ئۇتۇق قازانغان بىر تەشەببۇس :100مىڭ كىشلىك ئاق ساراي ئىمزاسى

ئۇتۇق قازانغان بىر تەشەببۇس :100مىڭ كىشلىك ئاق ساراي ئىمزاسى

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان،ئۇيغۇر ئاگېىنتلىقى،11-ئۆكتەبىر ،ۋاشنگىتون.

ختتاي كومپارتىيەسنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى مەخپى قىرغىن قىلىشى ۋە ئاشكارا ئاسسلماتسيە قىلىشى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق كەڭ كۆلەمدە خەۋەر قىلىنىپ،ھەر قايىسى دۆلەت رەھبەرلىرى ،ھەر ساھە زاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار  تۇرلۇك شەكىللەردە ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان زۇلۇملارنى دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتىدۇ.

شەرقى تۈركستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى قۇرغۇچىسى ،ئامېرىكا پۇقراسى سالىھ خۇدايار دۆلەت مەجلىسى ۋە ئاق ساراي ئالدىدا 6-ئاينىڭ 4-كۇنىدىن بىرى ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان نامايىشتىن باشقا ،ئاق ساراي مۇراجىئەت سەھپىسدە ئىمزا توپلاش پائالىيتى تەشكىللىگەن بولۇپ،بۇ ھەرىكەت دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئ‍يغۇرلار ئارسىدا ئاكتىپ قوللاشقا ئېرىشكەن.ئۇچ مىلىيوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنىڭ لاگىرلارغا قامالغانلىقى تەكىتلەنگەن مۇراجىئەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى شەرقى تۈركستاننىڭ بېسۋىلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش،ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنى قىرغىن قىلىنىشنى توختىتىش بېسم چۇشۇرۇش،  ،ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دەس تۇرۇپ ،ختتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كىرەكلىكى ،ماگىنستىكى قانۇنىنى ختتاي ئەمەلدارىغا قارشى  ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

2018-يىلى 9-سىنتەبىر كۇنى باشلانغان بۇ ھەرىكەت بىر ئاي داۋاملاشقان بولۇپ،دەل بىر ئاي ئىچىدە 105مىڭدىن ئارتۇق ئىمزا توپلىنىپ،مەزكۇر ھەرىكەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشقان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جامائەت پىكرنى بىلىش ،ھۆكۈمەتنىڭ مۇزاكىرىسگە قويۇش ئۇچۇن يولغا قويغان مەزكۇر ئىمزا پىلانى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە  100 مىڭ كشىلىك ئىمزا تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ،ئىمەيىل ئارقىلىق تىزىملىتىپ ئىمزا قويسا بولىدىكەن.

سالىھنىڭ ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقىغىچە بىلدۇرشىچە،سالىھ مەزكۇر تەشەببۇسنى گەرچە كىچىكىپ چاقىرغان بولسمۇ ،ئەمما ئۇنۇملۇك بولغان،ئۇ بۇ جەرياندا نۇرغۇن قىرىنداشلارنىڭ قوللىشى ۋە مەدىيتىگە ئىرىشكەن.ئۇ ئىمزا ھەرىكىتى ھەققىدە نەچچە قېتىم نۇتۇق سۆزلەپ چاقىرىق قىلغان.بەزىدە قارشىلىققا ،خاتا چۇشنىشكە دۇچ كەلگەن.ئەمما ئۇ قەتئى داۋاملاشتۇرغان.

<مەن ئۆزۇممۇ يۇز مىڭغا يېتىشنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن ،مەن راستىنلا بەك خوشال ،مەن بەك ھاياجانلاندىم،خەلقىمدىن ئۇمىدنى كۆردۇم>

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى بىلدۇردى،

سالىھنىڭ ئىمزا توپلاش پائالىيتىگە دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى  ئاۋاز قوشقان بولۇپ،بۇ ھەممىنى ھاياجانغا سالىدۇ،شۇنداقلا بۇ پائالىيەت نۇرغۇن يوشۇرۇن ئاكتىپ كۇچلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغان.

تورداشلار بىردەك ھالدا مۇنداق دىگەن :ئىمزا ھەرىكىتى قانداق نەتىجە كەلتۇرۇشتىن قەتئىنەزەر،بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇم ۋە مۇستەملىكىگە قارشى ئويغانغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.مۇھىمى ،بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەمكارلىشپ بىر ئشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.

بىر تورداش مۇنداق دىگەن:مەن بۇگۇن بەك خۇشال،بىز ئۇيغۇرلار ھەمكارلاشساق بىر ئشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالشىمىزغا ئشەندىم،ئاللاھ خالسا ۋەتىنىمىزگە چوقۇم قايتىمىز.

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

 خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن ئىسلامنى يوقاتماقچى بولىۋاتىدۇ

جۈ ئۆكتەبىر 12 , 2018
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن ئىسلامنى يوقاتماقچى بولىۋاتىدۇ   ئەردەم،ئۇيغۇر ئاگېىنىتلىقى،گوللاندىيە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىنتىرنەتتە تارقالغان مەسچىتلەرنىڭ قاۋاقخانىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى. ئۇلاردىن شۇ مەسچىتلەرگە قوشنا ئولتۇراقلاشقان بۇ ئىككى مەسچىت توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. قەشقەر شەھەر ئارىيا يولى ئوردا ئالدى دوپپا بازىرى مەسچىتى ۋە چاسا يولى كەسكەن يار مەسچىتى چايخانا، قاۋاقخانىلارغا […]

You May Like