خىتاي «يۇمشاق كۈچ» تە دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىقالامدۇ؟(1)

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ كۈچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق؟ بەزى مۇتەخەسسىسلەر 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن، بىر دۆلەت كۈچىيىپ، بۇرۇن ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ كەلگەن يەنە بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا تەھدىت بولۇپ قالغاندا چوقۇم بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلايدۇ، دەپ قاراۋاتىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دۇنيانىڭ مەركىزى بولۇپ كەلگەن ياۋروپا پارچىلىنىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمران ئورۇندىكى دۆلەت بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيەدە ئەندىشە پەيدا بولدى.

تەييارلىغۇچى: ئەركىن سىدىق

2017-يىلى 14-ئىيۇل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلىقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

مەن ئالدىنقى بىر قانچە پارچە يازمىلىرىمدا خىتاي ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەردە دۇنيادىكى ياكى ئاسىيادىكى ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقالايدىغان-چىقالمايدىغانلىقى ھەققىدە توختالدىم. دۇنيادا ئىقتىسادىي كۈچ بىلەن ھەربىي كۈچتىن باشقا يەنە «يۇمشاق كۈچ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۈچمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ھازىر خىتاي ئاشۇ ساھەدىمۇ ئۆزىنىڭ كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ مەبلەغ بىلەن قاتتىق تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاي ھازىرغىچە دۇنيادىكى 380 دىن ئارتۇق داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە قۇرغان «كۇڭزى تەتقىقات مەركىزى» ئەنە شۇ يولدىكى تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مەن كۆرگەن بىر ماتېرىيالدىن ئېسىمدە قېلىشىچە، خىتاي چەت ئەللەردە خىتاي ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش، كۇڭزى تەتقىقات مەركەزلىرىنى ماڭدۇرۇش، خىتايغا قارشى ھەر خىل سىياسىي كۈچلەرگە تاقابىل تۇرۇش، ۋە چەت ئەللەردىن ھەر خىل ئۇچۇرلارنى توپلاش قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈن 2014-يىلى جەمئىي 15 مىليارد دوللار پۇل خەجلىگەن.

مەن بۇ قېتىم ئامېرىكىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور جوسېف ناي (Joseph Nye) نىڭ «خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى ۋە ئامېرىكىنىڭ كۈچى» دېگەن تېمىدىكى بىر مەيدان ئىلمىي دوكلاتىنىڭ ئۆزۈم تاللىغان مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرىمەن. بۇ دوكلات 2012-يىلى 20-ئاۋغۇست كۈنى «كەمبىرىج سەھنىسى» دېگەن بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆزلەنگەن. تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىكى مەنبەگە تەۋە بولۇپ، پەقەت كىچىك تېمىلارنىلا مەن ئۆزۈم قويدۇم. ئەگەر تۆۋەندىكى مەزمۇنلارغا ئۆزۈمنىڭ سۆزىنى قوشۇپ قويماقچى بولسام، ئۇنى «ئىلاۋە» سۆزى بىلەن باشلانغان بىر ئايرىم ئابزاس قىلىپ قىستۇرۇپ قويىمەن.

1-رەسىم: جوسېف ناي 2012-يىلى 20-ئاۋغۇستتا دوكلات بېرىۋاتقان ۋاقىتتىكى بىر كورۇنۇش.

پروفېسسور ناي 1970-يىللىرى باشقا بىر مۇتەخەسسىس بىلەن بىرلىكتە خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى ئىنگلىزچە «Neoliberalism» دەپ ئاتىلىدىغان نەزەرىيىنى ئىجات قىلغان بولۇپ، بۇ نەزەرىيە ئۇلارنىڭ 1977-يىلى نەشر قىلىنغان «كۈچ ۋە ئۆز-ئارا يۆلىنىش» (دۆلەتلەرنىڭ كۈچى ۋە بىر-بىرىگە تايىنىشى، دېگەن مەنىدە) دېگەن كىتابىدا بايان قىلىنغان. ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «يۇمشاق كۈچ» ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىدا مېڭىۋاتقان مۇتەخەسسىس، دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان «ئەقىللىق كۈچ» (smart power) ئۇقۇمى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كلىنتون ۋە ئوباما دەۋرلىرىدە ناھايىتى كۆپ پايدىلىنىلغان. ئۇ بىر مەزگىل خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ھۆكۈمەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 2011-يىلىدىكى بىر قېتىملىق باھالاشتا ئۇ 1700 نەپەر خەلقئارا مۇناسىۋەت مۇتەخەسسىسلىرى ئىچىدىن 6-ئورۇندا تۇرىدىغان «تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك مۇتەخەسسىس» بولۇپ تاللانغان. ئامېرىكىنىڭ چەت ئەل سىياسىتىدىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك مۇتەخەسسىس بولۇپمۇ باھالانغان. مەزكۇر دوكلاتنى بېرىشتىن سەل بۇرۇن ئۇ خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. ئۇ 2014-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چەت ئەل سىياسىتى كومىتېتى ۋە دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتى كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن.

تۆۋەندىكىسى پروفېسسور ناينىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزۈم تاللىغان مەزمۇنلار.

  1. ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر

يەنە 10 يىلدەك ۋاقىتتىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئەھۋالى قانداقراق بولىدۇ؟ خىتاي خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە يىلىغا 10 پىرسەنت ئەتراپىدا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ ئىقتىسادى يىلىغا 7.5 پىرسەنت ئۆسۈۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىز خىتاينىڭ كەلگۈسى ھەققىدە نېمىلەرنى كۆرەلەيمىز؟ خىتاينىڭ ھەربىي خىراجىتى ئالدىنقى 10 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە يىلىغا 13 مىليارد دوللاردىن توغرا كەلدى.

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ كۈچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قانداق؟ بەزى مۇتەخەسسىسلەر 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن، بىر دۆلەت كۈچىيىپ، بۇرۇن ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ كەلگەن يەنە بىر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا تەھدىت بولۇپ قالغاندا چوقۇم بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلايدۇ، دەپ قاراۋاتىدۇ. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، دۇنيانىڭ مەركىزى بولۇپ كەلگەن ياۋروپا پارچىلىنىپ، گېرمانىيە ھۆكۈمران ئورۇندىكى دۆلەت بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيەدە ئەندىشە پەيدا بولدى.

شۇڭلاشقا بەزىلەر 21-ئەسىردىمۇ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش چوڭ توقۇنۇشلار يۈز بېرىدۇ، دەپ قاراۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۇ توقۇنۇش خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى، ۋە شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكىدا ئەندىشە پەيدا بولۇشى بىلەن يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل كۆز-قاراشتا بولۇۋاتقانلار ئىچىدە چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جون مىئېرشايمېرگە ئوخشاش تونۇلغان سىياسەت ئالىملىرىمۇ بار. جون مىئېرشايمېرنىڭ دېيىشىچە خىتاي تىنچ يول بىلەن تەرەققىي قىلالمايدۇ. ئەگەر بۇ ئىش راست بولىدىكەن، بىزنى بىر ناھايىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان بىر يېڭى ئەسىر كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان بولىدۇ. مېنىڭچە بۇ راست ئەمەس. مەن بۇنى يەنە بىر ئازدىن كېيىن چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن. شۇنداقتىمۇ بىز بۇ ئەندىشىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

ئالدىنقى 2 – 3 يىل ئىچىدە يۇقىرىدىكى نەزەرىيىگە ئىسپات بولىدىغان بەزى ئىشلار يۈز بەردى. ئۇ بولسىمۇ خىتاينىڭ ئۆزىگە بەك ئىشىنىدىغان چەت ئەل سىياسىتىدىن ئىبارەت. كۆپلىگەن خىتايلۇقلار 2008-يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادىدا يۈز بەرگەن چوڭ چېكىنىشكە، ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئاستا ئەسلىگە كېلىشتەك بىر ئەمەلىيىتىگە قاراپ، ھەمدە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ يىلىغا 10 پىرسەنتتىن ئۆسۈشىگە ئاساسلىنىپ، «ئامېرىكا ئارقىغا چېكىنىپ، بىز ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلىۋاتىمىز. شۇڭلاشقا بىز بۇ خىل شارائىتتىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز كېرەك» دەۋاتىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېز كۆتۈرۈلۈۋاتقان كۈچتە مەغرۇرلىنىش پەيدا بولۇش بىلەن بىرلىكتە، بۇرۇن ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن كۈچتە ئەندىشە پەيدا بولىدۇ. 2008-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى بۇرۇنقىدىن ناچارلاشتى. ئۇنىڭ بىر سەۋەبى خىتايلۇقلاردا ھازىر بار بولغان ھېلىقىدەك «ئامېرىكا چېكىنىۋاتىدۇ» دېگەن كۆز-قاراشتىن ئىبارەت بولۇپ، بىر قىسىم ئامېرىكىلىقلاردىمۇ ھازىر ئاشۇنداق كۆز-قاراش پەيدا بولۇۋاتىدۇ. يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق راي سىناشنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقلار ھازىر خىتاي ئامېرىكىدىن ئېشىپ كەتتى، دەپ قارايدىكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ بىر خاتا چۈشەنچە بولۇپ، ئۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەندىشىنىڭ بىر نامايەندىسىدۇر.

  1. ئامېرىكا راستىنىلا چېكىنىۋاتامدۇ؟

بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان «چېكىنىش» نىڭ مۇتلەق چېكىنىش ياكى نىسپىي چېكىنىش ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ. قەدىمكى رىم ئىمپېرىيىسىدە يۈز بەرگەن ئىش مۇتلەق چېكىنىش ئىدى. ئۇ چاغدا باشقا بىر ئىمپېرىيە تەرەققىياتتا رىم ئىمپېرىيىسىدىن ئۆتۈپ كەتمىدى. ئۇ چاغدا رىم ئىقتىسادى دۆلەت ئىچىدە زادىلا ئۈنۈمى يوق بىر نەرسىگە ئايلىنىپ، رىملىقلار كۆپلىگەن ئۇرۇشقا ۋە سىرتتىن كەلگەن ھۇجۇملارغا دۇچ كېلىپ، شۇنىڭ بىلەن رىم ئىمپېرىيىسى ۋەيران بولدى.

بۈگۈنكى ئامېرىكىنىڭ ئەھۋالى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭكىگە زادىلا ئوخشىمايدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىي مۇنبىرى دۆلەتلەرنى دۇنيادىكى رىقابەت كۈچى بويىچە تىزغاندا ئامېرىكا 5-ئورۇنغا قويۇلۇپ، خىتاي 27-ئورۇنغا قويۇلدى. رىقابەت كۈچى جەھەتتە ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتكەن دۆلەتلەر شىۋېتسىيە، شىۋېيتسارىيە ۋە سىنگاپور قاتارلىق كىچىك دۆلەتلەردىن تەركىب تاپتى. ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۆپىنچىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىنقى قاتار ئىچىدە تۇرىدۇ. تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا پۇل ئاجرىتىش جەھەتتىمۇ ئامېرىكا باشقىلارنىڭ كۆپ ئالدىدا بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىشلارغا ئاجراتقان پۇلى خىتاي، جەنۇبىي كورېيە ۋە گېرمانىيە ئاجراتقان پۇللارنى قوشقان ۋاقىتتىكىدىنمۇ كۆپ. ھازىر پۈتۈن دۇنيا تەتقىقات ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىغا خەجلەيدىغان پۇلنىڭ 31 پىرسەنتىنى ئامېرىكا چىقىرىدۇ. يېڭى تېخنولوگىيىلەر يېڭى ئەسىر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىئو-تېخنولوگىيىسى ۋە نانو-تېخنولوگىيىسى قاتارلىقلار بار. بۇ ساھەلەردىمۇ ئامېرىكا باشقىلارنىڭ كۆپ ئالدىدا مېڭىۋاتىدۇ.

شۇڭلاشقا «ئامېرىكىدا مۇتلەق چېكىنىش يۈز بېرىۋاتىدۇ» دېگەن كۆز-قاراش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. نىسپىي چېكىنىش جەھەتتە بىز دىققەت بېرىشكە تېگىشلىك ئەھۋاللار بار. نىسپىي چېكىنىشتە ئامېرىكا مۇتلەق ئۆلچەم بويىچە قارىغاندا چېكىنگەن بولماستىن، باشقا ئەللەر ئامېرىكىدىن تېزرەك تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ھازىر مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەردىن خىتاي، ھىندىستان، بىرازىلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بار. باشقىلار تېزرەك تەرەققىي قىلىدىكەن، ئۇلار بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق كىچىكلەپ ماڭىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئامېرىكىنىڭ كەينىگە چېكىنىشى بولماستىن، باشقىلارنىڭ ئامېرىكىغا يېتىشىۋېلىشى بولىدۇ. باشقا ئەللەرنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىن ئېشىپ چۈشكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇ پەقەت ئوتتۇرىدىكى ئارىلىقنىڭ كىچىكلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

نىسپىي چېكىنىشنى كىشىلەر ئاسانلا خاتا چۈشىنىپ قېلىپ، ئۇنى «باشقىلارنىڭ بىزدىن ئۆتۈپ كەتكىنى» دەپ ئويلاپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئەھۋالى ئامېرىكىلىقلاردا مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئەندىشىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ.

  1. خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچلىرى

ئومۇمىي كۈچ جەھەتتە خىتاي ئامېرىكىنى بېسىپ چۈشەلەمدۇ؟ مېنىڭچە ئۇنداق قىلالمايدۇ. ئەمما، ئىقتىسادنىڭ كۆلىمى جەھەتتە ئۇلار ئامېرىكىدىن ئېشىپ چۈشۈشى مۇمكىن. ئەگەر 1.3 مىليارد نوپۇسقا ئىگە بىر ئىقتىساد يىلىغا 10 پىرسەنتتىن تەرەققىي قىلىپ، 350 مىليون نوپۇسقا ئىگە يەنە بىر ئىقتىساد يىلىغا ئىككى پىرسەنتتىن ئۆسۈپ ماڭىدىكەن، بۇ ئىككى ئىقتىسادقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىككى سىزىق مەلۇم بىر ۋاقىتقا كەلگەندە ئۆز-ئارا كېسىشىدۇ. ئەنگلىيەدىكى بىر ئىنستىتۇت خىتاي ئىقتىسادىنىڭ مىقدارى (size) 2019-يىلى ئامېرىكىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دېگەن مۆلچەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بانكىلارنىڭ بىرى بولغان گولدمەن سەكس (Goldman Sacks) خىتاي ئىقتىسادىنىڭ مىقدارى 2027-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، دەپ مۆلچەرلىدى. ئەمما، كالىفورنىيەدىكى بىر ئىنستىتۇتنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئالماشتۇرۇش قىممىتى بويىچە قارىغاندا، خىتاي ئىقتىسادى 2025-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئاران 50 پىرسەنتىگە باراۋەر كېلىدىغان بولىدۇ.

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ مىقدارى ئامېرىكىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتەمدۇ، دېگەن مەسىلە بىر مۇھىم مەسىلە ئەمەس. ئىككى دۆلەتنىڭ نوپۇس ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا يۇقىرىدىكى ئىش بىر مۇقەررەرلىك، دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە، ئومۇمىي دۆلەت كۈچى جەھەتتە خىتاي ئامېرىكىنى بېسىپ چۈشەلەمدۇ، دېگەندىن ئىبارەت. بۇ مەسىلىگە كەلگەندە بىز كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم قاتارلىق باشقا ئامىللارغىمۇ قاراپ چىقمىساق بولمايدۇ. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم بىر ئىقتىسادنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر مۇشۇ بويىچە قارايدىغان بولساق، خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن، دەپ قارالغان تەقدىردىمۇ، ئۇنداق ئىش مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كەلگۈچە يۈز بەرمەيدۇ. بۇ يەردىمۇ نېمىنى ئۆلچەم قىلىش ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئىقتىسادىي كۈچ مەسىلىسىدە كىشىلەر ھازىر خىتاي بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇرۇنقىدەكلا تەرەققىي قىلىپ ماڭىدۇ، دەپ قاراۋاتىدۇ. ئۇنداق بولۇشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭ مۇنداق بىر قانچە سەۋەبلىرى بار. ئۇنىڭ بىرى، بىر دۆلەت باي بولغانسېرى، ئۇنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى ئاستىلاپ ماڭىدۇ. ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، خىتاينىڭ ئەمگەك كۈچىنىڭ سانى 2015-يىلىدىن باشلاپ ئازلاپ ماڭىدۇ. ھازىر خىتايلۇقلار ئەندىشە قىلىۋاتقان ئىشلارنىڭ بىرى، ئۇلار باي بولۇپ بولغۇچە، ئۇلارنىڭ قېرىپ كېتىشىدۇر. شۇڭلاشقا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سۈرئىتى بۇنىڭدىن كېيىنكى 10 – 15 يىل ئىچىدە بۇرۇنقىدەك 10 پىرسەنت ياكى 7.5 پىرسەنت بولۇپ ماڭالمايدۇ.

دۆلەت كۈچى ئىچىدە ئىقتىسادىي كۈچتىن باشقا يەنە ھەربىي كۈچ ۋە يۇمشاق كۈچمۇ بار. ھەربىي كۈچ جەھەتتىمۇ خىتاينىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ھەربىي ساھەگە ئاجراتقان پۇلى ئۇلارنىڭ GDP سىنىڭ ئاران 2 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. خىتاي بۇ يىل ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاۋىئاماتكىسىنى سۇغا سالدى. ئەمما پەقەت بىرلا ئاۋىئاماتكىسى بار بولۇش بىلەن بىر 11 ئاۋىئاماتكىلىق چوڭ ھەربىي قوشۇننىڭ بار بولۇشى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زور پەرق بار.

  1. خىتاي يۇمشاق كۈچتە دۇنيادىكى ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتەلەمدۇ؟

خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى قىزىقىۋاتىدۇ. خىتاي رەھبىرى خۇ جىنتاۋ 2007-يىلىدىكى 17-نۆۋەتلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا «خىتاي يۇمشاق كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ مەبلەغ سېلىشى كېرەك» دېگەن ئىدى. بۇ خىتاي ئۈچۈن بىر ناھايىتى ئاقىلانە ئىستراتېگىيە. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىسادى بىلەن ھەربىي كۈچىڭىزنى ناھايىتى تېز تەرەققىي قىلدۇرىدىكەنسىز، سىز قوشنىلىرىڭىزنى قورقۇتۇپ قويىسىز. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەمكارلىق ئورنىتىپ، سىز بىلەن تەڭپۇڭلۇق ساقلاشقا تىرىشىدۇ. ئەمما، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ يۇمشاق كۈچىنىمۇ باشقا ئىككى خىل كۈچ بىلەن بىللە ئۆستۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق قوشنىلىرىڭىزنى ئۆزىڭىزگە جەلپ قىلىدىكەنسىز، قوشنىلىرىڭىز سىز بىلەن تەڭپۇڭلۇق ساقلاشقا ئۇنچىۋالا كۈچىمەيدىغان بولىدۇ. شۇڭلاشقا خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزى بىر ناھايىتى ياخشى ئىستراتېگىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يەردىكى مەسىلە، يۇمشاق كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىتاي ئۈچۈن ئانچە ئاسان ئەمەس. خىتاي ھازىر نەچچە مىليارد دوللار پۇل خەجلەپ، ئۆزىنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە شىنخۇا ئاخبارات ئىدارىسى قاتارلىقلارنى چەت ئەلگە كېڭەيتىپ، ئەلجەزىرەگە ئوخشاش بىر خەلقئارالىق خەۋەر تورىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنى قۇرۇپ، خىتاي مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تارقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشى ئىشلار. ئەمما خىتايلۇقلار دۇچ كېلىدىغان بىر مەسىلە بار. ئۇ بولسىمۇ، دۇنيادىكى كۆپىنچە ئەللەر يۇمشاق كۈچنى دۆلەت ھاكىمىيىتى ئارقىلىق يۈكسەلدۈرمەي، ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ گراژدان جەمئىيەتلىرى (civil society) ئارقىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۇنىڭ تەشۋىقاتلىرى ئانچە چوڭ رول ئوينىماي، ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە كەڭ تارقالغان ئامېرىكا مەدەنىيىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. خىتاي ئاممىۋى مەدەنىيەت ۋە گراژدان جەمئىيەتلىرىگە ھېچ قانداق ئەركىنلىك بەرمەيدۇ. مەسىلەن، خىتاي 2009-يىلى شاڭخەيدە خەلقئارا كۆرگەزمە ئۆتكۈزگەندە، مەن ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، ناھايىتى ياخشى ئىجابىي تەسىرات بىلەن قايتىپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا داڭلىق «2008 خىتابنامىسى» نى يازغان ليۇ شاۋبونى سولاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئوسلوغا بېرىپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىغا يول قويمىدى. خۇددى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، خىتاي ھۆكۈمىتى يۇمشاق كۈچنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولغان گراژدان جەمئىيەتلەرگە ئەركىنلىك بېرىش ئىشىنى يولىدا ئورۇنلىيالمايۋاتىدۇ.

قىسقىسى، خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچى يۈكسىلىۋاتىدۇ. ئەمما، ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق كۈچ سەۋىيىسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا خىتاي تېخى كۆپ ئارقىدا. خىتاي ئۆزىنىڭ ئاممىۋى جەمئىيەتلىرىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرمەي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچىنى ئۈنۈملۈك يۈكسەلدۈرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.

  1. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى قانداق بولىدۇ؟

خىتاي ئىقتىسادىي كۈچ، ھەربىي كۈچ ۋە يۇمشاق كۈچ جەھەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. ئەمما، مېنىڭچە خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئاشۇ 3 خىل كۈچ بويىچە ئامېرىكىنى بېسىپ چۈشىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى توغرا چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر بىر دۆلەت ئۆزىنىڭ كۈچىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەيدىكەن، ئۇ ئۆزىدە ھاكاۋۇرلۇقنى يېتىلدۈرىدۇ. ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرۇپ كەلگەن ئەلدە بولسا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك ئەندىشىنى پەيدا قىلىدۇ.

بۇ يەردىكى مۇھىم مەسىلە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئۆزلىرىنىڭ نىسپىي كۈچلىرىنى توغرا چۈشىنەلەمدۇ، ياكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئىچىدە بۇ ئىككى دۆلەت بىر-بىرىگە بولغان مۇئامىلىنى چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىپ، شۇنىڭ بىلەن بىر چوڭ توقۇنۇش پەيدا قىلىپ، 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياۋروپادا يۈز بەرگەندەك ئەھۋالنى قايتىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ، دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، مېنىڭ بۇ سوئالغا بېرىدىغان جاۋابىم: ئۇنداق بولمايدۇ. 1914-يىلىدىكى 1-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشتىن خېلىلا بۇرۇن، يەنى 1900-يىللىرى ئومۇمىي ئىقتىسادىي كۈچ جەھەتتە گېرمانىيە ئەنگلىيەدىن ئېشىپ كەتكەن. مەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكۈنۈمدەك، خىتاينىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكىنى بېسىپ چۈشىشى مۇمكىن ئەمەس. خىتاينىڭ كۈچلىنىشىگە مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇش، ۋە ئۇنىڭغا مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىش ئۈچۈن بىزنىڭ نەچچە ئون يىلدەك ۋاقتىمىز بار. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب بىز ھازىردىن باشلاپلا قورقۇپ كەتمىسەكمۇ بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى فرانكلىن روزۋېلت (Franklin Roosevelt) نىڭ سۆزى بويىچە ئېيتساق، بىزنىڭ ھازىردىن باشلاپ ئەنسىرىشىمىزگە تېگىشلىك نەرسە ئاشۇ ئەندىشىنىڭ ئۆزىدۇر. ھەددىدىن زىيادە قورقۇپ كېتىش ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا پايدىسىز. ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا چوڭ زىددىيەتلەر مەۋجۇت ئەمەس. بۇرۇن ناتسىست گېرمانىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەمئىيەتلىرى بىلەن دۆلەت ھاكىمىيەتلىرى بىزنى ۋەيران قىلىۋەتمەكچى بولغان. ئەمما ھازىر خىتاي ئۇنداق بىر ئىشقا ئۇرۇنىۋاتمايۋاتىدۇ. خىتاي ئىستەيدىغان كۆپلىگەن نەرسىلەر بىزنىڭ ئىستەيدىغىنىمىز بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. خېلى كۆپ ساھەلەردە بىز خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقان ئاساستا بىللە ياشىيالايمىز.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىز ئاشۇنداق بىللە ياشاشقا مەجبۇرمىز. ئەگەر بىز 21-ئەسىردىكى چوڭ قىيىن ئۆتكەللەرگە قاراپ باقىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ھازىر دۇنيالىشىش ۋە تېخنولوگىيە جەھەتتىكى ئۆز-ئارا سىڭىپ كىرىش ئەھۋاللىرى ئومۇميۈزلۈك يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئىقتىسادىي مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ۋە ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلىشىنى كونترول قىلىشتا كۆپلىگەن دۆلەتلەر ھەمكارلاشمىسا بولمايدىغانلىقى بۇنىڭ بىر مىسالى. ھاۋادا CO2 (كاربون تۆت ئوكسىد) پەيدا قىلىشتا ھازىر خىتاي بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇپ، ئۇ پەيدا قىلغان بۇلغىنىش دۇنيادىكى ھەممە ئادەملەرگە زىيان سېلىۋاتىدۇ. كەڭ تارقالغان كېسەللىك ۋە دۆلەتلەر ئارا تېررورىزملىققا ئوخشاش ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشتا بىز ئۆزىمىزنىڭ كۈچىگە تايىنىپلا ئۈنۈم قازىنالمايمىز. بۇنداق مەسىلىلەرنى يالغۇز ئامېرىكا، يالغۇز خىتاي، ياكى يالغۇز ياۋروپالا ئۆز ئالدىغا ھەل قىلالمايدۇ. بىز چوقۇم ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بارىدىغان مۇناسىۋەتنى تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك.

يۇقىرىقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىز بۇنىڭدىن كېيىن كۈچ ھەققىدە توختالغاندا، باشقا دۆلەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان كۈچنى ئەمەس، باشقا دۆلەتلەر بىلەن تەڭ پايدىلىنىدىغان كۈچنى كۆزدە تۇتىشىمىز كېرەك. بەزىدە مۇشۇنداق ئىككى خىل كۈچنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ.

بۇ دېگەنلىك كلاسسىك ھەربىي مەسىلىلەر ۋە دىپلوماتىك مەسىلىلەر مۇھىم ئەمەس، دېگەنلىك ئەمەس. ئۇنداق مەسىلىلەر بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى نېفىت بايلىقىنى تالىشىش مەسىلىسى. ئەمما، بەزى مەسىلىلەرنى ھەربىي كۈچ بىلەن بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ. دۇنياغا كەڭ تارقالغان كېسەللەر، ئىقتىسادىي كرىزىس ۋە ھاۋانىڭ ئىسسىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان كۈچلەر بىلەن بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنداق مەسىلىلەرنى باشقىلار بىلەن تەڭ پايدىلىنىدىغان كۈچلەر ئارقىلىق ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

ئۇنداقتا ئامېرىكا خىتايغا قارىتا قانداق تاشقى سىياسەت قوللىنىشى كېرەك؟ مېنىڭچە سەۋرچانلىق سىياسىتى قوللىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەم بەك ئىسسىق ئەمەس، ھەم بەك سوغۇق ئەمەس بىر سىياسەتنى قوللىنىشى كېرەك. بىز خىتاي بىلەن ھەم ھەمكارلىشىدىغان، ھەم رىقابەتلىشىدىغان بىر ئۇسۇلنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز كېرەك. ئامېرىكىلىقلار ئۈچۈن بۇ بىر ئاسان ئىش ئەمەس. يەنى، ئامېرىكا بىرسىگە مۇئامىلە قىلىشتا «دۈشمەن» ۋە «دۈشمەن ئەمەس» دەپ ئېنىق ئايرىشقا ئۆگىنىپ قالغان. بىز «خىتاي ھەم ھەمكارلاشقۇچى، ھەم رىقابەتلەشكۈچى» دېگەن ئۇقۇمنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز ئۇنداق قىلالمايدىكەنمىز، 21-ئەسىر بىز ئۈچۈن بىر ئازابلىق ئەسىر بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر بىز بۇ مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالايدىكەنمىز، مېنىڭچە خىتاينىڭ قەد كۆتۈرۈشى بىر ئانچە يامان ئىشمۇ ئەمەس. بىز شۇ ئارقىلىق بىر ئەسىردىن بۇرۇن يۈز بەرگەن ئەھۋالنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ساقلىنالايمىز.

ئىلاۋە: پروفېسسور ناينىڭ نۇتقى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن سوئال-جاۋاب سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلدى. تۆۋەندىكىسى شۇ جەرياندىن مەن ئۆزۈم تاللىغان مەزمۇنلار.

  1. سوئال-جاۋابلار

بىرىنچى سوئال: ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق كۈچى خىتايغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

جاۋاب: يۇمشاق كۈچ ئادەتتە مەسىلە ھەل قىلىشنىڭ قورالى بولالمايدۇ. مەسىلەن، يۇمشاق كۈچ شىمالىي كورېيە كرىزىسىنى ھەل قىلالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ بەزى ساھەلەردە بەلگىلىك رول ئوينىيالايدۇ. مەسىلەن، ھازىر ئامېرىكىدا 125000 دىن ئارتۇق خىتايلۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خېلى كۆپلىرى ئوقۇش پۈتكەندە خىتايغا قايتىدۇ. ئۇلارنىڭ خېلى كۆپلىرى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرى ۋە ئامېرىكا مەدەنىيىتىدىن مىننەتدار. شۇڭلاشقا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىش ئېلىپ بېرىش جەھەتتە بىز خېلى ياخشى ئاساسقا ئىگە. بۇ يۇمشاق كۈچ بىلەن ھەممە مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس. بۇ ئۆز چۈشىنىش ھاسىل قىلىشتا ئامېرىكا بەلگىلىك ئاساسقا ئىگە، دېگەنلىك.

مەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ۋاڭ ئىسىملىك بىر پروفېسسور بىلەن بىللە بىر پارچە ئىلمىي ماقالە يازدىم. بىز ئۇ ماقالىدە مۇنداق بىر نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچىنىڭ ئامېرىكىدا ئۆسۈشى بىلەن خىتاي ئامېرىكىلىقلارنى ئۆزىگە تېخىمۇ جەلپ قىلدۇرىدۇ. ئامېرىكا يۇمشاق كۈچىنىڭ خىتايدا ئۆسۈشى بولسا ئامېرىكا خىتايلۇقلارنى ئۆزىگە تېخىمۇ جەلپ قىلدۇرىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ھەر ئىككى دۆلەت پايدا ئالىدۇ. يۇمشاق كۈچنى مۇشۇنداق چۈشىنىش ئەقىلگە بىرقەدەر مۇۋاپىق، دەپ ئويلايمەن.

ئىككىنچى سوئال: ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق كۈچى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىغا تەسىر كۆرسىتەلەمدۇ؟

جاۋاب: مېنىڭچە بۇنىڭغا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ. ھازىر خىتايدا بەزى ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ يۇمشاق كۈچى ب د ت دا خىتاينى سۈرىيەگە قارشى بىلەت تاشلاشقا ئېلىپ بېرىشتەك ئىشلارنى قىلالمايدۇ. خىتاينىڭ ئىچىدە ھازىر خىتايلۇقلار كىشىلىك ھوقۇققا بۇرۇنقىدىن ياخشىراق دىققەت قىلىشقا باشلىدى. خىتاي باي بولغانسېرى مۇشۇنداق ئىشلارغا كۆڭۈل بولىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىمۇ يۇقىرىلاپ ماڭىدۇ. خىتايلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ كۆزلىرىدىكى يۇمشاق كۈچىگە ناھايىتىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. مەن ھەر قېتىم خىتايغا بارغاندا كىشىلەر مېنى مۇشۇنداق تېمىدا دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىدۇ. مەندىن «خىتاي قانداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ يۇمشاق كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ؟» دەپ سورايدۇ. مەن ئۇلارغا «ليۇ شياۋبونى تۈرمىدىن قويۇۋەتسەڭلار، ياكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلسەڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ يۇمشاق كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرالايسىلەر»، دەپ جاۋاب بېرىمەن. مېنىڭ بۇنداق جاۋابىم يىغىن مەيدانىدىكىلەرنىڭ بەك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمەيدۇ. ئەمما دوكلات ئاخىرلاشقاندا كىشىلەر مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ: «دېگىنىڭىز توغرا، بىز ئاشۇ نىشانغا قاراپ تىرىشىۋاتىمىز»، دەيدۇ. بۇ يىل (2012-يىلى) 2-ئايدا شى جىنپىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن بىر زىياپەتكە قاتنىشىۋاتقاندا، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى بايدىن ئۇنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قىستىدى. شۇ چاغدا شى جىنپىڭ «بۇنىڭ سىلەر بىلەن ھېچ مۇناسىۋىتى يوق»، دېمەي، ئۇنىڭ ئورنىغا «بىزنىڭ بۇ ئىشتا يەنە ئۇزۇن مۇساپىمىز بار، ئەمما بىز ئاشۇ يولدا تىرىشىۋاتىمىز»، دېدى. دېمەك، بۇ جەھەتتە بىز ئازراق-ئازراقتىن ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىۋاتىمىز.

ئۈچىنچى سوئال: بىز ھازىر ئامېرىكىنىڭ 237 يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ چېكىنىشنى ئۆز بېشىمىزدىن كەچۈرۈۋاتىمىزمۇ؟ خىتاي 5 مىڭ يىلدەك تارىخقا ئىگە بولۇپ، بۇ جەرياندا ھەر خىل دەۋرلەرنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزدى. مېنىڭچە بىز ھازىر بىر چوڭ خەتەر ئاستىدا قالدۇق. ئەگەر خىتاينىڭ پۇلى بولمىغان بولسا، ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋەيران بولغان بولاتتى. شۇڭلاشقا بىز ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆز-ئارا باغلىنىپ قالدۇق. خىتاي ھازىر بىز زور كۆلەمدىكى ئوتتۇراھال سىنىپنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشنى خالاپ كەتمەيدىغاندەك قىلىدۇ. سەۋەبى، ئۇنداق ئوتتۇراھال سىنىپنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى شۇ پېتى ساقلاپ مېڭىش ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ. بىز ھازىر قايسى يۆنىلىشكە كېتىۋاتىمىز؟ پەلسەپە نۇقتىسىدىن قارىغاندا خىتاي ھازىر قايسى تەرەپكە كېتىۋاتىدۇ؟

جاۋاب: ھەقىقەتەنمۇ ھازىر ئامېرىكا بىر قانچە قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. بىز ھەل قىلمىساق بولمايدىغان باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى، دۆلەت قەرزى، ۋە تېخنولوگىيىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن كېلىپ چىققان باراۋەرسىزلىك مەسىلىسى قاتارلىق بار. ئەمما خىتاي دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرمۇ ئاز ئەمەس. مېنىڭچە ئامېرىكا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر خىتاي دۇچ كەلگەن مەسىلىلەردەك ئېغىر ئەمەس. خىتاي كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سىياسىيغا قاتنىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ باقمىدى. مەسىلەن، ھىندىستان قۇرۇلغاندىلا بىر دېموكراتىك ئاساسىي قانۇن بىلەن قۇرۇلغان. خىتايدا خەلق ئاممىسىنى سىياسىيغا قاتناشتۇرۇش قۇرۇلمىسى مەۋجۇت ئەمەس. كىشىلەرنىڭ كىرىمى كۆپەيگەنسېرى ئۇلارنىڭ سىياسىيغا قاتنىشىش ئىستىكىمۇ كۈچىيىپ ماڭىدۇ. بۇ يەردە مەن خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىنى كۆزدە تۇتمىدىم. ھازىر خىتايدا 500 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇس ئىنتېرنېت ئىشلىتىدۇ. خىتاينىڭ ئۇچۇر كونتروللۇقى بۇرۇنقىدىن كۆپ قىيىنلىشىپ كەتتى. شۇڭلاشقا خىتايمۇ بىر قىسىم مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكىمۇ ھەم شۇنداق. ئەمما مېنىڭچە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ھازىر ئامېرىكا ياخشىراق چارە-تەدبىرلەرگە ئىگە.

تۆتىنچى سوئال: سىزچە مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرغىچە خىتاي يەنىلا بىر دۆلەت بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ؟ خىتاي بىر ناچار ئىمپېرىيىگە ئايلىنىپ قالامدۇ؟

جاۋاب: مېنىڭچە خىتاي شۇنداق بولۇپ تۇرالايدۇ. ھازىر خىتايلۇقلارنىڭ مىللەتچىلىكى ناھايىتى كۈچلۈك. ج ك پ مىللەتچىلىككە تايىنىپ، ئۆزىنى بىر ھوقۇقلۇق قۇرۇلما سۈپىتىدە ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى «كوممۇنىستىك پارتىيە» دېسىمۇ، ھازىر كوممۇنىزملىقى ئاساسىي جەھەتتىن قالمىدى. ئۇلار ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن يۇقىرى سۈرئەتلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە مىللەتچىلىككە تايىنىپ ئۆزىنى ساقلاپ مېڭىۋاتىدۇ. ھازىر خىتاينى يېقىندىن كۆزىتىپ باقسىڭىز، ئۇ يەردە مىللەتچىلىكنىڭ ناھايىتىمۇ بەك باش كۆتۈرگەنلىكىنى بايقايسىز. بۇنداق بولۇشىدا رول ئوينىغان بىر تەرەپ ھۆكۈمەت، يەنە بىر تەرەپ بولسا ئوتتۇراھال سىنىپتىكى كىشىلەر سانىنىڭ ناھايىتى تېز كۆپىيىشى. مېنىڭچە خىتاي ئۆزىنى بىر دۆلەت سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرالايدۇ.

خىتاينىڭ بىر ناچار ئىمپېرىيىگە ئايلىنىپ قېلىش ۋە سىياسىي مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىش ئىشىغا كەلسەك، بۇ جەھەتتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ناھايىتىمۇ تەس. خىتاينىڭ رەھبەرلىك قوشۇنى مۇددەتلىك ھالدا ئالمىشىپ ماڭدى. ھازىرقى رەھبەرلەر 4-دەۋر رەھبەرلىك قوشۇنىغا تەۋە بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇددىتى بۇ يىل (2012-يىلى) نىڭ ئاخىرى توشىدۇ. كېلەر يىلدىن باشلاپ ھوقۇق تۇتىدىغانلار «5-دەۋر رەھبەرلىرى» گە تەۋە بولىدۇ. بەزىلەر «خىتايدىكى ھەقىقىي ئۆزگىرىش 6-دەۋر رەھبەرلىرىنىڭ قولىدا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ»، دەپ پەرەز قىلىۋاتىدۇ. 6-دەۋرلىك رەھبەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى چەت ئەلدە ئوقۇغانلاردىن تەركىب تاپىدىغان بولۇپ، ئۇلار ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە دۇنيا ھەققىدە مول بىلىملەرگە ئىگە كىشىلەردىن بولىدۇ. 6-دەۋرلىك رەھبەرلەر 2024-يىلى ھوقۇققا ئولتۇرىدىغان بولۇپ، خىتايدىكى چوڭ ئۆزگىرىشلەر شۇ چاغدا يۈز بېرىشى مۇمكىن. شۇ ۋاقىتقا بارغاندا خىتايدا سىياسىي جەھەتتە چوڭ ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى مۇمكىن.

ھازىرقى گەپ ج ك پ شۇ ۋاقىتقىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالامدۇ-يوق، دېگەندىن ئىبارەت. بىز ئامېرىكىدا تەڭسىزلىك ئەھۋالى مەۋجۇت، دەيمىز. خىتايدىكى تەڭسىزلىك تېخىمۇ ئېغىر. خىتايدا چىرىكلىك ناھايىتىمۇ ئېغىر. خىتايدا دېھقانلار ۋە باشقىلارغا قىلىنىۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەر ناھايىتىمۇ ئېغىر. شۇڭلاشقا ج ك پ ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ساقلاپ، ھەمدە پۇقرالارنىڭ سىياسىيغا قاتنىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، شۇ ئاساستا 2020-يىللىرىغىچە ئۆزىنى ساقلاپ مېڭىشى كېرەك. ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇلار ھازىرچە بۇ ئىشنى قانداق قىلىشنى بىلمەيدىغان بولۇپ، بىزمۇ ئۇلارنىڭ 2020-يىللىرىغا ئۇلىشالايدىغان-ئۇلىشالمايدىغانلىقىنى بىلمەيمىز.

بەشىنچى سوئال: سىز «خىتاي بىز بىلەن ئوخشاش نەرسىلەرنى ئىستەيدۇ»، دېدىڭىز. خىتاي ھازىر تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئافرىقىغا يۈرۈش قىلىۋاتىدۇ. بىزمۇ ئۇ يەرلەرگە يۈرۈش قىلىۋاتىمىز. سىزچە مۇشۇنداق ئىشلار تۈپەيلىدىن بىرەر چوڭ توقۇنۇش پەيدا بولامدۇ؟ مىئېرشايمېر ئوتتۇرىغا قويغان توقۇنۇشلار يۈز بېرەمدۇ؟ بىز ھازىردىن باشلاپ خىتاينى چەكلىشىمىز كېرەكمۇ؟

جاۋاب: «خىتاي بىز بىلەن ئوخشاش نەرسىلەرنى ئىستەيدۇ»، دېگىنىمدە مەن ئاساسلىقى پۇل تېپىپ باي بولۇش، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىكى ئىشلارنى كۆزدە تۇتقان. مېنىڭچە تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرى ئۈستىدىكى رىقابەت تەشۋىقاتلاردا سەل كۆپتۈرۈلۈپ بايان قىلىندى. خىتاي ئافرىقىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن نېفىت ۋە مىنېراللارنى سېتىۋالسا، ئافرىقىلىقلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسىدۇ. مېنىڭچە بۇ بىر ياخشى ئىش. «ئافرىقىدىكى نېفىتلەرگە خىتاي ئىگە بولۇۋالسا، بىزگە نېفىت قالمايدۇ»، دېگەنگە ئوخشاش ئىدىيىلەر نېفىت بازىرىنى چۈشەنمەسلىكتىن كېلىپ چىققان. نېفىت مەنبەلىرى دۇنياغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، بىزگە بىر جايدىكىسى تەگمىسە يەنە بىر يەردىكىسى تېگىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ھەرگىزمۇ بىر مەسىلە بولۇپ قالمايدۇ.

پروفېسسور مىئېرشايمېرنىڭ قارىشىچە بىر دۆلەت ناھايىتى كۈچىيىپ كەتسە، بۇرۇندىن تارتىپ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن دۆلەتتە ئەندىشە پەيدا بولۇپ، يېڭىدىن ئۆسۈپ چىقىۋاتقان دۆلەتنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش پەيدا بولۇشى مۇمكىن. مەن كلىنتون ھۆكۈمىتىدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقاندا بىز بۇ مەسىلىگە، ھەمدە خىتاينى چەكلەشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار-يوقلۇقىغا ناھايىتى ئەستايىدىل قاراپ چىققان ئىدۇق. بىزنىڭ قارارىمىز «ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق»، دېگەندىن ئىبارەت بولغان ئىدى. بىزنىڭ قارىشىمىزچە پەقەت خىتايلا ئۆز-ئۆزىنى چەكلىيەلەيدۇ. يەنى، ئەگەر خىتاي بىر زومىگەردەك ئىش تۇتىدىكەن، ئۇنىڭ قوشنىلىرى ئۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلايدۇ. ئۇلار قايتۇرىدىغان ئىنكاسلارنىڭ بىر قىسمى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادا تېخىمۇ كۆپ قوشۇن تۇرغۇزۇپ، شۇ ئارقىلىق خىتاي بىلەن تەڭپۇڭلۇق ساقلاش بولىدۇ. شۇڭلاشقا بىز 1990-يىللىرى تۈزگەن، ھەمدە شۇنىڭدىن بېرى ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ئىستراتېگىيە خىتاينى چەكلىمەسلىك، يەنى خىتاينى سوغۇق ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنى چەكلىگەنگە ئوخشاش چەكلىمەسلىك بولدى. بىز خىتاي بىلەن سودا قىلىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز خىتايدىن ناھايىتى كۆپ مىقداردا پۇل قەرز ئالدۇق. بىز بۇرۇن سوۋېتلىقلار بىلەن سودا قىلمايلا قالماي، ئۇلار بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ھېچ قانداق ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت مەۋجۇت بولمىغان. ھازىر ئامېرىكىدا 125000 نەپەر خىتايلۇق ئوقۇغۇچىلار بار. شۇڭلاشقا بىز سوغۇق ئۇرۇشى مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش خىتاينى چەكلەش سىياسىتىنى يولغا قويمىدۇق. ئەمما بىز خىتاينى بىر زومىگەردەك ئىش تۇتمايدىغان قىلىشقا شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز.

پەقەت ئامېرىكا ياپون ۋە ھىندىستان بىلەن ھازىرقىدەك ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، ئۆزىنىڭ ئاسىيادىكى ھازىرقىدەك بىر قوغدىغۇچى بولۇش، ۋە خىتاينىڭ قوشنىلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىش ئورنىنى ساقلاپلا ماڭىدىكەن، ئۇ ھالدا مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك پەقەت خىتاي ئۆز-ئۆزىنى چەكلەيدىغان بىر ھالەت شەكىللىنىدۇ.

ئالدىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىغا قاراپ باقايلى. 2009 – 2011-يىللىرى خىتاي جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى، شەرقىي خىتاي دېڭىزى، ۋە ياپونىيە سېنكاكۇ ئاراللىرى رايونلىرىدا بىر قىسىم كېڭەيمىچىلىك ئىشلىرىنى ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ھەممە قوشنىلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناچارلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى. بۇنداق ئەھۋال بىزنىڭ ئاسىياغا بېرىپ بىر يېڭى NATO قۇرغانلىقىمىزدىن ۋۇجۇدقا كەلمىدى. بەلكى خىتاينىڭ قوشنىلىرىنىڭ بىزنى تەكلىپ قىلىپ ئاپىرىشى، ياكى بىزنىڭ ئاشۇ يەردە تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر تۇرغۇزۇشىمىزنى تەلەپ قىلىشى بىلەن بولدى.

قىسقىسى، بىزنىڭ خىتاينى چەكلىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. بىز پەقەت ئۇنىڭ ئاسىيادىكىلەرگە مۇش تەڭلەپ يۈرۈشىگە يول قويمايدىغان بىر خىل ھالەتنى ساقلاپ ماڭساقلا كۇپايە قىلىدۇ. بۇ بىز ھازىرغىچە يولغا قويۇپ كەلگەن ئىستراتېگىيە بولۇپ، مېنىڭچە بۇ ئىستراتېگىيە ياخشى ئۈنۈم بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇشۇ بويىچە ئىش تۇتساق، مىئېرشايمېر ئوتتۇرىغا قويغان توقۇنۇشلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئالتىنچى سوئال: سىز خىتايلۇقلار ھەربىي تەرەققىياتتا ناھايىتى كۈچەۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئۇلار كۆپ ئارقىدا، دېدىڭىز. ئەمما خىتاي ھازىر ئىنتېرنېت ئۇرۇشى جەھەتتە تېز تەرەققىي قىلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. ئۇلار ئىنتېرنېت ئۇرۇشىدىكى ئۈستۈنلۈكى ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن تەڭلىشەلەمدۇ؟ ئەگەر تەڭلىشەلىسە، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا مۇش ئېتىش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟

جاۋاب: ئىنتېرنېت ساھەسى بىر ناھايىتى مۇھىم ساھە بولۇپ، خىتاي ھازىر ئۇ ساھەدىمۇ ناھايىتى ئاكتىپلىق بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بەزىلەر «خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئېلېكتر توكى تورلىرىغا لوگىكىلىق بومبا سېلىپ قويۇپ، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ»، دەيدۇ. ئەمما، خىتاي ئۇنداق قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىپ كېلىۋاتىدۇ. سەۋەبى، ئەگەر ئۇلار ئۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار ئۆزلىرىگىمۇ چوڭ زىيانلارنى سالىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر بىلەن خىتاي قولىدىكى دوللارلارنى بازارغا بىراقلا سېلىۋېتىشتىن ساقلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر ئۇلار قولىدىكى دوللارنىڭ ھەممىسىنى بازارغا سېلىۋەتسە، ئۇلار ئامېرىكىنى يۈكۈندۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇلار ئۆزلىرى يېتىپ قالىدۇ. يەنى ھازىر بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر-بىرىگە يۆلىنىش مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت خىتاينى يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلىشتىن توسۇپ تۇرىدۇ.

ھازىرقى مەسىلە خىتاينىڭ ئىنتېرنېتتا ئامېرىكا بىلەن بىر چوڭ ئۇرۇش ئېلىپ بېرىشى ئەمەس. ھازىرقى مەسىلە خىتاي ئىنتېرنېتتىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكىدىن ئىنتايىن زور مىقداردىكى ئەقلىي مۈلۈكلەرنى ئوغرىلاپ كېتىۋاتىدۇ. ئەگەر سىز خىتايلۇق بولسىڭىز، سىزمۇ شۇنداق قىلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەممە ئادەمنى جەلپ قىلىدىغان بىر ئىش. بۇرۇن كىشىلەر جاسۇس تەربىيىلەپ، ئۇلارنى ئۆز دۆلەتلىرىدىن يەنە بىر دۆلەتكە ئەۋەتىپ، شۇلار ئارقىلىق ئۇچۇر ئوغرىلايتتى. ھازىر ئۇچۇر ئوغرىلاش ئېلېكترونلۇق ۋاسىتىلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ كەتتى. ئەگەر بىر قېتىم ئېلېكترونلۇق ھۆججەت ماڭدۇرۇپ مەغلۇپ بولسىڭىز، ئۇنى قايتا ماڭدۇرسىڭىزلا بولىدۇ. ھازىر سىز ئەۋەتكەن جاسۇسلار تۇتۇلۇپ قېلىپ تۈرمىگە قامىلىدىغان، ئاندىن سىز بېرىپ ئۇلارنى قۇتقۇزمىسىڭىز بولمايدىغان ئىشلار مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا بىز ھازىر خىتايلۇقلار بىلەن مۇشۇنداق ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقىنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان بىر يولنى تېپىشىمىز كېرەك. بۇ ئىش ئىنتېرنېت ئۇرۇشى يۈز بېرىشتىن ئەنسىرەپ يۈرۈشتىن كۆپ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەگەر ئىنتېرنېت ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېغىر ۋەيرانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۇرۇش پارتلاپ قالىدىغان ئىش بولسا، ئۇنىڭدا ھازىر خىتاينىڭ ئامېرىكىغا سالالايدىغان زىيىنىغا قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا سالالايدىغان زىيىنى جىق كۆپ بولىدۇ، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمما ھازىر ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئۇنداق ئىشتىن ساقلانمىسا بولمايدىغان ئامىللار بار. ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئوغرىلىق قىلىش مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭغا تۆلەيدىغان مەلۇم بەدەللەر بار بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بەدەللەر مەۋجۇت بولمايدىكەن، خىتاي بۇ ئىشنى قىلىشنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئوخشاشلا داۋاملاشتۇرىدۇ. ھازىر ئامېرىكا-خىتاي ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدا «ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي دىئالوگ» دېگەن بىر ئىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ يىغىن ئۆتكەن يىل تۇنجى قېتىم ئىنتېرنېت ئوغرىلىقى مەسىلىسىنى بىر مۇزاكىرە تېمىسى قىلدى. مېنىڭچە بىز بۇنىڭدىن كېيىن بۇ جەھەتتە يەنىمۇ تىرىشمىساق بولمايدۇ.

يەتتىنچى سوئال: سىز بۈگۈنكى سوئال-جاۋاب ۋاقتىدا «تېخنولوگىيە جەھەتتىكى يۈكسىلىشلەر ئامېرىكىدىكى تەڭسىزلىكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى»، دېدىڭىز. مېنىڭ قارىشىمچە ئامېرىكىدىكى ئەڭ باي بىر پىرسەنتتەك كىشىلەر ھازىر ھەممە ھوقۇقلارنى ئىگىلىۋېلىپ، ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيىسىگە تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. ئۇلار يېقىنقى 30 يىل جەريانىدا بارغانسېرى كۆپ بايلىقلارغا ئىگە بولۇۋالدى. ھازىر ئۇلارنىڭ كىرىمى ئامېرىكىنىڭ يېرىم ئاھالىسىنىڭ كىرىمىدىن ئېشىپ كەتتى. سىز بۇ مەسىلىگە قانداق قارايسىز؟

جاۋاب: ئىقتىسادىي تەڭسىزلىكنىڭ ھەر خىل سەۋەبلىرى بار. بەزى كىشىلەر «بۇنىڭ سەۋەبى دۇنيالىشىش، مەسىلەن، خىتايلۇق ئىشچىلار بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن شىركەتنى چەت ئەللەرگە يۆتكەش»، دەپ قارايدۇ. بۇلار ھەقىقەتەنمۇ سەۋەبلەرنىڭ بىر قىسمى بولالايدۇ. خەلقئارا سودا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دېيىشىچە، كىرىم جەھەتتە ھازىرقىدەك چوڭ پەرقلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ تاشقى سودا بىلەن ھېچ بىر مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ، ئەگەر خىتاي مەۋجۇت بولمىغان بولسىمۇ ھازىرقىدەك كىرىم جەھەتتىكى تەڭسىزلىك پەيدا بولۇۋەرگەن بولاتتى. بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق: كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر تېخنولوگىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، ئاشۇنداق يېڭى تېخنولوگىيىلەرنى ئۆگىتىدىغان ئوقۇشلارنىڭ ئوقۇش پۇلىمۇ كۆپ ئۆسۈپ كەتتى. بۇنىڭدىن 30 – 40 يىللار بۇرۇن سىز تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، بىر ماشىنا ياساش شىركىتىدە بىر ياخشى خىزمەتكە ئېرىشكەن بولسىڭىز، ئامبۇر-بولقا قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپلا خىزمىتىڭىزنى قىلالىغان بولاتتىڭىز. ئەمما ھازىر سىز كومپيۇتېر ئارقىلىق باشقۇرۇلىدىغان قوراللارنى ئىشلىتىشنى بىلمىسىڭىز بولمايدۇ. ئوتتۇراھال سىنىپ قاتارىغا كىرىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوقۇشتا بۇرۇن بىلەن ھازىرنىڭ پەرقى ناھايىتىمۇ زور. بۇنداق پەرقنى خىتاي كەلتۈرۈپ چىقارغان بولماستىن، ئۇنى ئۇچۇر تېخنولوگىيىسى بىلەن ئىقتىساد كەلتۈرۈپ چىقارغان. تەڭسىزلىكنىڭ ھەممىسى مۇشۇلا ئەمەس. تەڭسىزلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئامىللار ئىچىدە ئىقتىسادىي سىستېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئامىللارمۇ كۆپ. ئەمما بۇنىڭدىن 30 – 40 يىل ئىلگىرىكى ئەھۋاللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھازىرقى كىرىم تەڭسىزلىكىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئۇچۇر تېخنولوگىيىسىدىكى تەرەققىيات مۇھىم رول ئوينىدى.

سەككىزىنچى سوئال: ھازىر ئامېرىكا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا 6 -7 چوڭ ھەربىي بازا ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ بىزنىڭ بۇ بازىلارنى داۋاملىق ساقلاپ مېڭىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟

جاۋاب: مېنىڭچە ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ پايدىسى بار بولۇپ، بەزىلىرىنىڭ بولسا پايدىسى يوق. مەسىلەن، بىز ئافغانىستاندىن چىقىپ كېتىشىمىز كېرەك. ئىراق بىلەن ئافغانىستان ئامېرىكا ئۈچۈن بىر چوڭ خاتالىق، ھەمدە بىر چوڭ پۇل ئىسراپچىلىقى بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن، ياپونىيەنى ئالىدىغان بولساق، ھازىر ياپوندا 50 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ چىقىمىنى ياپون تۆلەيدۇ. ياپوندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ئۈچۈن بىز ئۆزىمىز پۇل خەجلىمەيمىز. ئۇنىڭ چىقىمىنى ياپونلارنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشىدىكى سەۋەب، ئۇلار ئۆزلىرىنى خىتاينىڭ زومىگەرلىكىدىن قوغدايدىغان بىر كاپالەتكە ئېھتىياجى بار. دېمەك، بىز بەزى جايلاردىكى ھەربىي بازىلارنى قىسقارتىشىمىز كېرەك، يەنە بەزى يەرلەردىكىنى، مەسىلەن، ياپونىيەدىكىنى بولسا قەتئىي ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك. ئۇ بازا بىزگە پۇل چىقىمى ئېلىپ كەلمەيدۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئاشۇ رايونلاردىكى تەسىرىنى كۈچەيتىپ بېرىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ جەھەتتە بىز ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتۇشىمىز كېرەك.

 

پايدىلىنىش مەنبەسى:

[1] Joseph Nye: The Rise of China and American Power

https://www.youtube.com/watch?v=BwWT0kbYSZs&t=6

مەزكۇر ماقالە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇرۇنقى يازمىلار:

[1] خىتاي ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولالمايدۇ

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47047-Junggo-Asiyadiki-H%F6k%FCmran-K%FCch-Bolalmaydu

[2] خىتاي بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47243-Junggo-bilen-Am%E9rikining-Urushush-%C9htimalliqi-Qanchilik

[3] ترامپنىڭ پرېزىدېنت بولۇشى خىتاي ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47285-Trampning-Pr%E9zid%E9nt-Bolushi-Junggo-%DCch%FCn-N%E9midin-D%E9rek-B%E9ridu

[4] مىللەت دۆلىتى، مەدەنىيەت دۆلىتى، ۋە ئاسسىمىلياتسىيە

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47355-Millet-D%F6liti-Medeniyet-D%F6liti-we-Assimilyatsiye

[5] شى جىنپىڭ خىتاينى بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە يېتەكلەيدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47402-Shi-Jinping-Junggoni-Buningdin-K%E9yin-Qaysi-Terepke-Y%E9tekleydu

[6] خىتاي دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا چىققاندا

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47450-Elrohlan-Junggo-Dunyadiki-1-Orun%92gha-Chiqqanda

[7] تارىخ بىلەن سۆھبەت: ئامېرىكا، غەرب، ئاسىيا، ۋە خىتاي

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47530-Tarix-Bilen-S%F6hbet-Am%E9rika-Gherb-Asiya-we-Junggo

[8] خىتاي نېمىشقا تىنچ يول بىلەن تەرەققىي قىلالمايدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47665-Elrohlan-Junggo-N%E9mishqa-Tinch-Yol-Bilen-Tereqqiy-Qilalmaydu

[9] نېمىشقا لىدېرلار يالغانچىلىق قىلىدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?47870-Elrohlan-N%E9mishqa-Lid%E9rlar-Yalghanchiliq-Qilidu

[10] خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ، بىر يول پىلانى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?48459-Elrohlan-Junggoning-Bir-Belwagh-Bir-Yol-Pilani-Heqqide-Qisqiche-Ch%FCshenche

[11] خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە پاكىستاندىن ئۆتۈدىغان يېڭى يىپەك يولى

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?48510-Elrohlan-Junggoning-Uyghur-Diyari-we-Pakistandin-%D6t%FCdighan-Y%E9ngi-Yipek-Yoli

[12] پاكىستان پارچىلىنىپ كېتەمدۇ؟

http://forum.uyghuramerican.org/forum/showthread.php?48630-Elrohlan-Pakistan-Parchilinip-K%E9temdu

 

 

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

روسىيە ئۇكرائىنا پاراخوتلىرىنى تۇتىۋالدى

پە نويابىر 29 , 2018
27-نويابىر، روسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي كىمىسىنىڭ "قانۇنسىز ھالدا" روسىيە دىڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى ۋە قۇراللىق كۈچ بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئۈچ دانە پاراخوتى ۋە غەۋۋاسلىرىنى تۇتۇقلىدى. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى روسىيەدىن ئەڭ ئاسان ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغان چىگراسىدا 30 كۈنلۈك ھەربىي ھالەت يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

You May Like