ئوبزور:كېيىنكى كەچۇرۇم سوراشتىن  بۈگۈنكى ئەمەلىي  ھەركەت  مۇھىمدۇر 

ئاپتورى:  نۇرمەمەت مۇساباي

2- دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كەيىن، دۇنيا سىياسىي  جەھەتتىن ئىككى قۇتۇپلاشتى.

 غەرىبنى ئاساس قىلغان ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى دېموكىراتىك تۇزۇمدىكى دەۋلەتلەر بلوكى ۋە سۆۋېتلەر ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى سوتسىيالىستىك تۇزۇمدىكى دىكتاتور دەۋلەتلەر بلوگى بولۇپ ئىككىگە ئايرىلدى.  

ھەربىي جەھەتتىن ناتو بلوگى ۋە ۋارشاۋا بلوگىغا بۆلۇندى.شۇندىن ئەتىبارەن بۇ ئىككى بلوگ ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۇچۇن، دۇنيانىڭ ھەممە يەرىدە ھەر تۇرلىك پائالىيەتلەرنى ئەلىپ باردى. ئىچكى ئۇرۇشلارنى قوزغىدى ۋە ئۇرۇشلارنى قىلدى.بۇلارنىڭ ئىچىدە غەرىب قوزغىغان  “ رەجىم ئالماشتۇرۇش “ نامىدىكى  نەتىجىسىز ئۇرۇشلار  خېلى كۆپ بولدى.مەسىلەن:  1950- يىلى 25- ئىيۇن   ئامېرىكا باشچىلىقىدى  ناتو ئارمىيەسى  كورىيە ئۇرۇشىغا كىردى، بۇ رەجىم ئالماشتۇرۇش ئۇرۇىشى 3 يىل سۈرگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى  ناتو ئارمىيەسى  پۇتۇن كورىيە ئارىلىدا دېموكىراتىك بىر رەجىم ھاسىل قىلالماي، كورىيە ئارىلىنى ئىككىگە بۆلەپ قويۇپ، 1953- يىلى  27- ئىيۇل  ئۇرۇشنى توختىتىپ، كورىيەدىن   چېكىندى. كورىيا ئۇرۇشى تۇگىگەن بولسىمۇ، كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى تىركىشىش بۇگۇنگىچە داۋام قىلىۋاتىدۇ. خىتتاي شىمالىي كورىيەنى قوللاش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ تېنچ ئوكياندىكى مەنپەئاتلىرىگە ۋاستىلىق تەھدىت سېلىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ.   

 1955- يىلى 1- نويابىر  ئامېرىكا   ۋېتنامغا كىردى، ئۇ يەردىمۇ دىكتاتور  كومۇنىستىك رەجىمنى ئالماشتۇرىمەن دەپ، نەچەچە ئون يىل ئۇرۇشۇپ، رەجىمنى ئالماىشتۇرالماي، نۇرغۇن قۇربانلارنى بەرىپ،  1975- يىلى 30- ئاپرىل ئۇرۇش توختىتىپ، ۋېتنامدىنمۇ  چەكىندى.  بۇگۇن  ۋېتنام خىتتاينىڭ  بىر يول، بىر بەلباغ چەمبىرىكىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتى.  

 1990- يىلى  2- ئاۋغۇست باشلىغان بىرىنجى قېتىملىق  ئىراق رەجىمىنى ئالماشتۇرۇش ئۇرۇشىمۇ نەتىجە بەرمىدى، 1991- يىلى 28-فەبرال ئۇرۇش توختىدى.  2003- يىلى 20- مارت  رەجىم ئالماشتۇرۇش  ئۇچۇن  ئىراققا 2- قەتىم  قايتىدىن ئۇرۇش ئەلان قىلدى ۋە ئامېرىكا باشلىق غەرىب كۇچلىرى ئىراققا  بەسىپ كىردى.  ئىراقتىكى دىكتاتور رەجىمنى يوق قىلدى، ئەمما مۇقىملىققا كاپالەت قىلغىدەك  دېموكىراتىك بىر رەجىممۇ بەرپا قىلالمىدى.  نۇرغۇن ئىنساننىڭ ئۆلۇشىگە سەۋەب بولدى.

ئىراق ئۇرۇشى 2011- يىلى 15- مارت ئاياقلاشقان بولسىمۇ،   ئىراقتا مۇقىملىق ھاسىل قىلالمىدى. ئىراق شۇندىن ئەتىبارەن ئىچكى ئۇرۇشلار قاينايدىغان بىر دەۋلەت بولۇپ قالدى.  رەجىم تەگىشتۇرىمىز دەپ، ئىراقنى ۋەيران قىلدى.

 2011- يىلى 15- فەبرالدىن 2011- يىلى 23- ئۆكتەبىرگىچە لىبيەدىمۇ ئوخشاش تراگىدىيە بولدى، نەتىجىدە ئىراق ۋە لىبيە خەلقى بۇ رەجىم تەگىشىش ئۇرۇشلرىدىن ئەغىر ۋەيرانچىلققا ئۇچرىدى.

2011- يىلى 15- مارت،  سۇرىيەدىمۇ رەجىم ئالماشتۇرۇش  ھەركىتى باشلاندى،  ئامېرىكا باشلىق غەربتىن تەركىب  تاپقان ئىتتىپاقداش دەۋلەتلەر قوشۇنى سۇرىيەنىڭ شەرقىگە كىردى، رۇسيە ئاسساد ھۆكۇمىتىنىڭ يەنىدا تۇرۇپ، بۇ ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئىككى تەرىپىنى قوللاپ كەلدى.   12 يىل بولدى سۇرىيە  ئىچكى ئۇرۇش قاينىمىدا قايناۋاتىدۇ.

ئوتتۇرا شەرىقتىكى  بۇ دەۋلەتلەر تېخىچە مۇقىملىقىنى ئەسلىگە كەلتۇرەلمىدى. شۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرا شەرىقتىكى خەلىقلەر ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرىبگە نارازى، ئامېرىكىغا  يامان كۆزى بىلەن قارايدۇ.  دۇشمەنلىك ھېس تۇيغۇلىرى  بار.

ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرىقتىكى  بۇ نەتىجىسىس ئۇرۇشلارغا كىرىشى سەۋەبىدىن، ئوتتۇرا شەرىقتىكى كۆپلىگەن دەۋلەتلەر  ئامېرىكا بىلەن يىراقلىشىپ، خىتتاي بىلەن يېقىنلىشىۋاتىدۇ.  خەلىقئارالىق موھىم ئىشلاردا خىتتاي بىلەن بىر سەپتە تۇرۇۋاتىدۇ. 

2001- يىلى 7- ئۆكتەبىر  باشلاتقان ئافغانىستاندىكى تالىبان رەجىمىنى ئالماشتۇرۇش ئۇرۇشىمۇ  20 يىلدىن كەيىن مىللىئونلىغان ئافغان خەلقىلىنىڭ ئۆلۇشى ۋە خانىۋەيران بولۇشى ،  مىڭلارچە ناتو ئەسكەرلىرىنىڭ قۇربان بەرىشى، نەچچە تىرىلىيون دوللارنىڭ بۇزۇپ چەچىلىشى بەدىلىگە ئافغانىستاندىكى رەجىم تېگىشىش ئۇرۇشىمۇ  مەغلۇپ بولدى.

 ئامەرىكا 2021- يىلى 30- ئائۇگۇست  ناھايىتى سەت بىر شەكىلدە ئافغانىستاننى تالىبانغا تاشلاپ بېرىپ چىقىپ كەتتى.

 بۇگۇن ئافغانىستان خىتتاينىڭ خام ئەشيا كانىغا ئايلاندى. خىتتاي-پاكىستان-ئافغانىستان ئىتتىپاقى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يەتتى. خىتتاينىڭ ھىندى ئوكياندىكى مەۋجۇتلىقى كاپالەتكە ئىگە بولدى. خىتتاينىڭ بىر يول، بىر بەلباغ ستراتېگىيەسىدىكى   قەشقەر – گۋادار تىجارى ۋە ئېنىرگىيې كارىدورىنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە بولدى.  

دىمەك، ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى غەرىبنىڭ رەجىم ئالماشتۇرۇش ئۇچۇن ئەلىپ بارغان ئىچكى ئارلىشىشلىرى، ئۇرۇشلىرى نەتىجىسىز بولۇپ كەلدى ۋە كەلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىرىدىن ئايرىلىپ، يوشۇرۇن دۇشمىنى خىتتاينى كۇچلەندۇرىۋاتىدۇ.  

لەكىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرىبنىڭ ھۆرلىك، ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ئىستىگەن خەلىقلەرگە ياردەم بەرىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقىنى قوللاش يۇزىسىدىن ئەلىپ بارغان ھەركەتلىرى ،  ئۇرۇشلىرى تولۇق نەتىجە بەردى.

مەسىلەن: 1992- يىلى   6-ئاپرىل  باشلانغان بوسنىيە خەلقىنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى قوللاش يۇزۇسىدىن ئېلىپ بارغان   ئامېرىكا باشلىق غەرىبنىڭ  قىسمەن  ئۇرۇشلىرى  مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى.  بوسنىيە خەلقى مۇستەقىل بولدى.

1975- يىلىدىن بۇيان  شەرقىي تومۇرمۇر خەلقىنىڭ  ئەلىپ بارغان مۇستەقىللىق ئۇرۇشى غەرىبنىڭ قوللىشى بىلەن   شەرقىي تومۇر 2002- يىلى 20- ماي   مۇستەقىل بولدى.

1990- يىلى كوسوۋا خەلقى  مۇستەقىللىق ئۇچۇن قوراللىق ئۇرۇشقا ئۆتتى.

ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ناتو  ئارمىيىسىنىڭ ئارىلىشى ۋە ھەربىي ياردەم بەرىشى، ھاۋادىن سېرىب قوشۇنلىرىنى  بومباردىمان قىلىشى  بىلەن  كوسوۋا خەلقىنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ئۇرۇشى غەلىبىلىك داۋام قىلدى. نەتىجىدە 2008- يىلى 17- فەبرال كوسوۋا مۇستەقىللىقىنى ئەلان قىلدى.

جەنۇبى سۇدان نەچچە ئون يىللىق ئىچكى ئۇرۇش ۋە سۇدان ھۆكۇمىتىگە قارشى  ئەلىپ بارغان مۇستەقىللىق ئۇرۇشلىرىدىن كەيىن،   ئامېرىكا باشلىق غەرىبنىڭ ئارىغا كىرىشى ۋە  ياردەم قىلىشى بىلەن 2011- يىلى  9- ئىيۇل جەنۇبى سۇدان مۇستەقىل بولدى.  

2022- يىلى 22- فەبرال روسسىيەنىڭ ئۇكرايىنىگە تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرىب كۇچلىرى ئۇكرايىننىڭ مۇستەقىلىقىنى قوللاپ، ئۇكرايىنغا ھەر تۇرلىك ياردەملەرنى بەردى. نەتىجىدە،  ئۇكرايىنا  رۇس ئەسكەرلىرىنى چېكىندۇردى.  نۆۋەتتە ئۇكرايىن ئارمىيەسى مۇداپىيە ھالىتىدىن، ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتتۇ. ھەتتا موسكىۋاغىمۇ  ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ.

دىمەك، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرىب دەۋلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە ئىنسان ھەقلىرىنى  قوغداش، دەموكىراتيەنى ھېمايە قىلىش ئاساسىدا  ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ئۇچۇن كۇرەش قىلغان خەلىقلەرنىڭ كۇرەشلىرىنى قوللىغاندا، ياردەم بەرگەندە  نەتىجە بەردى ۋە بەرىۋاتىدۇ.

شۇ سەۋەبتىن، ئەمدىكى  نۆۋەت خىتتاي ئىشغالىيىتىدىكى  خەلىقلەرنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ھەركەتلىرىنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىش ۋاقتى كەلدى.

بۇ خەلىقلەر بۇ  كۇننى كۇتۇۋاتقىلى   بەك ئۇزۇن بولدى ،

ئامېرىكا ۋە غەرىب ئەمدى   خىتتايدا رېجىم تەگىشىدۇ دەيدىغان قۇرۇق خىيالدىن ۋاز كەچىشى كېرەك.

ئامېرىكا  ھىچ ئىككىلەنمەستىن تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەتىراب قىلىشى كىرەك.

خوڭكوڭ   خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقنى قوللىشى كىرەك.

بولۇپمۇ،  1949- يىلىدىن  بېرى  ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قايتۇرۇپ ئەلىش ئۇچۇن  خىتتاي بىلەن كۇرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ مۇستەقىللىق كۇرەشلىرىگە خۇددى ئۇكرايىنغا ئوخشاش ئوچۇق ئاشكارا  كەڭ كۆلەملىك ياردەم قىلىش كەرەك.

ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ئۇچۇن كۇرەش قىلىۋاتقان خەلىقلەرنى قوللاپ ئەلىپ بارغان ئۇرۇشلىرىنىڭ غەلىبە قىلىش نۆۋىتى ئەمدى شەرقىي تۇركىستان ۋە تىبەتكە كەلدى.  

ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر شەرەپلىك، نەتىجىلىك  تارىخ يازىدىغان ۋاقتى كەلدى.

ئامېرىكىنىڭ خىتتاينى تىزگىنلىشىنىڭ  موھىم ئاشقۇچى – ئۇيغۇرلاردىدۇر.   

ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىشى  ۋە تېز ئارىدا  كەڭ كۆلەملىك ياردەم بەرىشكە باشلىشى كەرەك.  

خىتتاينى كونترول قىلىش، خىتتاينىڭ دۇنياغا ئەكىلىۋاتقان ۋە كەلگۇسىدە ئەكىلىدىغان خەتىرىنى يوق قىلىشنىڭ ئاساسلىق يولى– خىتتاي ئىشغالىيىتىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭ، موڭغۇل خەلىقلىرىنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ھەركەتلىرىنى ھەممە جەھەتتىن قوللاشتۇر.

تارىخنى ئەسلىگىنىمىزدە، شەرىقتىن بىر كۇچ كۆتۇرۇلگەندە دۇنياغا بالا ئەكەلگەن. موڭغۇللار كۇچلىنىپ، غەرىبكە يۇرۇش قىلىپ،  دۇنيانى ۋەيران قىلدى.

ياپونلار كۇچلىنىپ، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدە ئاسىيا ۋە تېنچ ئوكيان رايونىنى ئۇرۇش خارابىلىقىغا ئايلاندۇردى.

ئەمدى خىتتاي كۇچلىنىۋاتىدۇ، شەرققە  ۋە غەرىبگە ئەغىر تەھدىت سەلىۋاتىدۇ.

ئەگەر خىتتاينىڭ، ئاتالمىش بىر يول، بىر بەلبەغ نامى بىلەن غەرىبكە كەڭىيىشلىرىى ۋە دېڭىز ئوكيانلاردىكى كېڭەيمىچىلىكلىرى  ۋاقتىدا تۇردۇرۇلمىسا، خىتتاي دۇنياغا بالايى ئاپەت ئەكىلىدۇ.

خىتتاينىڭ  دۇنياغا ئەكىلىدىغان  بالايى ئاپەتلىرى، ۋەيرانچىلىق، قىرغىنچىلىقلىرى تارىختىكى موڭغۇل ۋە ياپون  ئىككىسىنىڭ ئەكەلگەن بالايى-ئاپەتلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولىدۇ.

چۇنكى : خىتتاي دۇنيادىكى 2- ئىقتىسادىي كۇچ، 3- ھەربىي كۇچ، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دەۋلەت، دۇنيانى ئىشغال قىلىش، ۋەيران قىلىش ئۇچۇن يەتەرلىك ئەسكەرىي كۇچگە، ئىقتىساتقا ئىگە.  شۇڭا  خىتتاينى سەددە چىنە سېپىلنىڭ ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك. سەددە چىنە سېپەلنىڭ تېشىغا ھەرگىز چىقارماسلىق كەرەك.

خىتتاينى سەددە چىنە سېپىلنىڭ ئىچىدە كونترول  قىلىشنىڭ ئەڭ ئۇنۇملىك يولى، خىتتاينىڭ غەرىبگە كېڭىيىش يولى بولغان شەرقىي تۇركىستاننى خىتتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن ئازاد قىلىشتۇر.  ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەركەتلىرىنى بار كۇچ بىلەن قوللاشتۇر.

شەرقىي تۇركىستان خىتتاينىڭ كۇچلىك بولۇپ داۋام قىلىشى  ئۇچۇن موھىم بىر رايون، شۇنداقلا غەرىبنىڭ خىتتاينى يىقىتىشى ئۇچۇنمۇ موھىم بىر رايوندۇر.

نوۋەتتىكى خىتتاينىڭ ئەنەرگىيە مەنبەسىنىڭ %30 شەرقىي تۇركىستاندىن كەلىدۇ.

خىتتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن  ۋە كەلگۇسىدىكى  قاشقار-گۋادار يولى بىلەن ئوتتۇرا شەرىقتىن   ئىمپورت قىلىدىغان ئەنەرگىيەسى  خىتتاينىڭ ئىمپورت قىلىدىغان ئەنەرگىيەسىنىڭ 30-40% نى تەشكىل قىلىدۇ.

شەرقىي تۇركىستان خىتتاينىڭ ئەڭ چوڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ خام- ئەشيا بازىسى، 

بۇگۇنكى ئەلىكتىر تېخنىكىسىغا، چىپ سانائىتىگە كەرەكلىك بولغان موھىم ماددا شەقىي تۇركىستاندىن چىقىدۇ. خىتتاي بۇ ئەۋزەللىكنى كوزۇر قىلىپ، دۇنيادىكى چىپ ئىشلەپچىقىرىدىغان دەۋلەتلەرگە تەھدىت سەلىۋاتىدۇ.

خىتتاينى كۇچلىك قىلىۋاتقان، خىتتاينى  چوڭ سۆزلىتىۋاتقان  ئورۇن شەرقىي تۇركىستاننىڭ ستاراتەگىيەلىك ئورنى ۋە ئۇ يەردىن ئەلىنىۋاقتقان بايلىقلاردۇر.

ئەگەر  ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ئۇچۇن ئەلىپ بەرىۋاتقان ھەركەتلىرىنى خۇددى ئۇكرايىننى قوللىغاندەك  قوللىسا، خىتتاينىڭ دۇنياغا سەلىۋاتقان تەھدىتىدىن قۇتۇلىدۇ.  خىتتاينى سەددە چىنە سەپىلنىڭ ئىچىدە كونترول قىلىدۇ.

ئۇيغۇرلارنى قوللىغانلىق، ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزغانلىق، يەنە بىر جەھەتتىن ئامېرىكا ۋە غەرىبنى خىتتاي تەھدىتىدىن قۇتقۇزغانلىق بولىدۇ.  

خىتتاي بىر كۇنى دېموكراتىيەگە ئۆتىدۇ، خىتتاي چوڭ بىر بازار، خىتتايدىن كەلىدىغان تىجارى  پايدا كۆپ دىگەن خام-خىيالنى ئەمدى  قىلماسلىق كەرەك.

1978- يىلدىن بەرى ئامېرىكا ۋە غەرىبنىڭ بۇ خىلدىكى خىياللىرى بىلەن ئەلىپ بارغان خاتا  خىتتاي سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە خىتتاي بۇگۇنكى دۇنياغا تەھدىت سالىدىغان  ھالغا كەلدى، 

ئامرىكا باشلىق غەرىبنىڭ بۇ خىيالى سىياسىتى  يەنە داۋام قىلىۋەرسە،  كەلگۇسىدە خىتتاي  ئالدىنى ئالغىلى بولمايدىغان بىر  بالايى ئاپەت مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ.

خىتتاي نۆۋەتتە   دۇنياغا بالايى ئاپەت ئەكىلىشنىڭ   ستراتېگىيەلىك پلانلىرنى  سىزىپ بولدى.

برىكس(كېسەك)  دىگەن بىر ئىتتىپاقنى تەشكىل قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا ۋە تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇپ كەلىۋاتقان گ7 دەۋلەتلىرىگە قارشى جەڭ ئەلان قىلدى.  

شاڭخاي  بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى تەشكىل قىلىپ، رەقىپسىز داۋام قىلىۋاتقان ناتو غا يېڭى بىر رەقىپ پەيدا قىلىۋاتىدۇ.

بىر يول، بىر بەلۋاغ سودا يولىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، غەرب تەشكىل قىلغان دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى پالاچ قىلىشنى نىشان قىلىۋاتىدۇ.

خىتتاينىڭ بۇ ھەركەتلىتىدىن دۇنياغا ھىچ بىر ياخشىلىق كەلمەيدۇ. پەقەت بالا كېلىدۇ.

**********

بۇگۇن ئۇيغۇرلار ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ دەھشەتلىك كۇنلەرنى بەشىدىن ئۆتكۇزىۋاتىدۇ، دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ ۋەھشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋرىدە تۇرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار بىر مىللەت، بىر خەلىق سۇپىتىدە  مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قېلىش مۇجادىلىسى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ھايات-ماماتلىق بىر دەۋىرنى باشتىن كەچۇرىۋاتىدۇ.  ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قوغداپ قەلىشى، مىللىي كىملىكى بىلەن ئۆز ئانا ۋەتىنىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى  ئۇچۇن ھەر قانداق ھەركەت ۋە پائالىيەتلەرنى قىلىشقا ھەقلىق.

ئامېرىكا تارىختا ئىككى نۆۋەت ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە چاقچاق قىلدى.

1940- يىللاردا سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى بىلەن ئاران تەسلىكتە خىتتاينى ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، مۇستەقىللىقگە  ئەرىشكەندە،ئامېرىكا  ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەتىراب قىلمىدى.   ئەكسىنچە  1943- يىلدىكى  تەھران  ، 1945 – يىلىكى  يالتا ئاڭلاشمىلىرىدا خىتتايغا يان بېسىپ، شەرقىي تۇركىستاننى خىتتايغا قوشۇپ بەرىش تەرەپتارى بولدى ۋە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا بەسىم قىلدى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلار نۇرغۇن قۇربانلار بەدىلىگە ئەرىشكەن مۇستەقىللىقىدىن ئايرىلىپ قالدى.  ئۇيغۇرلارنىڭ بۇگۇنكى كۇنگە قەلىشىدا ئامەرىكا ۋە ئەنگىلىيەنىڭ قىسمەن جاۋابكارلىقى بار.

2001- يىلى  7- ئۆكتەبىر ئافغانىستانغا ئەلىپ بارغان ھەربىي ھەركەتنىڭ ئالدىدا خىتتاي بىلەن مەخپىي كەلىشىم قىلىپ، » شەرقىي تۇركىستان ئىسلام ھەركىتى»  تەشكىلاتىنى  تېررور تەشكىلات دەپ قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئامېرىكا ۋە بىرلەشكەن دەۋلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۇزۇپ بەرىپ، خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە قىرغىن قىلىشىنىڭ يولىنى ئەچىپ بەردى.  ئۇيغۇرلار بۇ ئاڭلاشمىنىڭ بەدىلىنى ئەغىر تۆلىدى. نۇرغۇن بىگۇناھ ئۇيغۇر ياشلىرى بۇ ئاڭلاشمنىڭ روھى بىلەن ئۆلتۇرۇلدى. خوشنا دەۋلەتلەرگە  قەچىپ چىققانلىرىمۇ قايتۇرۇپ ئەكىتىلىپ، ئۆلتۇرۇلدى. 

ئۇمۇدۇم، ئەمدى ئامېرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە سەلبي چاقچاق قىلماس!.

ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئەڭ جىددى ياردەمگە ئھىتىياجلىق خەلىقتۇر. دۇنيانىنىڭ ئىللىق مېھرى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىغا مۇھتاجدۇر.

 نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۇسىدىكى  دۇنيانىڭ تىنچلىقى، ئامېرىكا ۋە غەرىبنىڭ بىخەتەرلىكى  ئۇچۇن، خىتتاي بالاسىدىن قۇتۇلۇش ئۇچۇن، ئامېرىكا ئۆتمۇشتە ئۆتكۇزگەن يۇرقارقىدەك سىياسىي، ئىنسانىي ۋە ستراتەگىيەلىك خاتالىقلىرىنى بۇ نۆۋەت تۇزۇتىشى كەرەك.

دەرھال ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەركەتلىرىنى قوللاپ، خۇددى ئۇكرايىن خەلقىنى قوللىغاندەك، ئۇيغۇرلارنىمۇ قوللسىشى كەرەك.

كېيىنكى كەچۇرۇم سوراشتىن،  بۇگۇنكى ئەمەلىي  ھەركەت  موھىمدۇر. 

نۇرمەمەت مۇساباي (نۇرى مۇساباي) مۇھاجىرەتتىكى ئاكتىپ سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئامېرىكا ۋىرجىنىيە شتاتىدا ياشايدۇ.
ئۇ 1985-يىلىدىن 1989 –يىلىغىچە ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكىراتىك ھەركەتلىرىنىڭ ( نامايىشلىرىنىڭ) يتەكچىلىرىدىن بىرى. نۇرمەمەت مۇساباي ئىلگىرى “ شىنجاڭ “ گېزىتىدە تەھرىر ،مۇخبىر بولۇپ ئ‍شلىگەن.2000-يىلى ئامېرىكغا كەلگەن، شۇندىن ئېتىبارەن ئامېرىكا ئۇيغۇر جەميىتىنىڭ ئاكتىپ ئەزاسى بولغان. ئىلگىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا قۇرۇلتىيىدا باش تەپتىش، باش كاتىبلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.






uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي دىكتاتۇر شى جىن پىڭنىڭ يېڭى يىللىق تەبرىك سۆز تېكستى

پە يانۋار 4 , 2024
 ختاي دىكتاتۇرى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ پىلانلىغۇچىسى شى جىن پىڭ ھەر يىلى يېڭى يىل مۇناسۋىتى بىلەن تەبرىك سۆزى سۆزلەيدۇ. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلىشى، چۈشىنىشى كىرەك.ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ختاي خەلق تورى ئىلان قىلغان مەزكۇر سۆزنى ئەينەن سۇندى: يېڭى يىل ھارپىسىدا، ختاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي […]
xi Jinping

You May Like