مۇھاكىمە: پەلەستىننىڭ ئ‍شغالىيەتتىن قۇتۇلۇشى-ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن

ئەكرەم ئۇيغۇر، 27-ئۆكتەبىر، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى

(ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئوخشمىغان پىكىر ئىگىلىرىنىڭ ئوبزورلىرىنى ئىلان قىلىدۇ، ئۇيغۇر ئاگنىتلىقىنىڭ باش ماقالىسدىن باشقا پىكىرلەر ئاپتورغا ۋەكىللىك قىلىدۇ)

ئۆتكەن 75 يىلدىن بىرى پەلەستىن مەسلىسى-دۇنيادىكى باشقا ھىچقانداق مەسلىنىڭ كۈنتەرتىپكە كىلىشگە پۇرسەت بەرمىدى.ئۇيغۇرلاردەك ئىزىلگەن مىللەتلەرنىڭ مەسلىسنىڭ ھەل بولۇشى ئ‍ۈچۈن توسالغۇ بولدى، ئۇيغۇرلاردەك خەلقنىڭ غەرپ ۋە شەرق ئوتتۇرسدا ياردەمسز قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئ‍ەگەر پەلەستىن ئ‍سرائىلىيە ئ‍شغالىدىن قۇتۇلسا،ئىككى دۆلەت لايىھەسى ئىجرا قىلىنسا، ئۇيغۇرلار مەسلىسى رەسمى مۇستەقىللىق كۈنتەرتىۋىگە كىلىش پۇرستى بار.

پەلەستىن ئىزچىل دۇنيا سياسىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ كەلدى، ب د ت كۈنتەرتىۋىمۇ پەلەستن ئەتراپىدا ئايلاندى. دۇنيانىڭ ياردەملىرى پەلەستنگە ئاقتى، دۇئالار پەلەستىنگە بولدى، نامايىشلار پەلەستىن ئۈچۈن بولدى، غەرپ-شەرق توقۇنۇشى ۋە دىپلوماتىيەسى يەنە پەلەستىن ھەققىدە بولدى. سلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلار ئېرىشكەن قوللاش-پەلەستىن ئېرىشكەن قوللاشنىڭ بىر پىرسەنتىگىمۇ يەتمەيدۇ.

ختايمۇ دەل پەلەستىننى قوللاش بىلەن ئ‍سلام دۇنياسدا ئەۋزەلىككە ئىرشىتى. تۈركىيەمۇ پەلەستىن سەۋەبلىك غەرپ بىلەن يامانلاشتى. تۈركىيەنىڭ غەرپ بىلەن يامانلىشىشى-ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىسز. ختاينىڭ ئ‍سلام دۇنياسنىڭ قەھرىمانىغا ئ‍ايلىنىۋىلىشىمۇ-ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پايدىسز. ئەگەر پەلەستن مەسلىسى ھەل بولسا- بۇ مەسللەر تەبئى ھەل بولىدۇ.

پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ئورنى مەسلىسى-بۇ زىددىيەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى.

1948-يىلى ب د ت ئىككى دۆلەت لايىھسنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئەرەبلەر «ئ‍سرائىليەنىڭ بۇ تۇپراقلاردا ھەققى يوق، دۆلەت قۇرسا بولمايدۇ»دەپ ئ‍سرائ‍ىلىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلدى، ئەمما ئۆزى كىچىك بولسۇن، چوڭ بولسۇن دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىمىدى، بۇ پەلەستىننىڭ تەقدىرىگە تەسر كۆرسەتكەن ئەڭ ئاساسى ئامىل بولۇپ قالدى. كىين ئارقىمۇ-ئارقا يۈز بەرگەن ئۇرۇشلاردا، ئ‍سرائىلىيە تاجازۇچىلىقنى كېڭەيتىپ، داۋاملىق پەلەستىن زىمىنىدىن يەر ئىگەللەپ، ئۆزىنى كىڭەيتتى. ئ‍سرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا قانۇنسز ئىگەللىۋالغان تۇپراقلارنى قايتۇرۇشى -ئەقەللى پىرىنسپتۇر.

ئەمدى غەرپ بۇ مەسلىسنى تۈپتىن ھەل قىلىش كىرەك. بۇ مەسلە بەك ئۇزۇنغا سوزۇلدى.ئەگەر بۇ مەسلە ھەل بولمىسا-ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق مەسلىسى كىچىكىدۇ.بۇ پەلەستىن خەلقى ئ‍ۈچۈن پايدىلىق، ئ‍سرائىلىيە خەلقى ئۈچۈن پايدىلىق، غەرپنىڭ ئۆزىگىمۇ پايدىلىق، دۇنيا تىچلىقىغىمۇ پايدىلىق.

ئەڭ مۇھىمى-ختاي-روسيە-ئىران باشچىلىقىدىكى تىرورچى دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا شەرقنى مەڭگۈ قالايمىقانلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، تىچلىق قەدىمىنى باسقىلى بولۇشى مۇمكىن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

قىلىچدارئوغلۇ: دۇئالىرىم پەلەستىن بىلەندۇر، قىرغىنچىلىقتا ئوتتۇرا يول يوق!

جۈ ئۆكتەبىر 27 , 2023
تەييارلىغۇچى: ئىھسان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 27-ئۆكتەبىر تۈركىيەدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە-جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسنىڭ رەئىسى كامال قىلچدار ئوغلۇ تېۋىتىر ھىسابىدا پەلەستىن ھەققىدە مۇنداق دېگەن: « تاشقى دۇنيادىن ئۈزۈلۈپ قالغان گازا ئېغىر بومبا ئاستىدا قالدى … گازادا گۇناھسىزلار قىرغىن قىلىنماقتا، بۇ يېتەرلىك بولمىغاندەك ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى يەنىلا دوختۇرخانىلارنى نىشان قىلىپ كۆرسەتمەكتە. بۈگۈن ئاخشام […]
كامال قىلىچدارئوغلۇ

You May Like