Home ئاپتورلارئابدۇۋەلى ئايۇپ ئوبزور: خىتاينىڭ مېلى، ئۇيغۇرنىڭ گېلى

ئوبزور: خىتاينىڭ مېلى، ئۇيغۇرنىڭ گېلى

by uyghurtimesuyghur
خىتاينىڭ مېلى، ئۇيغۇرنىڭ گېل

(ئوبزورلار-ئاپتورلارنىڭ شەخسى قارىشى، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا، ئاگېنىتلىق قۇرغۇچىسى ياكى خادىملىرىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ)

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

ئىتىراپ قىلايلى قىلمايلى بىز يىمەكتە، يىمەكلىكنىڭ تەمىدە، تاماقتا، گالدا خىتايغا كۆنۈپ قالغان. ۋەتەندە ھەتتا بەزى ئۇيغۇر ئاشخانالار خىتاي ئاشپەز ئىشلىتەتتى. مەن مۇھاجىرەتتە، ئىستانبۇلدا بىر ئۇيغۇر ئاشخانانىڭ ئۈرۈمچىدىن خىتاي ئاشپەز كەلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم، سەۋەبى ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدە شۇ ئاشپەزنىڭ قولىغا كۆنگەن ئىكەن. بۈگۈن كۆپىنچە ئاشخانادا ئاشپەز ئۇيغۇر، ئەمما ئۇيغۇرچە تاماقلارغا سېلىنىدىغان

تېتىتقۇلار پۈتۈنلەي خىتايدىن كېلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۇ تېتىتقۇلارغا شۇ قەدەر كۆنگەنكى ئۇنى سالمىسىڭىز خېرىدار قاچىدۇ.

مەن بۇ يازدا ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلار توپلاشقان ھەممە يەردە خىتاينىڭ ئەخلەت يىمەكلىكىنى كۆردۈم. يەۋاتقان بالىلارنى، ياشلارنى ھەتتا ئوتتۇرا ياشلارنىمۇ كۆردۈم. بۇ ئىللەتلەرنى پاش قىلىپ رەسىملەر بىلەن چىقاردىم، تەنقىت قىلدىم، ئەمما تېمامدا خىتاي يېمىگە كۆنۈپ قېلىش تۇرسا مېنى دىن دۈشمىنى دەپ ئىمان كەلتۈرگەنلەر چىقتى. ئۇلار ئۇستىلىق بىلەن گەپنى بۇراپ كەتتى. مۇسۇلمانلىقنى نىقاپ قىلغانلارنىڭ خىتايپەرەستلىكى ئەيىپلەنگەن يازمام مۇسۇلماننى ئەيىپلىدى دېگەن تۆھمەتكە بۇرۇلۇپ كەتتى.

خىتاينىڭ ئەخلەت يىمەكلىرىنى سېتىۋاتقان كونا دۇككانلارنى قايىل قىلىپ بولالمايۋاتساق بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئىستانبۇلنىڭ چاپا رايۇنىغا يېڭىدىن بىرى ئېچىلىپتۇ. بىرىنچى ۋىديونى بىر ئۇيغۇر پالىيەتچى ئەۋەتىپ بەرگەن ئىدى. ئەتىسى قارىسام شۇ دۇككاننى ئاچقۇچى ئۆزىنى ساقلاپ كەتكەن خېرىدارلارنى ئۆزى فىلىمگە ئېلىپ تارقىتىپتۇ. ھەتتا خەتلىك چۈشەنچە يېزىپتۇ. ئۇنىمۇ بىر قانچەيلەن ئەۋەتىپ بەردى. بۇلارنى كۆرۈپمۇ بىزدە يوق! دەپ ئىتىراپ قىلمايدىغانلار كۆزىگە گاندۇم تاقاپ، ئەقلىگە پەلەي كىيىۋالغان بولۇشى مۇمكىن.

مەن پاكىز، ھالال، ساپ يىمەكلەردىن ھەممە نەرسە تېپىلىدىغان ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرنىڭ خىتاينىڭ ئاچچىقلىرىنى يىيىشكەنلىكىنى بايقايمەن، ھەمدە ھەيرانلىقتىن كۆزۈمگە ئىشىنەلمەي قالىمەن. مەن خىتاينىڭ شەھرىدە ئون يىلدىن ئارتۇق ياشاپ، بىر ئۇيغۇرنىڭ يىگىنىنى كۆرۈپ باقمىغان خىتايچە خەتلىك ئاچچىقلارنى، مالاچۈر، مالاتاڭ دېگەندەك نەرسىلەرنى ئۇيغۇرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى مەھەللىسىدە يەۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

خىتايچە يىمەكلىك سودىسىنىڭ ئېقىپ كەتكەنلىكىنى، ھەر يەردە روناق تاپقانلىقىنى، كىشىلەرنىڭ بىپەرۋالىقىنى ئىستانبۇل شەھرىدە ئۇيغۇرنىڭ مەھەللىسىدە كۆردۈم. ھەتتا دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭمۇ خۇددى شۇنى يىگىلى ئىستانبۇلغا كەلگەندەك ئولتۇرۇپ تامشىپ يەپ كەتكەننى كۆردۈم.

مېنىڭ خىتايچە ئەخلەتلەرگە بولغان سەسكىنىشىم چەتئەلگە چىقىۋېلىپ خىتايدىن قورقمايدىغان بولۇپ كەتكەنلەر بىلەن تەڭ باشلانمىغان.

مەن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ دىلىنى ۋە گېلىنى پاكلايمەن دەپ بىر يۈرۈش ئانا تىل يەسلى ئاچقان. مەن 2011-يىلى مۇھاجىرەتتىن ۋەتەنگە قايتقاندا بالىلارلا ئەمەس بەزى ياشلارمۇ ئاللىقاچان خىتايچە، تۇڭگانچە تەمگە كۆنۈپ، ئۇيغۇرچە تام يارىماس بولۇپ بولغان ئىكەن.

بىز ۋەتەندە شىركەت قۇرۇپ ئىش باشلىغاندا بالىلارنى ئەخلەت يىمەكلىكلەردىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئەقلىنى بۇلغاۋاتقان ئوغۇتتەك سېسىق، گەندىدەك ئەرزان خالتىلىق ئاچچىقلىرىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشتۇق. شۇ چاغلاردا مەن دوستلارغا شەكيوق ماركىلىق يىمەكلىك زاۋۇتى قۇرۇش، پاكھالال دەپ توپ بازار قۇرۇش تەكلبىنى بەرگەن.

مەن خىتاينىڭ يەملىرىگە كۆنۈپ قالغان قېرىنداشلارنى بۈگۈن ئاگاھلاندۇرۇۋاتقاندەك، ۋەتەن ياشىغان چاغلاردىمۇ ئەسكەتكەن. مەن بۇندىن 12 يىل بۇرۇن، خىتايغا قارىتىپ تۇرۇپ ئاگاھلاندۇرغان. شۇ چاغدا يازغان يازمامنىڭ ئىسمى «ئەخلەت يەۋاتقان بالىلار ۋە قىزىم» ئىدى. ئاگاھلاندۇرۇشتىن بۇندىن كېيىنمۇ توختىمايمەن. خىتاينىڭ ئەخلىتى ھارام، ئۇلارنى قارا نىقاپلانغان ئۇيغۇرلار يىگەنگەن ھالال بولۇپ قالمايدۇ.

خىتاينىڭ ئەخلىتىنى يىيىش نامراتلىق، نادانلىق، ساپاسىزلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىزدىكى تۇرمۇش بىر قەدەر قىيىن جايلاردا ئەۋج ئالغان ئەخلەت يەملەرگە كۆنۈش مەسىلىسنى پۈتۈن مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ خىتاي ماللىرىغا دۈم چۈشۈشىگە ئوخشاتساق تامامەن بولىدۇ.

بىزدە كۆنگەن يامانمۇ كۆيگەنمۇ دېگەن بىر ماقال بار. خىتايچە يەمگە بۇ قەدەر ئاشىقلىق نامراتلىقتا ئەرزان، سۈپەتسىز، خۇمار قىلغۇچى نەرسىلەرگە كۆنۈشتىن كەلگەن. كۆنۈپ قالغانلار نىقاپ تارتىپ، ناماز ئوقۇغانغا دەرھاللا ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.

خىتايچە ئەخلەتلەرنى يىگەنلەرنى، ساتقانلارنى مۇسۇلماندەك كۆرۈنگەچكىلا، نىقاپلىق بولغاچقىلا ئاقلاش خىتاينى ئاقلىغانغا باراۋەر. كۆز ئالدىمىزدا بولۇۋاتقان مەينەت ئادەتنى يوققا چىقىرىش، پاش قىلغانلارنى ھاقارەت قىلىش مەسىلىمىزنى ھەل قىلمايدۇ.

خىتايچە يەملەرنى مۇسۇلمانلىق داۋاسى قىلىۋاتقانلار ساتقانلىقى ئۈچۈنلا، يۈزىمىز ئۈچۈن، يۈزە قاراپ ئاقلاشمۇ خاتا، خاتا ئىش مۇسۇلمان قىلغانغا توغرا بولۇپ قالمايدۇ.

ئالدى بىلەن، خىتايچە يەملەرنىڭ ساتقۇچىسى ۋە ئالغۇچىسىنىڭ ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكىنى، ئۇنداق دۇككانلارنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپرەك جايلاشقان سەفاكۆي، زەيتىن بۇرنۇ، چاپا دېگەندەك يەرلەردە بارلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنداق خىتايچە يەملەرنى يەۋاتقانلىقىنى ئىتىراپ قىلىش كېرەك. ئۇنىڭ بىلەنلا قالماي بۇ ئەخلەتلەرنى بىر بىرىگە خالتا قىلىپ يوللاۋاتقان، ۋەتەننىڭ دەپ ھەدىيە قىلىشىۋاتقان ۋە سېتىلىۋاتقانلىقىنى ئىتىراپ قىلىش كېرەك.

مەن ئۇيغۇرنى زەھەرلەرۋاتقان خىتاينىڭ ماددىي ۋە مەنەۋىي ئەخلەتلىرىگە ۋەتەندىمۇ قەتئىي قارشى ئىدىم، چەتئەلدىمۇ قارشى. قارا نىقاپلانغانلار ئېلىۋاتقان خىتاي يەملىرىنى چىقارغىنىمغا مېنى دىنغا ھۇجۇم قىلدى، دەپ ئاغىزىڭىزدىن نىجاسەتلەرنى ئاققۇزۇپسىز، مەيلى، سىزنى كەچۈردۈم، ئاللاھ ئەقىل ئاتا قىلسۇن.

مەن ۋەتەندە مۇشۇ مەسىلىنى پاش قىلغاندا، شۇ ئەخلەتلەتلەرنى سېتىپ جان بېقىۋاتقانلار، شۇ ئەخلەتلەرگە كۆنۈپ قالغان مۇسۇلمانسىمانلار تىللاپ كەتكەن. خىتاينىڭ قۇچىقىدا بېيىغان، پىتلانغان دىنساتارلار ۋە ئۆزىنى دىننى ھۆددىگە ئالغاندەك ئويلاپ قالغانلار ماڭا شۇ چاغدىمۇ «مۇسۇلمانلارغا قارشى، مۇسۇلمانلارنى سەت كۆرسىتىۋاتىدۇ» دەپ قالپاق كىيدۈرۈشكەن ئىدى.

ۋەتەندىكى چېغىمدا خىتاي ئەخلەتلىرىنىڭ، ئەرزان يىمەكلىكلەرنىڭ بازىرى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ۋىلايەتلەردە ئىدى، چۈنكى ئۇنداق يەرلەر نامرات ئىدى، خىتايچە خەت نېمە، يىمەكتىن زەھەرلىنىش دېگەن نېمە، ھالال نېمە، ھارام نېمە بىلمەيتتى. ئۇلار پەقەتلا ئۆزىنى دىندار بىز دەپ تۇراتتى، خىتاينىڭ يەملىرىنى يەپ تۇراتتى، ئاگاھلاندۇرساق تىللاپ، سەتلەپ تۇراتتى.

مەن خىتاينىڭ مېلىغا كۆنگەن قۇللۇققا ھەر زامان قارشى. خىتاينىڭ يىمەكلىكىگە قۇل بولسىڭىز، مېلىغا قۇل بولسىڭىز، پۇلىغا قۇل بولسىڭىز، ئىددىيەسىگە قۇل بولسىڭىز، دۆلىتىگە قۇل بولسىڭىز مەن بۇنداق قۇللۇققا قارشى. مېنى تىللاڭ، ھاقارەت قىلىڭ، قولىڭىزدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىڭ، ئەمما مەن سىز ئۈچۈن خىتايغا قۇل بولۇشنى ئاقلاپ، بېزەپ كۆرسەتمەيمەن. سىزنىڭ خىتايغا قول بولغىنىڭىزغا، بارلىق قۇل مىجەز، مەزكۇم تەبىيەتلىكلەرگە ئېچىنىمەن، قۇللۇقا قارشى تۇرىمەن.

بىز پۈتۈن دۇنيادا خىتاينىڭ مېلىنى چەكلەۋاتقان دەۋىردە ياشاۋاتىمىز. خىتاينىڭ ئەرزان مال ئىشلەش ئۈچۈن خەلقىمىنى لاگىرلاردا قۇل قىلىۋاتقانلىقىدىن شىكاريەت قىلىۋاتىمىز. قۇل بولۇپ خىتاي خوجايىنلارغا سېتىلىۋاتقان ئاچا-سىڭىللارغا قاراپ ئازاپلىنىۋاتىمىز. نۇرغۇن بايلار، شىركەتلەر، گورۇھلار قىرغىنچى خىتاينىڭ مېلىدىن كېچىپ بولدى.

خىتاي مېلىنى چەكلەش، ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خىتاينى باي قىلىشتىن ساقلىنىش بىر ئىنسانىي ئەخلاق مەسىلىسى بولۇپ قالدى. شۇڭا غەرپتە خىتاي ماللىرى بارغانچە ئازلاۋاتىدۇ.

ئەپسۇسكى پۈتۈن دۇنيا خىتاي مېلىنى چەكلەۋاتقاندا بىزنىڭ قېرىنداشلار باشقا نەرسىنى ئەمەس، دىنىمىزنىڭ نوقتىسىدىن ھارام بولغان، مىللىتمىزنى قىرىۋاتقان خىتاينىڭ قانلىق قولدىن چىققان مەھسۇلاتنى نومۇس قىلماي سېتىۋاتىمىز. سۈپىتى سەھىيە ئۆلچىمىگە توشمىغاچقا چوڭ تاللا بازارلارغىمۇ كىرەلمەيدىغان، غەرپتە پەقەتلا يىمەكلىك قىلىپ سېتىلمايدىغان نەرسىلەرنى بىز ئۇيغۇر تۇرۇپ، قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ تۇرۇپ يەنە ئىزدەپ سوراپ يەۋاتىمىز، ئەقلىمىزنى بۇلغاۋاتىمىز. ئەڭ نەپرەتلىك يېرى، بۇنى ئۆزىمىز يەپلا بولدى قىلماي، ئۇيغۇرنىڭ دېگەن چۈشەنچە بويىچە مۇھاجىرەتتە چوڭ بولۇۋاتقان بالىلارغىمۇ سىڭدۈرۈۋاتىمىز.

ئەقلىمىزنى ئىشلىتىپ باقايلى، بىز نەپسىمىزدىن كېچەلمەيۋاتساق، كىم بىز ئۈچۈن خىتاي بېرىۋاتقان پايدىدىن كېچىدۇ. بىز گېلىمىزدىن كېچەلمەيۋاتىمىز، يىمىسەكمۇ بولىدىغان ئەخلەتلەردىن مىھرىمىزنى ئۈزەلمەيۋاتىمىز، دۇنيا بىزنى دەپ نەچچە مىليارتلىق پايدىدىن قانداق كېچىدۇ؟

ئويلاپ باقايلى، بىز خىتاينى قوغلاپ چىقىرىمىز دېيىشتىن بۇرۇن داسقاندىكى خىتاينىڭ خالتىلىق چۆپىنى قوغلايلى. بىز خىتايدىن قۇتۇلىمىز دەيدىكەنمىز، ئىشكاپقا تىزىلغان، يىمىسەكمۇ ئۆلمەيدىغان خىتاينىڭ مېلىدىن، ھارام يېمىدىن قۇتۇلايلى. خىتاينىڭ ساغلاملىققا زىيان ئەخلىتىنى كۆز ئالدىمىزدىن يوقاتماي تۇرۇپ يىراقتىكى خىتاينىڭ پارغا ئايلىنىپ يوقاپ كېتىشىنى كۈتمەيلى. بىز شۇ خىتاي يىمەيدىغان ئەخلەتلەرنى يەپ تۇرۇپ، خىتاي ئىشلەتكەن تېتىتقۇلارنى تاماقلارغا سەپ تۇرۇپ، خىتاي ئىشلىگەن قويۇق سۇيۇقلار بىلەن گېلىمىزنى بۇلغاپ تۇرۇپ، ئۆزىمىزنى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر دېسەك دۇنياغا شۈبھىلىك تۇيۇلىمىز.

مۇناسۋەتلىك تېمىلار

Leave a Comment