراپ ئىچىمنىڭ قانچە ئاغرىپ كەتكەنلىكىنى يوشۇرالمايمەن.

 مەن ئەخمەتجاننىڭ تېبابىتىگە ئەمەس ئەدەبىياتىغا بۇرۇندىن قايىل ئىدىم. ئۇنىڭ ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بىرى ئىدىم. ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە تونۇلغان ناتىق ۋە يازغۇچى ئىدى. ئۇنىڭ يازغۇچىلىق قابىلىيىتىگە  «تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر» دېگەن بىر يۈرۈش كىتابىنى ئوقۇپ قايىل بولغان، باشقا كىتاپلىرىنىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ئىدىم.

ئەخمەتجان ئىسمايىل يازغان كىتاپلارنى ئوقۇغاندىكى تەسىراتىم ئۇنىڭ ماھىرلىقىدىن باشقا ئۇستاتلىقى ئىدى. ئۇ كىتابىدا ھىچكىمنى رەنجىتمەي، ھىچ بىر بەتتە كومۇنىستىك تۈزۈمنىڭ تەتۈرلۈكلىرىنى تەھلىل قىلماي، ھىچ بىر سەھىپىدە ھاكىمىيەتنىڭ تەسىرىنى، مەھكۇملۇقنىڭ ئالامەتلىرىنى ئانالىز قىلماي، كىشىنىڭ تەقدرىنى پەقەت تەدبىرىگىلا باغلاپ قويغان ئىدى. دېمەك، ئۇيغۇرنىڭ مەھكۇملۇقى، ئاجىزلىقى، مەزلۇملۇقى ئۆزىنىڭ تەدبىرسىزلىكىدىن ئىكەن. خوش، تەدبىر قىلىش ھوقۇقىنىڭ، پۇرسىتىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقىچۇ؟ تەدبىر قىلاي دېگەنلەرنىڭ جازالانغانلىقىچۇ؟ نېمە ئۈچۈن خىتايدا قىلالمىغان ئىشنى ئۇيغۇرلار چەتئەللەردە قىلالايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر كۆپ بولغاچقا زۇلۇم قاينايدىغان قەشقەردە ئاقتۇرالمىغان ئىشنى ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدە، ئۇيغۇر ئاز يەردە ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ. بىر مىللەت بىر ئەلدە، بىر يەردە قىلالمىغاننى باشقا يەردە قىلالىسا ئۇ مىللەتنىڭ خاتالىقىمۇ موھىتنىڭ، شارائىتنىڭ، تۈزۈمنىڭ چەكلىمىسىمۇ؟

مەن ۋەتەندە ياشىغان يىللاردا ھەممىنى مىللەتتىن كۆرۈدىغان بىنورمال پىكىر ئېقىمى مودا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە پەندە ئوقۇغانلارنىڭ شۇئارى «ئۆزىمىز ھورۇن خەق، زادى بىز خەق شۇنداق يارامسىز بولغاچقا مۇشۇ كۈنگە قالغان، ئەسكىلىكىمىزدىن بىزگە تېخى بۇ كۈنلەر ئاز» دېگەن شەكىلدە ئىدى. دىندا ئوقۇغانلار بولسا «بىز سادىق مۇسۇلمان بولمىغاچقا مۇشۇ كۈنگە قالدۇق، بىز نامازلارنى ۋاقتىدا ئادا قىلمىغاچقا مۇشۇ زۇلۇمنى كۆرۈۋاتىمىز، بىز ئىتىقادىمىزنى كۈچەيتمىگۈچە ئاللاھ بىزگە نۈسرەت ئاتا قىلمايدۇ» دەيتتى.

ۋەتەندىكى مەيلى دىندارلىق نوقتىسىدىن بارلىق ئەيىپنى ئۆزىدىن، ئۇيغۇردىن كۆرۈدىغانلار بولسۇن ياكى زىيالىلىق نوقتىسىدىن نۇقسانلارنى مىللەتنىڭ ئۆزىدىن كۆرۈدىغانلار بولسۇن بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا سەۋەپ بولىدىغان تۈزۈم ئامىلى، ھاكىمىيەتتىكى ئەۋزەللىك ئامىلى، تەرەققىيات پۇرسىتىدىكى باراۋەرسىزلىك ئامىلى دېگەنلەرنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇراتتى. ئۇلار ئۇيغۇرلار تاشلاپ قويۇلغان يەردىكى قاتناشنىڭ، سىياسەتنىڭ قولايسىزلىقى، ئۇچۇرنىڭ راۋانسىزلىقى، مائارىپنىڭ قالاقلىقى، بايلىق، پۇرسەت، يۈكسىلىش ئەۋزەللىكىنىڭ ئادىل تەقسىم قىلىنماسلىقى دېگەنلەرنى تەھلىل قىلىشتىن قورقۇشاتتى، چەتئەللەر بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن مەھرۇم ئىدى.

ۋەتەندە ھەممى پىشكەلنى مىللەتنىڭ ئۆزىگە ئىتتىرىپ قويۇشقا كۈنگەن زىيالىلاردىن «خوش، ئارقىدا قاپتىمىز، بىزغۇ يېتەرلىك تىرىشماپتىمىز، خىتايدىكى موڭغۇللار، قازاقلار، تېبەتلەر، يىزۇلارچۇ؟ ئۇلارمۇ بىزدەك كۈننى كۆرۈۋداتىدۇغۇ؟ ئۇلارمۇ نېمە ئۈچۈن بىزدەك نامرات، نېمىشقا ھوقۇقسىز؟» دېگەن سوئاللار سورالمايتتى. شۇنىڭغا ئ‍وخشاش ۋەتەندە بارلىق گۇناھنى ئۆزىمىزنىڭ دىندىكى سۇسلىقىمىزغا دۆڭگەپ قۇتۇلىۋاتقان ئۆلىمالاردىنمۇ «بەرھەق ئۇستاز! بىزغۇ ئاللاھقا يېتەرلىك ئىبادەت قىلماپتىمىز، ئۇنداقتا پەقەتلا ئاللاھنى تونىمايدىغان ياپۇنلار، كورىيانلار نېمىشقا بىزدىن ياخشى ياشايدۇ؟» دېگەنلەرگە ئىزاھات بېرىش تەلەپ قىلىنمايتتى.

مەن ۋەتەندە بارچە توقالەنەتنى مىللەتكە يۈكلەپ قويۇپ ئۆزىنى خاتىرجەم قىلىدىغان  يازغۇچىلار، تەتقىقاتچىلار، تىجارەتچىلەر، ئەمەلدارلارنى تولا ئۇچراتقان ئىدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۈگۈنكى ئەخمەتجان ئىسمايىلغا ئوخشاش دانىشمەنلەرچە ياشايدىغانلار بىخەتەر ئىدى، يۈزلۈك ئىدى. ئۇلار نېمە يازسا  سىياسەتنىڭ، زاماننىڭ تەلەپلىرىنى ئويلىشىپ يازاتتى. ئۇلار مىللەتچى ئىدى، ئەمما مويىغىمۇ خەۋپ يېتىشىنى خالىمايدىغان بىخەتەر مىللەتچىلەردىن ئىدى. شۇڭا ئەخمەتجان ئىسمايىلنىڭ «ئۇيغۇرلار دۆلەت قۇرالمايدۇ، خىتايلار بىلەن بىللە ياشايدۇ» دېگەن بايانىمۇ ماڭا بەك كۈتۈلمىگەن، تاسادىپى، يېڭى بىر ھۆكۈم بولۇپ تۇيۇلمىدى.

مەن ئەخمەتجاننىڭ بۇ ھۆكۈمىنى ئىتىبارسىز قويۇشنى توغرا كۆرمەيمەن. سەۋەبى بۇ ھۆكۈمنىڭ بەك ئىلمىي، بەك ئەمەلىي ياكى تارازىغا توختايدىغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ خىتاينىڭ ئارزۇسى بولغانلىقىدىن. خىتاي ئۇيغۇرنىڭ زېمىندارلىق تارىخىنى ئىنكار قىلدى. خىتاي يەنە تارىخ، مەدەنىيەت، سەنئەت ياراتقان، دۆلەت قۇرغان ئۇيغۇر داھىلارنى ئىنكار قىلغۇزۇپ كېلىۋاتىدۇ. شۇڭا، مىللەتنىڭ كېلەچەككە بولغان، ھۆرلۈككە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىنكار قىلىدىغان ھۆكۈمنىڭ ئۆزىمىزدىن چىقىشى سۈكۈت قىلىدىغان، ئىتىبار قىلمايدىغان مەسىلە ئەمەس.

ئەخمەتجاندەكلەر چىقارغان زۇلۇمنىڭ سەۋەبىنى، ۋاستەسىنى، مەنبەسىنى ئۇيغۇرغا يۈكلەپ قويىدىغان بۇنداق ھۆكۈم خىتايغا ياغدەك ياقىدۇ. بۇ ھۆكۈم بەزى روھى، مەنۋىي كۈچى ئاجىز ئ‍ۇيغۇرنى ئۆزىدىن شۈبھىلەندۈرىدۇ. موھىمى بۇ زات تېۋىپ، ئۇ ساق ئادەمنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ، كۆزىنى يۇمۇپ ئولتۇرۇپ دورا بېرىپ پۇل تاپالىغاندەك، زاماندىن، ھاياتتىن، ھازىرقى ئۇزۇنغا سوزۇلغان، نەتىجە چىقمايۋاتقان داۋادىن زېرىكىپ، ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ، سوۋۇپ ئاران تۇرغانلارغا تېپىلماس بىر رىتسىپنى يېزىپ چىقىدۇ. بۇ رىتسىپ ئۇلارنىڭ پاسسىپلىقىغا باھانە، تەسەللى بېرىدۇ، داۋادىن يىراق ياشاشتىكى خىسلەت، پەزىلەت ۋە پايدىلارنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇردا ئاق كېسەل بار دېسىمۇ پايدا بولىدۇ، قىزىل ۋاباسى بار دېسىمۇ نەپ كەم بولمايدۇ. تېۋىپقا ئۇيغۇردا كېسەلنىڭ بولۇش بولماسلىقى موھىم ئەمەس، پەقەتلا ئۇنىڭ ئاغزىدىن   شۇ بىمارلىق دېئاگونۇز چىقسىلا بولدى، نەتىجىدە ئوتتۇرىدا قالىدىغىنى گۇمان، شەك، ۋە بېسىقماس قۇرۇق گەپ بولىدۇ.

 ئەخمەتجاننىڭ كىتابى ھەققىدە چىقارغان ئېلاننى خاتا چۈشەنمەي، چۈشەندۈرمەي دەپ ئۇنىڭ فېيىسبۇك سەھىپىسىگە تەكرار تەكرار كىرىپ ئوقۇپ باقتىم. بەتلەردە خىتاينىڭ زۇلۇمىنى ئەيىپلەيدىغان، پاش قىلىدىغان بىرمۇ قۇر، بىرمۇ سۆز، بىرمۇ ئىپادە يوق. خۇددى بۇ كىشىگە ھىچ ئىش بولمىغاندەك، ھەتتا يالقۇن روزىنىڭ تېلىفون نومۇرىنى چىقىرىپ قويۇپتۇ. خۇددى ھازىر تېلىفون قىلىپ مەھبۇس يالقۇنكامغا ئۇلاشىقىلى بولىدىغاندەك. بۇ كىشى يەنە ئۆزىنىڭ تۇتقۇن زىيالىلار بىلەن چۈشكەن رەسىملىرىنى ئورتاقلىشىپتۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ قانداق كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقىنى پەقەتلا تىلغا ئ‍الماپتۇ. خوش، بىز سىزنىڭ بۇ مىللەتكە كۆيگىنىڭىزنى قانداق بىلىمىز؟ قانداق ئىشىنىمىز؟ يېنىڭىزدا، ئەنقەرەدە مىللەت يىغلاۋاتسا ياش تۆكمەكتە يوق، سۈكۈت قىلماقتا يوق، يىراقتىكى خىتايغا قاش ئاتسىڭىز ئۆزىڭىزنى قانداق ئاقلايسىز!.

خىتاي زۇلۇمىغا قارشى چىقمايدىغان، تۈركىيەدە تۇرۇپمۇ ئۆزىنىڭ نەقەدەر زۇلۇمسۆيەر، بېسىلىشخۇمار، باسقۇنچلىقپەرۋەرلىكىنى خىتايغا يەتكۈزۈشكە تەشنا، ئۇيغۇرنىڭ مۇستەقىل كەلگۈسىگە، ئۇيغۇرنىڭ دۆلەت قۇرالىشىغىمۇ ئىشەنمەيدىغان ئەخمەتجان ئىسمايىلنىڭ تۈركچە يازغانلىرىغا بىرمۇ بىر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتىم، تۇتۇم-پوزىتسىيەلىرىگە دىققەت قىلدىم. قارىسام مەزكۇر تېۋىپنىڭ بايانلىرىدا ئاق پارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر پاجىيەسىگە بىپەرۋالىقىنى تىلغا ئالغان بىر ھەرپمۇ يوق ئىكەن. رەسىملەردىن قارىغاندا ئۇنىڭ ھاكىمىيەتتىكى خادىملار بىلەن ئالاقەسى يېقىن ئىكەن. ھەتتا پرېزدېنت ئەردوغان بىلەن رەسىمگە چۈشۈپمۇ ئۈلگۈرۈپتۇ. ئەمما نە ئاق پارتىيە سورۇنىدا، نە باشقا يەردە زۇلۇمنى، تۇتۇلغان بىرمۇ ئۇيغۇرنى ئىتىراپ قىلماپتۇ.

  ھەيران قالارلىق يېرى ئەخمەتجان ئ‍ىسمايىل پەقەتلا ئۇيغۇرچە يازمايدۇ، ئەمما ئۇيغۇرنى تۈركچە داتلايدۇ. بەزىلەر ئۇنىڭ ئۇيغۇرنى تۈركچە داتلاشلىرىدىن غەزەپلىنىپ ھۇجۇم قىلىشنى تەرغىپ قىلىشىپتۇ، مەنچە بۇ خاتالا ئەمەس، ياۋايىلىق، ياۋايىلىقلا ئەمەس جىنايەت. يېزىلغان نەرسە كىتاپ بولغاچقا تاقابىللىق پەقەتلا كىتاپ بىلەن بولىدۇ، سۆز بىلەن بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ قارىشىغا قوشۇلمىغان بىلەن پىكىر ھوقۇقىنى شەرتسىز قوغدايمەن.

 بەزى دوستلارنىڭ ئەخمەتجان يازغان كىتاپنىڭ ئېنگىلىزچە بولغىنىدىن، ئۇنىڭ يامان تەسىرىدىن، دۇنياغا خاتا ئۇچۇر بېرىشىدىن ۋايىم يىگەنلىكىگە شاھىت بولدۇم. مەن بۇ ساپ كۆڭۈللۈكتىن سۆيۈنسەممۇ، ئەمما ئەنسىرەپ كەتكىدەك ئىش ئەمەس دەپ قارايمەن. «شەرقى تۈركىستان قۇرۇلمايدۇ» دېگەن كىتاپنى ھېلىغۇ خىتايغا تاش ئاتماي قاش ئېتىپ كېلىۋاتقان بىر بىخەتەر تېۋىپ يېزىپتۇ، بىر خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر رەھبىرى يازغان تەقدىردىمۇ ھىچ نەرسە ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى مىللەتنىڭ تەقدرىگە خىتايغا قارشى تۇرمىغان بىر ئالىم، ئۆلىما، بىر مۇتەخەسىس ئەمەس، مىللەت قارار بېرىدۇ. ئۇيغۇر قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئەل بىلەن كۈرەش مەيدانىدا مەھكەم تۇرغان، ھەقنى ياقىلاپ ناھەقكە ئوت ئاچقان، مىللەتنىڭ يىغىسىغا يىغلاپ كۈلكىسىگە كۈلگەن، يارسىنى تاڭغان كىشىلەرلا بۇ قارارغا ئارىلىشالايدۇ. 

 ئەخمەتجان ئىسمايىلنىڭ ئۇيغۇرنىڭ دۆلەت قۇرالىشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيتتىم، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە شىپاخانا قۇرغانلىقىدىن، بەكمۇ بايلىقىدىن، تونۇلغانلىقىدىن خەۋىرىم بار ئىدى. ئۇنىڭ ئەنقەرەدە ئاشخانا ئاچقانلىقىمۇ، تاقىلىپ ۋەيران بولغىنىمۇ راست. ئۇ ئاچقان ئاشخاناغا بىر قانچە قېتىم تاماققا بارغىنىممۇ ئېسىمدە، بەلكىم قولىدىن تۇز تائام يىگەنلىكىممۇ راستتۇر. ئەگەر ئۇ ئاشپەزلىكنىمۇ ناتىقلىقتەك قاملاشتۇرۇپ قىلغان بولسا ئاشخانا تاقالماستى. يېقىندا بىرەيلەن ئ‍ۇنىڭ ئورتا ئاسىيادا شىپاخانا قۇرۇش خىيالى بارلىقىنى ماختاپ سۆزلەپ بەرگەندە سۈكۈت قىلدىم. سەۋەبى قۇرغىلى بولمايتتى.

ئەخمەتجاننى بېقىۋاتقان ئۇيغۇر تېبابىتىنى خىتاي ۋەيران قىلدى، ئەمما ئۇ ئەيىپلىمەيدىغان خىتاي زۇلۇمىنى ئۇيغۇر ۋەيران قىلىپ تاشلايدۇ. ئۇزاققا قالماي زالىملارغا سوتلار قۇرۇلىدۇ، ئەمما ئ‍ۇ قۇرماقچى بولغان شىپاخانا ئورتا ئاسىيادا ئەمەس، خىتايغا ئوخشاش فاشىزىم سەۋدالىقىدىكى ئافغانىستاندىن باشقا ھىچ بىر دۆلەتتە مەڭگۈ قۇرۇلمايدۇ. سەۋەپ ئاددى، دۇنيا خىتاي تېبابىتىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلەردە تېبابەت كۈلتۈرلەرنىڭ بىر تۈرى بولغان خىتاي تېبابىتىنى ئەمەس بەلكى پەنلەرنىڭ بىر تۈرى بولغان مېدىتىسىنانى كۆرسىتىدۇ. خىتاي تېبابەت دەۋالغان تىببىي ئادەتلەرنىڭ تۈركىيەدە، ياپۇنىيدە، فرانسىيەدە دوختۇرلۇق ئىجازىتى بولمىغاندەك ئورتا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىمۇ دۆلەت تەرپىدىن بېرىلىدىغان رەسمى دوختۇرخانا ئىجازىتى يوق، بولمايدۇ. خىتاينىڭ تىببى كۈلتۈرىنى دۇنياغا پەن دەپ ئىتىراپ قىلدۇرۇش، يارىتىش، دۇنيانى ئالداش ئاۋارىگەرلىكى ترىلىيونلاپ دوللا سەرپ قىلىپمۇ پاجىيەلىك مەغلۇپ بولدى. ئەخمەتجان ئىسمايىلنىڭ ئۇيغۇرنى ئۈمىتسىزلەندۈرۈش، خىتايغا ياراش، جەلىپكار كۆرۈنىش ئۈچۈن قىلغان، قىلىۋاتقان ئۇرۇنۇشلىرىمۇ خىتاي ئاقتۇرالمىغان ئالدامچىلىقتەك مەغلۇپ بولىدۇ.

مۇناسۋەتلىك تېمىلار