ئابدۇۋەلى ئايۇپ:مۇھاجىرەتتە تۇڭگان بولۇش بىھاجەت



مۇھاجىرەتتە تۇڭگان بولۇش بىھاجەت. بىر ئۇيغۇر مۇھاجىرەتتە دىنىمىزنىلا چىڭ تۇتۇپ، ئۆيىدە ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان مۇسۇلمان بالا تەربىيەلىسە، تۇڭگان تەربىيەلىگەنگە ئوخشاش بولىدۇ.
بىزنىڭ بىرلا مىللىي كىملىكىمىز بار، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرلۇق، مۇھاجىرەتتە بىرلا ماكانىمىز بار، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇيغۇر ئۆيىدۇر.
مۇھاجىرەتتە بىر ئۇيغۇر ئۆيىمىز بولسا دەپ قىلىنغان تىرىشچانلىقلار كۆپ بولدى. بەزى دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ئۆيى ئېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىندى. ئەمما ۋەتەندە خىتاي پەرۋىش قىلغان، مۇھاجىرەتتە خىتايسىمانلار ئۆستۈرىۋاتقان بىر زەھەرلىك ئۆسمە بار، بۇ ئۆسمە ئىككىلىنىش، ئۇ بىزنى بىر بولۇشتىن ھەمىشە توسىدۇ، ھەر زامان ئىككى قاشقا تارتىپ تۇرىدۇ.

بىزنى ئايرىپ تۇرۇۋاتقان ئۆسمە كىملىكتە ئىككىلىنىشتۇر. بىز ھەر زامان مىللىي كىملىك بولغان ئۇيغۇرلۇق بىلەن شەخسىي كىشىلىك بولغان مۇسۇلمانلىق ئارىسىدا تاللاشقا كۆنۈپ كەتكەن، ياكى كۆندۈرۈلۈپ كەتكەن. بۇ ئىككىلىنىش ئۆسمىسى، ھەر زامان ھالقىلىق قارارلار چىقىرىشقا توغرا كەلگەندە بىزنى ئىككى سەپكە پارچىلايدۇ، پات پات ئېغىز ئالىدۇ، ئەمما ساقايمايدۇ.

كىملىكتە ئىككىلىنىش شەخسىى قارار ۋە ئاممىۋىي قارارلاردا داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بىز ھەر ئىشتا ئىككىلىنىش، ئىككىنىڭ بىرىنى تاللاشقا مايىل. بۇنداق ئىككىلىنىشلەرنىڭ دايىملىق مىسالى كۆپ، مەسىلەن، بەزى كىشىلەر ياۋرۇپاغا، كاناداغا كەتسەك دىندىن، بالىمىزدىن قۇرۇق قالىمىز دەيدۇ، ئەمما تۈركىيەدە بالىلارنىڭ ئەڭ ئاسان ئاسمىلاتسىيە بولىدىغانلىقىنى ئويلىمايدۇ. يەنە بەزىلەر قۇران يادىلاتماي ئانا تىلنىلا چىڭ تۇتساق مۇسۇلمانلىقتىن قۇرۇق قالىمىز، دەيدۇيۇ، ئۇيغۇرچە گەپكە ئاغزى كەلمىگەن بالىنىڭ ئەرەپچە ئايەتنىمۇ توغرا چىقىرالمايدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. كۆپچىلىك بىر يەرگە كەلگەندە دىنمۇ پەنمۇ، مەسچىتمۇ ئۇيغۇر ئۆيىمۇ، قۇرانمۇ ئانا تىلمۇ دېگەندەك ئىككىنىڭ بىرىنى تاللايدىغان مۇنازىرە بىلەن ۋاقىت ئىسراپ قىلىدۇ.

نېمە ئۈچۈن دايىم ئىككىنىڭ بىرىنى تاللاشقا شەيدا بولۇپ قالغىنىمىزنى چۈشەنمەيمەن. بىزگە ئىككىلىسى لازىم دېيەلمەمدۇق؟ ئىككىلىسى بىزنىڭ دېيىشكە تىلىمىز كەلمەمدۇ؟ چوقۇم تاللاش ئىككى بولۇشى، ئۈچ، تۆت تاللاش بولماسلىقى، چوقۇم تەييار ئىككى جاۋاپنىڭ بىرىنى تاللشىمىز شەرتمۇ؟

ئەمەلىيەتتە بەدىنىمىز ئىككىلىكنىڭ بىرلىكى، ئۇيغۇرلۇقىمىزمۇ شۇنداق ئامىللاردىن تۈزۈلگەن. تېنىمىز بىر، ئەمما ئىككى پۇت بىلەن ماڭىمىز، ئىككى كۆز بىلەن كۆرىمىز، ئىككى قۇلاق بىلەن ئاڭلايمىز، نېمە ئۈچۈن بىر يۈزگە ياراشقان ئىككى كۆزدەك، ئىككى قۇلاقتەك دىنىمىز بىلەن مىللىتىمىزنى تەڭ سۆيەلمەيمىز؟

خۇددى تېنىمىز، بېشىمىز بىر بولغاندەك بىرلا ئۇيغۇر ئۆيىمىز بولسا، ئىسمى ئۇيغۇر ئۆيى بولسا، ئۇ يەردە بالىلار ئۇيغۇرچە ئۆگەنسە، چوڭلار مۇقام چالسا، مۇناجات ئوقۇسا، نامىزىنى ئوقۇسا تامامەن بولاتتى. بىرى ناماز ئوقۇغاندا بىرى نەغمە قىلماي تۇرسا، بىر بىرىنى بويسۇندۇرۇشنىڭ پېشىگە ئېسىلماي، ھەممەيلەن بىرلىككە، ئۇيغۇرلۇققا يېپىشسا بەرىكەت تاپاتتى. ناماز ئوقۇش بىلەن ئۇيغۇرچە ئوقۇش ئوخشاشلا ساۋاپلىق ئىش ئىدى.

مۇھاجىرەتتە ئىككىنىڭ بىرىنى تاللاش، ئىككىگە ئايرىپ قۇتۇلۇش، بۆلۈنۈشلەر خېلىدىن بۇيان مەۋجۇت. ئاۋۋال ۋاشىڭتوندا ئۇيغۇر ئۆيى بىلەن مەسچىت ئايرىلدى. ئەسلى بىر يەردە بولسا، بالىلار ناماز ئوقۇغاننى كۆرۈپ چوڭ بولسا، ئەزان ئاۋازى بىلەن مۇقام ئاۋازىنىڭ ئوخشاشلا سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئۆسكەن بولسا ياخشى ئىدى، ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس…

خىتاينىڭ زۇلۇمى مۇھاجىرەتتە ئانا تىل مەكتىپى بىلەن مەدرىسنى، ئۇيغۇر ئۆيى بىلەن مەسچىتنى بىرلەشتۈرۈشى، نامازخان بىلەن غەزەلخاننى ئۇيغۇرلۇق رىشتى بىلەن باغلىشى، ئۇيغۇرغا مەنسۇپ ئايرىم ئايرىم شەخسلەرنى بىرلىككە، ئۇيغۇرلۇق ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما ئۇنداق بولمايۋاتىدۇ.

غەرپتە بەزى ئۇيغۇرلار بالىلارنى ئەرەپلەر، تۈركلەر ئاچقان قۇران كۇرسىغا ئاپىرىپ بېرىشكە رازىكى ئۆزى بىر ئۇيغۇرچە قۇران ۋە ئانا تىلنى تەڭ ئۆگىتىدىغان سىنىپ ئاچمايدۇ، خۇددى بالىمىز ئەرەپ، تۈرك بولۇپ كەتسە كەتسۇنكى ئۇيغۇر بولمىسۇن دېگەندەك.
مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر ئۆيى، شەرقى تۈركىستان سارىيى سالماي، مەسچىت سالغانلار زىيان تارتقان، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇنداق كىشىلەر ھامان زىيان تارتىدۇ. تۈركىيەدە ئوتتۇز يىل بۇرۇن بىر ئۇيغۇر مەسچىتى سېلىنغان. ئۇ يەر كېينچە يەرلىكلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. ھازىر ئۇ مەسچىتنىڭ ئۇيغۇرنىڭ ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئۇيغۇرلارمۇ قالمىغىلى تۇردى. چۈنكى مەسچىت دېگەننىڭ مىللىيلىكى بولمايدۇ. مەسچىت سالغان ئىكەنسىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن سالىسىز، ئاخىرىدا ئۇ مەسچىت مۇسۇلمانلار جامەسىگە تەۋە بولىدۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۆيى بولمايدۇ.

دۇنيانىڭ نەرىگە ئۇيغۇر مەسچىتى سالسىڭىز، ئىسمىنى نېمە قويسىڭىز ئوخشاش، ھامان بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق جايى بولۇپ كېتىدۇ، سىزگە، ئۇيغۇرغا خاس بولمايدۇ. چۈنكى مەسچىت دېگەن مىللەتنىڭ ئەمەس ئاللاھنىڭ ئۆيى، ئۇ قايسى مىللەت كىرسە بولىدىغان، مىللەت، ئىرق ئايرىمايدىغان مۇقەددەس يەر.

ئۇيغۇر ئۆيى قۇرۇشقا قارشى چىقىپ ئۇيغۇر مەسچىتى سالىمىز دېگۈچىلەرگە ئازراق تارىخ ئوقۇپ باقسۇن. بوۋىلار مەككىدە سالغان مەسچىتلەر، تاشكەنتتە سالغان مەسچىتلەر، بېشكەكتە سالغان مەسچىتلەرگە قاراپ باقسۇن، ھازىر كىمنىڭ بولۇپ كەتتى، كىمگە پايدىسى بولدى بىر ئىزدىنىپ باقسۇن. شۇ ياقا يۇرتلاردا سېلىنغان مەسچىتلەرنىڭ شۇ مەسچىتنى سالغۇچى ئۇيغۇر كىشىگە، شۇ كىشىنىڭ قىرغىنغا ئۇچرىغان مىللىتىگە، زۇلۇمدا قالغان شۇ شەھەردىكى ئۇيغۇرغا بىرەر ياردىمى تەگدىمۇ؟ ياق. بىرەر ئۇيغۇرغا دۇئا قىلىندىمۇ؟ ياق. ئۇنداق بولسا شۇ مەسچىت سالغان ئەجدادىمىزغا بىر قېتىم دۇئا قىلىندىمۇ؟ ياق. ئۇنداق بولسا بىز مەسچىت سېلىپ نېمىگە ئېرىشتۇق! مەنچە ھەممەيلەن ئەقىل بىلەن ئويلاپ باقسۇن. ئىستانبۇلدىكى تۈركىستان مەسچىتىنىڭ بۈگۈنكى تەقدىرى ھەممە مەسچىتنىڭ كېلەچەك تەقدىرى شۇ.

ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئۆزى مۇسۇلمانلىقنىڭ جەۋھىرى، پەقەتلا ئۇيغۇرچە بىلمىگەن بالا تولۇق ئۇيغۇر بولالمايدۇ، بەك ئىخلاسمەن مۇسۇلمانمۇ بولالمايدۇ. دىنسىز بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇرچە سەۋىيەسى تۆۋەن، ئۇيغۇرغا سۆيگۈسى چالا بولۇپ ھاياتى ئىككىلىنىش ئىچىدە ئۆتكەن كىشىلەر.

ئابلىزنىڭ ئابدۇقادىرنىڭ تۆۋەندە يازغىنى كىشىلەر بىلىدىغان، ئەمما قالپاق كىيىشتىن قورقۇپ دېيەلمەيۋاتقان بىر ئومۇميۈزلۈك رېئاللىق، بىزنىڭ مۇھاجىرەتتە مۇسۇلمانلىقىمىزنى ئۇيغۇرلۇقىمىزدىن ئايرىپ تاشلىغىنىمىز، ئۇيغۇرلۇقسىز ياشنىمايدىغان مۇسۇلمانلىقنى ئۇيغۇرلۇقنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇپ، پەرزەنتلەرنىڭ ئۇيغۇرلۇقىنى قۇربان قىلىۋاتقىنىمىز، ئانا تىلغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقىنىمىز ئېچىنىشلىق ئەمەلىيەت، ئۇنى كۆرمەسكە سېلىش، قوبۇل قىلىش قىلماسلىق بىلەن ھىچ نەرسە ئۆزگەرمەيدۇ.

بوستۇندا ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىسى، پىداكار ۋەتەنپەرۋەر دوستىمىز ئابلىز ئابدۇقادىرنىڭ يېزىشىچە بوستۇندا ئانا تىل مەكتىپى قورۇلۇپ 4 يىل بولغان. بالىلار 20-30 تىن ئاستا ئاستا كۆپەيگەن، سىنىپلار ئىككى -ئۈچ بولغان، دەرىسلەر توردا ئۆتۈلۈپ كەلگەن. لىكىن بالىلار يىغىلىپ ئوقۇيدىغان ۋە ئايدا بىرەر قىتىم كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بىر ئىغىز سىنىپ بولماي قالغان. سىنىپ ئېلىشقا ئىقتىساتمۇ تېپىلمىغان. لىكىن يىقىندا ئامېركىدىكى ئۇيغۇر مەسجىد ئۈچۈن دەپ بىر ئىلان چىقىپ تەشۋىق قىلىنغان، نەتىجىدە ئەزەلدىن ئۇيغۇرغا ئارلاشمايدىغانلاردىن تارتىپ ئىئانە قىلىپ بىر كۈندىلا 10،000$ يىغىلغان.

ئابلىز ئابدۇقادىر سورايدۇ، نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ مەنچە سەۋەپلەرنىڭ بىرى نادانلىق. نادانلىق، بىلمەسلىك ھەممە بالالارنىڭ، زىيانلارنىڭ، پالاكەتلەرنىڭ بېشىدۇر. بىر ئۇيغۇر ئۆيى بولسا، ئىچىدە مەسچىت بولسا چوڭلار ئىبادەت قىلسا، بالىلار ئانا تىلنى ئۆگەنسە ئوخشاش ياخشىلىق بولىدىغانلىقى، بۇنىڭمۇ ئىبادەت بولىدىغانلىقىنى، ساۋاپ بولىدىغانلىقىنى بىلمەسلىك، بۇلارنى بىلىدىغانلارنىڭ دېمەسلىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى. بۇ يەردە بەلكىم يەنە بەزى كىشىلەردىكى باشقىلارنى بويسۇندۇرۇش ئىستىكى، ئۆزىگە ئوخشىمىغاننى دۈشمەن كۆرۈشتەك خىتايچە خۇيمۇ رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن.

بىز مۇھاجىرەتتە مۇسۇلمانلىقنى، ئاخىرەتنى ئويلاپ مەسچىت سالغان بىلەن بالىمىز ئاخىرىدا يات بىر جۆرىنى باشلاپ ئۆيىمىزگە كەلسە نەسلىمىز شۇ يەردە قۇرۇپ كېتىدۇ. ئەگەر بىز تىلىمىزنىڭ يوقاپ، نەسلىمىزنىڭ ئۆزىمىز بىلەن قۇرۇپ كېتىشىگە چىدىغان بولساق مۇساپىت بولۇشنىڭ پەقەتلا ئەھمىيىتى يوق ئىدى.

دىنىمىزنى ئويلاپ مەسچىت سالغان ياخشى ئىش، ساۋاپلىق ئىش، ئەمما مىللىتىمىزگە، ئەۋلادىمىزغا مىراس قالىدىغان، ئەۋلاتمۇ ئەۋلات بىزنىڭ بولىدىغان دەرىجىدە ساۋاپلىق ئىش ئەمەس. دىنىمىزغا كۈچىگەندەك، مەسچىت ئاچقاندەك ئانا تىلىمىزغا سىنىپ ئاچمىساق ئەۋلاتسىز قالىمىز. دىنغا مەبلەغ سېلىپ ئانا تىلغا مەبلەغ سالمىساق ئۆيدە بىر ئەرەپنى، بىر پاكىستانلىقنى، سومالىلىقنى باققاندەك بولىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدە، جەمەتىمىزگە يات، ئاتا بوۋىسىنى تونىمايدىغان، بىزگە ئەمەس خەقكە مەنسۇپ بالىنى چوڭ قىلغان بولىمىز.

مۇھاجىرەتتە بىز دىنغا مەبلەغ سېلىپ مەسچىتكە كۈچەپ بالىلارنى ئەرەپ قىلىپ، تۈرك قىلىپ، ياكى بىر مۇسۇلمان شەخس قىلىپ چوڭ قىلىشىمىز بىلەن ۋەتەندە بالىلارنىڭ خىتايچە سۆزلەپ دىنغا ئىشىنىپ مۇسۇلمان تۇڭگان بولۇپ چوڭ بولۇشى ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق. دىنى بولۇپ تىلى بولمىغان، ئۇيغۇرلۇقى بولمىغان تۇڭگانلارنى تەربىيەلەش خىيالىمىز بولسا مۇساپىر بولۇپ ھەرەج تارتىشنىڭ پەقەتلا ھاجىتى يوق.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: دۆلىتىمىز تەۋەسىدە خىتايغا قارشى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىنى قەتئىي چەكلەيمىز

شە ئۆكتەبىر 7 , 2023
ئارمان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىر خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئافغانىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىر خان مۇتتاقى 5-ئۆكتەبىر تىبەتنىڭ لىنجى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان « ھىمالايا تېغىنى چۆرىدىگەن خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشۈشتە بولغان. سۆھبەتتە مۇتتاقى مۇنداق دېگەن: « ئافغانىستان تەرەپ […]

You May Like