«بۇخارى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» نىڭ ئۇيغۇرچە شەرھىسى نەشر قىلىندى!

مۇسۇلمان دۇنياسىدا، ھەدىس ساھەسىدە ئەڭ مۆتىۋەر ھەدىس كىتابلارنىڭ بىرى بولغان «بۇخارى سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» نىڭ يەتتە توملۇق شەرھىسىنى ئەۋلات گۇرۇپپىسى نەشىر قىلدى. بۇ ئەسەرنى پاكىستانلىق مەشھۇر ھەدىس ئالىمى مۇھەممەد سەرۋەر «سەھىھۇلبۇخارى» غا يىزىلغان ئاتمىشقا يىقىن شەرھى ۋە ھاشىيەدىن پايدىلىنىپ يېزىپ چىققان. ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمەسىنى بۇ ئۇستازدا بىۋاستە دەرس ئوقۇپ ئىجازەت ئالغان «ساھىبۇلفۇنۇن» تەخەللۇسىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسى ئۇزۇن يىل ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا چىقارغان.

تارىم

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2020-06-10

بۇ ئەسەر دىنىي ئۇستازلارنىڭ، مەدرىسە ۋە دىنىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇخارى شەرىف ۋە ھەدىس ئوقۇ-ئوقۇتۇشىدىكى مۇھىم مەنبە ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ئەسەر ئۇلارغا ھەدىس ئۆگىتىش ۋە ئۆگىنىشتىكى تەتقىق قىلىش ۋە تەتبىقلاش ئۇسۇل- مېتودنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

«بۇخارى ھەدىسلەر توپلىمى» نى ھەدىسشۇناس ئالىملارنىڭ سۇلتانى ئىمام بۇخارى ھىجىرىيە 232-يىلى تاماملىغان، 600 مىڭ ھەدىس ئارىسىدىن 7563 سەھىھ ھەدىسنى تاللاپ، بابلارغا بۆلۈپ خاتىرەلەپ ھەدىس توپلىمى تۈزىگەن. مەزكۇر  كىتابنىڭ تەرجىمەسىمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان خىزمەت بولۇپ، ئۇنىڭ شەرھىسىنى يالغۇز تەرجىمە قىلىش تېخىمۇ كاتتا خىزمەتتۇر!

كىتابنىڭ تۈركىيە ئىچى باھاسى 250 لىرا، غەرب ئەللىرىگە پوچتا ھەققى بىلەن 60 دوللار ياكى 60 ياۋرو.

مەزكۇر يەتتە توملۇق سەھىھۇلبۇخارى شەرھىسىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئېكراندىكى نومۇر بىلەن ئالاقىلىشىڭ:

090-553-070-73-50+

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئەنگىلىيە مۇھاپىزەتچى: خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى باستۇرۇشتىكى يوشۇرۇن ھەمراھى : ئامېرىكا

چا ئىيۇن 24 , 2020
ئۇيغۇرلارنىڭ دوستى دوكتور شان روبېرتس ئامېرىكىدىكى جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتى ئېللىئوت خەلقئارا مەسلىلەر مەكتىپى خەلقئارا تەرەققىيات تەتقىقات پروگراممىسىنىڭ مۇدىرى، ۋە تونۇلغان ئۇيغۇر مەسىلىسى تەتقىقاتچىسى. دوكتور روبېرتس ئالدىنقى يىللاردا ئۇيغۇر مەسىلىسنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىغا تۆھپە قوشقان چەتئەللىك ئاكادېمىكلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ "ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۇرۇش" ناملىق كىتابى بۇ يىل سېنتەبىردە نەشر قىلىنماقچى.

You May Like