ئوبزور: ئىچكى ماجرالارنىڭ ئون تۈرلۈك زىيىنى ۋە خەلق تەدبىرى

ئۇيغۇر مىللىتى قىرغىن قىلىنىش خەتىرىدە ياشاۋاتىمىز، دىياسفورادىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ۋەتەندە قالغان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسچە، بىر قسم پائالىيەتچى گۇرۇپپىلار ۋە شەخسلەر ئارىسىدىكى تۈرلۈك ماجرالار، ئىچكى زىددىيەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتۇلۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن ئېغىر توسالغۇلارنى پەيدا قىلماقتا.

  1. تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ۋاشنگىتون، 2018-يىلى 11-نويابىر

«ئۇيغۇر خەلق ھەرىكىتى» يۈرۈشلۈك ئەسەرلىرى

 

ئۇيغۇر مىللىتى قىرغىن قىلىنىش خەتىرىدە ياشاۋاتىمىز، دىياسفورادىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ۋەتەندە قالغان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش  ھەرىكىتىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈتكىنىنىڭ ئەكسچە، بىر قسم  پائالىيەتچى گۇرۇپپىلار ۋە شەخسلەر ئارىسىدىكى تۈرلۈك ماجرالار، ئىچكى زىددىيەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ قۇتۇلۇش ھەرىكىتى ئۈچۈن ئېغىر توسالغۇلارنى پەيدا قىلماقتا.

ئىچكى ماجرالار ئۇزۇنغىچە ھەل بولمىسا، ئاشكارا جامائەت سورۇنلىرىدا قايتلانسا، تۆۋەندىكىدەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىلىرى  ئسپاتلىنىۋاتىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ زېھنىنى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا قارىتىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى مەخسۇس تەۋسىيە قىلىدۇ.

1-ئىچكى ماجرالار -ئۆز-ئارا ئشەنچىنى يوقىتىشقا ئېلىپ بارىدۇ. خەلقنى ئۈمىدسىزلىككە ئېلىپ بارىدۇ، خەلق كىمگە ئىشىنىپ، كىمگە ئىشەنمەسلىكنى بىلمەيدۇ، قايمۇقىدۇ.

2-رەھبەرلەرنىڭ، تەشكىلاتلارنىڭ ئوبرازى خۇنۇكلىشدۇ، خەلق ئالدىدا ئىناۋىتى يەرگە ئۇرۇلىدۇ. ئۇرۇشقۇچى ھېچقايسى تەرەپ پايدا ئالالمايدۇ، چۈنكى خەلق ئۇلارنىڭ مىللەت ئۆلۇۋاتسا، خىتايغا ئويۇن قويۇپ بەرگەن قىلمىشىنى نومۇسسىز قىلمىش دەپ تونۇيدۇ، ھەرگىز ئەپۇ قىلمايدۇ، پەقەت ئاز ساندىكى ساپاسزلار، پۇرسەتپەرەسلەر ئوتنى ئۇلغايتقان بىلەن، خەلق كىمنىڭ نېمە ئۈچۈن سوقۇشۇۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ

3-ئىچكى ماجرالار -ئۆز-ئارا مېھرى-مۇھەببەتنى ئۆلتۈرىدۇ، ئۆچمەنلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆچمەنلىك ئۆز-ئارا سوقۇشۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.

4-ئىچكى ماجرالار پىسخىك بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىچكى ماجرالار زېھنىمىزنى خورىتىدۇ. بىزنى ھاياتتىن، ئادەملەردىن ئۈمىدسىزلەندۈرۈدۇ، ئىجتىمائى ئالاقىدىن چارچىتىدۇ. جامائەتتىن ئايرىلىپ، يالغۇز ياشاشقا مەجبۇرلايدۇ.

5-ئىچكى ماجرالار يېڭى ئەۋلاتلارنى بىزدىن قاچۇرىدۇ. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنڭ كەلگۈسى ئىز-باسارلىرىنى، ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى يىراقلاشتۇرىدۇ.

6-ئىچكى ماجرالار قوللىغۇچى ۋە كۆزەتكۇچىلەرنى ئەتراپىمىزدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئىچكى سوقۇشقاق كىشلەرگە تاشقى ياردەم ئۈزۈلۈدۇ. ئۆز ئىچىمىزدىن، چەتئەللىكلەردىن بولغان قوللىغۇچىلىرىمىز بىر-بىرىمىزنى ياراتمىغان، ئېتىراپ قىلمىغان، ھەسەت قىلىۋاتقان، ئىتتپاقلاشمىغان ھالىتىمىزنى كۆرسە، بىزنىڭ چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشىمىزغا ئىشەنمەيدۇ، بىزدىن قاچىدۇ.

7-ئىچكى ماجرالار ۋاقتىمىزنى ئسراپ قىلىدۇ، بىز ماجرالار بىلەن بولىمىز، خىتاي ۋەتەندە خەلقىمىزنى سائەتلەپ، كۈنلەپ، ھەپتىلەپ مەخپىي قەتلە قىلىدۇ. ئىچكى ماجرالار دىققىتىمىزنى، ئەقلىمىزنى ئەڭ مۇھىم بولغان ھايات-ماماتلىق قۇتۇلۇش ھەرىكىتىدىن ئەرزىمەس ئىشلارغا بۇرايدۇ.

8-ئىچكى ماجرالار ئىش ئۈنۈمىمىزنى تۆۋەنلىتىدۇ. سۈپەتلىك، ئەھمىيەتلىك لايىھە-تەدبىر ئوتتۇرىغا قويالمايمىز.

9-ئىچكى ماجرالار ئۆز-ئارا مەخپىيەتلىكىمىزنى ۋە تۈرلۈك ئاجىزلىقىمىزنى دۇشمەنگە ئاشكارىلايدۇ، دۇشمەن ناھايتى ئاسانلا بىزنى ۋەيران قىلىدۇ.

10-ئىچكى ماجرالار ۋە بۆلۈنگەن كۈچلەر ھېچقانداق ھۇجۇمغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.

خەلق تەدبىرى:

ئويلىغان بىر نەچچە ئۇسۇلنى سناپ بېقىشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن:

1-پىتنە-پاسات، ئۇرۇش-جىدەل، غەيۋەتلەرنى تارقاتماسلىق كېرەك.

2-شەخسلەر ئارا بىر تەرەپتە تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپكە يەل بەرمەسلىك، باشقا تەرەپنى چۈشەنمەي تۇرۇپ باھا بەرمەسلىك كېرەك.

3-ئۇيغۇرلار ئارىسىغا پىتنە-پاسات، غەيۋەت، جىدەل-ماجرا تېرىغان كىشلەرنى، سوغۇقچىلىق، ئۈمىدسىزلىك تارقاتقانلارنى ئارىغا ئالماسلىق كېرەك.

4-ئۇرۇشۇپ-قالغان ئىككى تەرەپنى مەسىلىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ياراشتۇرۇپ قويۇش، ئەگەر ئاڭلىمىسا كارى بولماي ھەر ئىككىلىسىنى تاشلىۋېتىش كېرەك.

5-ھەر ئىككى تەرەپتىن دىققەتنى دۈشمەنگە قارىتىشنى، ئۇيغۇر مىللىتىنى قوغداشقا قارىتىشنى تەلەپ قىلىش كېرەك.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ئوبزور: شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇر قەتلىئامى

يە نويابىر 11 , 2018
دۇنياغا ئەمدى شۇنىسى ئايان بولدىكى، ئۇيغۇرلار 21-ئەسىردىكى ئەڭ قاباھەتلىك كۇلتۇرال قەتلىئامنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. قانچىلىك دەرىجىدە تولۇقسىز بولۇشىغا قارىماي، ئۇشبۇ قەتلىئامنىڭ قۇربانلىرى بېرىۋاتقان گۇۋاھلىق بېرىشلەر شۇنى كۆرسەتتىكى، خىتاي ئەخلاق جەھەتتىكى قەبىھلىك ۋە پسىخولوگىيە جەھەتتىكى باغرىقاتتىقلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنى ھەر جەھەتتىن ۋەيران قىلىۋاتىدۇ. شى جىنپىڭ دەل مانا مۇشۇ قەتلىئامنىڭ باش پىلانلىغۇچىسىدۇر، ئەمما ئۇ كۆپ ھاللاردا خەلقئارانىڭ بېسىمى ۋە تەنقىدىدىن قانداقتۇر بىر يوللار بىلەن قېچىپ، بۇ قەتلىئامنىڭ سۈكۈتتىكى ۋە دىققەتتىن سىرت تۇرىۋاتقان ئېلىپ بارغۇچىسىغا ئايلاندى.

You May Like