ئانالىز: ئىران بىلەن سەئۇدىنىڭ دىپلوماتىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئانالىز: ئىران بىلەن سەئۇدىنىڭ دىپلوماتىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

 ئانالىز: ئىران بىلەن سەئۇدىنىڭ دىپلوماتىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئۇيغۇرىئان

ئەلجەزىرەنىڭ جۈمە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، نەچچە ئون يىل دۈشمەنلىشىپ كەلگەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىككى چوڭ دىنى دۆلەت شىئەلەر مەركىزى ئىران بىلەن سۈننىيلەرنىڭ مەركىزى ھېسابلانغان سەئۇدى ئەرەبىستان شۇ كۈنى خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار ئەمەلدارى ۋاڭ يى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ :« خىتاي بۇنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ، بۇ ئوتتۇرا شەرق ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا پايدىلىق» دېگەن.

ئىككى دۆلەت ئىككى ئايغىچە باش ئەلچى ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاماملايدىكەن.

ئىران بىلەن سەئۇدى يىللاردىن بىرى يەمەن، سۈرىيە، ئىراق، لىۋان قاتارلىق دۆلەتلەردە تىركىشىپ كەلگەن.
مەزكۇر مۇناسىۋەتنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە خىتاينىڭ بۇنىڭغا سەۋەب بولۇشى غەرب دۇنياسى ئۈچۈن پايدىسىز بولۇپ، خىتاي بۇ ئارقىلىق ھەم ئىقتىسادى مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى كۆزلىسە، رايوندا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوڭ ئاساس تىكلەيدۇ.

خىتايدىن ئىبارەت «دىن بىر زەھەر»  دەپ قارايدىغان ئىسلام دىنىنى يوقىتىشنى دۆلەت سىياسىتى قىلغان كوممۇنىستىك  دۆلەتنىڭ بۇ ئىككى مۇسۇلمان رىقابەتچىنى بىر يەرگە كەلتۈرۈشى، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ ئەخلاقى جەھەتتە چىرىكلەشكەنلىكىنى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتە چارىسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا،  غەربنىڭ بۇ ئىشقا سەل قاراپ ئوتتۇرا شەرقتە ئۆز تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ۋە دۇنيا تىنچلىقىدا ئاكتىپ رول ئويناشقا پايدىلىق بىر پۇرسەتنى خىتايغا بېرىپ قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسلام دۇنياسىدىكى ئىككى كۈچلۈك بايراقدار دىنى دۆلەت. مەيلى سۈنئىي مەزھىپى بولسۇن ياكى شىئە مەزھىپى بولسۇن، ھەر ئىككىلىسى ئىسلام دۇنياسىدا ئۆز تەسىر دائىرىسىنى ساقلاش، ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلىش سالاھىيىتىنى داۋا قىلىدۇ. ئىسلام دىنى بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا ئىناق ۋە ھەمنەپەس بولۇشنى،تىنچلىق ۋە ھەمكارلىقنى ساقلىشىنى، تاشقى دۇنياغا پايدىلىق ۋە ئىجابىي ئاممىۋى مۇناسىۋەت قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىككى مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ ئۆز ئىختىلاپىنى كوممۇنىزمغا تايىنىپ ھەل قىلىشى ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق شۇنداقلا كۈلكىلىك بىر ھادىسە.

خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بىرى، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مۇسۇلمانلارغا قارشى قىرغىن قىلىش، يوقىتىش، ئىسلامنى ئۆچۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ كەلگەنلىكى ھەممىگە ئاشكارا بىر پاكىتتۇركى، بۇ ئىككى مۇسۇلمان دۆلىتى بۇنىڭغا پەرۋاسىز قاراپ ھەتتا خىتاينىڭ ئىسلامغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى قوللاپ كەلدى.

خىتاي يىللاردىن بىرى ئىزچىل ئامېرىكىغا قارشى ھەرىكەتلىرى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى تاجاۋۇزچىلىقىنى قوللىغانلىقى سەۋەبلىك  ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشكەن ئىدى، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قىلغان ھەربىي خىرىسلىرى، خوڭكوڭدا دېموكراتىيەنى باستۇرۇشى، ئۇيغۇرلارغا قىلغان ئىرقى قىرغىنچىلىقى سەۋەبلىك تەنقىدكە ئۇچراپ كەلگەنىدى. ئىران بىلەن سەئۇدىنىڭ دىپلوماتىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە خىتاينىڭ تىرىشچانلىقى ئەلۋەتتە خىتايغا ئۆز ئوبرازىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر پۇرسەت بېرىدۇ، خۇددى دىپلوماتلىرى ۋە پىروپاگاندالىرى يىللاردىن بېرى : « خىتاي دۇنيا تىنچلىقىغا تۆھپە قوشىدۇ، ئىقتىسادى تەرەققىيات ئىلىپ كېلىدۇ، ئامېرىكا پەقەت قالايمىقانچىلىق ۋە بالايىئاپەت، ئۇرۇش ۋە تاجاۋۇزچىلىق ئىلىپ كېلىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلغىنىغا ئوخشاش. بۇ خىتاينىڭ ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان 12 ماددىلىق تىنچلىق تەكلىپىدىن كېيىنكى يەنە بىر دۇنياغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ھىيلىسىدىن ئىبارەتتۇر، ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسى ئۈچۈن بىر سىگنال، خىتاي ئامېرىكا بىلەن پەقەت ھەربىي، ئىقتىسادى جەھەتتە رىقابەتلەشمەيۋاتىدۇ، بەلكى دۇنيادا ئامېرىكىدىنمۇ كۈچلۈك ۋە مۇقىم ئوبرازنى تىكلەپ، دۇنيادا خىتاينى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدىغان يېڭى بىر تەرتىپ يارىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.

بۇ خىتاي رەئىسى شى جىن پىڭنىڭ ئامېرىكىنى ئاشكارا تىلغا ئىلىپ تەنقىد قىلالىشىغا جاسارەت بەرگەن ئامىللاردىن بىرىدۇر.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

پارتلاتقۇچ: سەئۇدى ۋە ئىران خىتاي ۋاسىتىسى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالىدى

جۈ مارت 10 , 2023
پارتلاتقۇچ: سەئۇدى ۋە ئىران خىتاي ۋاسىتىسى بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېلىشىمى ئىمزالىدى

You May Like