تاھىر ھامۇت ئىزگىل «كىشىلىك ھوقۇق فوندى»2024-يىللىق ئىجادى قارشىلىق كۆرسىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 23-ماي

كىشىلىك ھوقۇق فوندى (HRF) 2024-يىلدىكى ۋاسلاۋ خاۋېل خەلقئارا ئىجادىي قارشىلىق كۆرستىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنى ئېلان قىلدى: ئىرانلىق hip-hop سەنئەتكارى توماج سالىھى ، ئۇيغۇر شائىرى ۋە پائالىيەتچى تاھىر ھامۇت ئىزگىل ۋە ۋېنېزۇئېلا پىئانىنوچىسى ۋە خاتىرىلىگۈچى سەنئەتكار گابرىئېلا مونتېرو.

كىشلىك ھوقۇق فوندى -ئامېرىكا ۋە نورۋىگىيدە يەرلەشكەن تەسرى ئەڭ كۈچلۈك كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئ‍وسلو ئەركىنلىك مۇنبىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى.

مەزكۇر ئورگان تاھىر ھامۇتقا بەرگەن مۇكاپات سۆزىدە مۇنداق دىگەن:

«ئىزگىل كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر شائىرى ، فىلىم ئىشلىگۈچى ۋە پائالىيەتچى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان ۋە ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئاۋانگارت شېئىرىيىتى بىلەن تونۇلغان . ئىزگىل ئەسلىدە قەشقەردىن بولۇپ ، 1989-يىلى بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلغان.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ، ئۇ سەزگۈر ئەدەبى ئەسەرلەرنى ساقلاش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ ، مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇ 2017-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا رايوندىن قېچىپ چىققان ئاز ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىرى.

ئىزگىلنىڭ يېڭى ئەسلىمىسى «كېچىدە قولغا ئېلىنىشىنى كۈتۈش: ئۇيغۇر شائىرىنىڭ ختاي ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەسلىمىسى» ناملىق يېڭى ئەسلىمىسى ئۇنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ياشاپ قېچىش مۇساپىسىنى خاتىرىلەپ ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ كەم ئۇچرايدىغان گۇۋاھلىقىنى كەڭ دۇنيا بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇنىڭ كىتابى «ۋاشىنگىتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ «50 داڭلىق فانتازىيىلىك ئەسەر» نىڭ بىرى ۋە «دەۋر» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «2023-يىلدىكى 100 ئوقۇشقا تېگىشلىك 100 كىتاب» نىڭ قاتارىغا تىزىلغان.»

تاھىر ھامۇت ئىزگىل بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن: ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ ماڭا ۋاسلاۋ خاۋېل مۇكاپاتىنى بەرگىنىگە رەھمەت ئېيتىمەن. شۇنداقلا، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن باشقا ئىككىيلەنگە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

مەزكۇر مۇھىم مۇكاپات- تاھىر ھامۇت ئىزگىلنىڭ ئەسرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىجادى يوسۇندا يورۇتۇپ بىرشتە ئاپتورنىڭ كەسپى مۇۋەپپەقىيتىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، مۇشەققەتلىك ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ زۇلمەتلىك قسمەتلىرىنى قايتىدىن دۇنيانىڭ دىققىتىگە كەلتۈرىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ئاداس ئ‍سرائىلىيە يەھۇدى تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىشنى داۋام قىلماقتا

پە ماي 23 , 2024
ئاداس ئىسرائىلىيە يەھۇدى تەشكىلاتى 2 يىلدىن بىرى ھەر ئاينىڭ 3-پەيشەنبە كۈنى ختاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختات»نامىدا ئىلىپ بىرىلىۋاتقان نامايىش داۋام قىلماقتا. ئاداس ئىسرائىلىيە يەھۇدى تەشكىلاتى ئۇدا 2 يىل ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئاز ساندىكى تەشكىلاتلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نامايىشقا ھەر قېتىم ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق […]
ئاداس ئ‍سرائىلىيە

You May Like