ئۇيغۇرلارنىڭ ھېربېرت سامۇئېلى نۇرى تۈركەل

2022 . يىلى 21-ئىيۇن كۇنى ئامېرىكا دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان نۇرى تۇركەل ئەفەندىم كومىتېتنىڭ 2022—2023 يىللىق رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

نۇرى تۇركەلگە، ئۇيغۇرلارغا مۇبارەك بولسۇن.

 ئۇيغۇرلارنىڭ ھېربېرت سامۇئېلى  نۇرى تۈركەل 

«Herbert Samuel» 

نۇرى (نۇرمەمەت)  مۇساباي

2022-يىلى21-ئىيۇن كۈنى ئامېرىكا دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان نۇرى تۈركەل ئەپەندىم  كومىتېتنىڭ 2022—2023 يىللىق رەئىسى بولۇپ سايلاندى.

نۇرى تۈركەلگە، ئۇيغۇرلارغا مۇبارەك بولسۇن.

ئۇيغۇرلارنىڭ ھېربېرت سامۇېلى بارلىققا كەلدى 

ئىسرائىلىيەه دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا بالفوئۇر خىتابنامىسى(Balfour   Declaration) مۇھىم رول ئوينىغان ئىكەن. 

«بالفوئۇر خىتابنامىسى» – بۈيۈك برىتانىيەه ھۆكۈمىتى 1-دۇنيا ئۇرۇشى ھارپىسىدا ئىسرائىلىيەه دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى، مۇنداقچەه ئېيتقاندا ئىسرائىلىيەه دۆلىتى قۇرۇشنى قارار قىلىپ 1917- يىلى ئېلان قىلغان بىر خىتابنامەه ئىكەن.

 ئىسرائىلىيەه دۆلىتىنى قۇرۇشنىڭ ئۇلىنى سالغۇچى، دۇنيا  زىئونىستلار قۇرۇلتىيىنى تەشكىللىگۈچى ۋه بىرىنچى پرېزىدېنتى بولغان يەھۇدىيلارنىڭ لېدىرى تېئودور ھېرزال (Theodor Herzl) يەھۇدىي خەلقىنىڭ بىر دۆلىتى، تۇپرىقى بولۇشى ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان بىر لېدىر ئىكەن.  ئىسرائىلىيەه دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئۆز دەۋرىدىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىك يوللار بىلەن مۇرەسسەه، سودىلىشىش ئېلىپ بارغان ئىكەن.

1901-يىلى 17-مايدا ئۇ  (Theodor Herzl )  ئوسمانلى سۇلتانى سۇلتان 2- ئابدۇلھەمىد بىلەن كۆرۈشۈپ، ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ پۈتۈن تاشقى قەرزىنى تۆلىۋېتىش بەدىلىگە، پەلەستىن تۇپرىقىدا بىر ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن مۇرەسسەلەشكەن،سودىلاشقان بىر يەھۇدىي لېدىر.  سۇلتان 2-ئابدۇلھەمىدنىڭ رەت قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي،  ئۇ  1904- يىلى 3-ئىيۇل ئۆلۈپ كېتىدۇ.

 لېكىن يەھۇدىيلارنىڭ بىر ئىسرائىلىيەه دۆلىتى قۇرۇش ئارزۇسى ئۆلمەيدۇ.

1917-يىلى فېۋرالدا برىتانىيەدىكى يەھۇدىي بايلىرىدىن لورد روتخسچىلد(The Lord Rothschild) باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم يەھۇدىي بايلىرى برىتانىيەه ھۆكۈمىتى بىلەن مۇرەسسەلەر ئېلىپ بارىدۇ. ھەم برىتانىيەه پارلامېنتىغا يەھۇدىيدىن بىر ۋەكىلنى پارلامېنت ئەزاسى قىلىپ،سايلاپ كىرگۈزىدۇ. بۇ يەھۇدىي پارلامېنت ئەزاسى ( Herbert Samuel )  ھېربېرت سامۇئېل ئىكەن.

( Herbert Samuel )  ھېربېرت سامۇئېل  ئىسرائىلىيەه دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاش ھەققىدە برىتانىيەه پارلامېنتىغا بىر تەكلىپ سۇنىدۇ.  دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ، بۇ يەھۇدىي بايلىرى، زىيالىيلىرىنىڭ خېلى بىر مەزگىللىك مۇرەسسە—لوبىيچىلىق  قىلىشلىرى نەتىجىسىدە ، برىتانىيەه ھۆكۈمىتىنى قايىل قىلىدۇ. ئاخىرى برىتانىيەه ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى(Arthur James Balfou) ئارتۇر جامېس بالفوئۇر 1917 -يىلى 2-نويابىر ئىسرائىلىيەه دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدەه بىر يازما يېزىپ، برىتانىيەه يەھۇدىيلىرىنىڭ لېدىرى لورد روتسچىلدقا  (The Lord Rothschild ) يوللايدۇ. 

9 – نويابىر ئوچۇق شەكىلدەه ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ تارىختا بالفوئۇر خىتابنامىسى (Declaration Balfour )  دەپ ئاتىلىپ قالىدۇ.

بالفوئۇر خىتابنامىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، برىتانىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيەسى ئۆزگىرىپ، بىر ئىسرائىلىيەه دۆلىتى قۇرۇشقا قاراپ ماڭىدۇ. نەتىجىدەه 1948-يىلى ئىسرائىلىيەه دۆلىتى يوقتىن بار بولۇپ قۇرۇلىدۇ. 

نۇرى تۈركەلنىڭ  ئامېرىكا دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ 2022—2023 يىللىق رەئىسلىككە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەش بىلەن بىرگە  نۇرى تۈركەلنىڭ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ( Herbert Samuel )  ھېربېرت سامۇئېل  بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

نۇرى تۈركەلنىڭ كەلگۈسىدىكى خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى تىلەيمىز، شۇنداقلا نۇرى تۈركەلنىڭ قەدەملىرىنى تېزرەك، چوڭراق ئېلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. چۈنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش قەدىمى تېز ھەم چوڭ كېتىپ بارىدۇ.

2022-يىلى 23- ئىيۇن، ئامېرىكا.

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتى تور دۇنياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

پە ئىيۇن 23 , 2022
خىتاينىڭ يالغان تەشۋىقاتى تور دۇنياسىدا قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى

You May Like