ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇنغا تون كىيدۈردى

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 12- دېكابىر شەنبە كۈنى «13 توملۇق زور ئەسەر «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ نەشىر قىلىنىشقا باشلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تارىخشۇناس دوكتور نەبىجان تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت ۋە ئۇنىڭ زور ئەمگىكى ئۈچۈن تون كىيدۈرۈش پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى.

13- دېكابىر

 

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 12- دېكابىر شەنبە كۈنى «13 توملۇق زور ئەسەر «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ نەشىر قىلىنىشقا باشلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تارىخشۇناس دوكتور نەبىجان تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت ۋە ئۇنىڭ زور ئەمگىكى ئۈچۈن تون كىيدۈرۈش پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى.

 

تارىخشۇناس دوكتور نەبىجان تۇرسۇن چەتئەلدىكى جىددىي تۇرمۇش ھەم خىزمەت جەريانىدىكى نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەر ۋە ئېغىر روھىي بېسىملار ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، 30 يىلغا يېقىن ۋاقتىنى، كۈچ-قۇۋۋىتىنى ۋە پۈتۈن زېھنىنى سەرىپ قىلىش بەدىلىگە 13 توملۇق زور ھەجىمدىكى «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» دېگەن ئەسىرىنى يېزىپ چىقتى ھەم دەسلەپكى توملىرىنى نەشىر قىلدۇرۇپ كەڭ خەلقىمىزگە سۇندى.

 

دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىجادىي ھاياتى ھەمدە ئەسەرنىڭ يېزىلىش ۋە نەشىر قىلىنىش جەريانىدىكى تەپسىلاتلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىش، دوكتور نەبىجاننىڭ ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا قوشقان زور تۆھپىسىنى قىزغىن تەبرىكلەش مەقسىتىدە بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

 

سۆھبەت پىروگىراممسىغا 50 كە يېقىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى گۇگۇل يىغىن پىروگىراممسى ئارقىلىق نەق مەيداندىن قاتناشتى. بۇ سۆھبەت پىدائىيلار ئىكرانى ئارقىلىق نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىلدى. پىدائىيلار ئىكرانى يوتىبۇب قانىلى ۋە فېسبۇك سەھىپىسىدىن 300 گە يېقىن كىشى نەق مەيداندىن كۆردى.

 

سۆھبەتكە ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور پەيزۇللاھ زەيدۇن ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. نەبىجان تۇرسۇننى يېقىندىن ياخشى بىلىدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئامېرىكىدىن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان، تۈركىيەدىن پىروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوكتور ئابلەت سەمەت، قازاقىستاندىن پىروفېسسور ئالىمجان تىلىۋالدى، ئامېرىكىدىن دوكتور مايسەم مۇتەللىپ خانىم قاتارلىقلار ئۆزلىرىنىڭ دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

 

ئاخىرىدا دوكتور نەبىجان تۇرسۇن بىلەن ئۇنىڭ 30 يىلدىن بېرى بۇ 13 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» يېزىپ چىقىش جەريانى ۋە ئۇنىڭ يازغان باشقا ئىلمىي ئەسەرلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.
سۆھبەتنىڭ سىنلىق نۇسخىسىنى بۇ ئۇلىنىشتىن كۆرەلەيسىز:
https://www.youtube.com/watch?v=5YSVTtSjb58&t=341s

 

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

ياۋروپا ئىتتپاقى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىرلا ۋاقتتا تۈركىيەنى جازالىدى

سە دېكابىر 15 , 2020
دۈشەنبە كۈنى ترامپ ھۆكۈمىتى تۈركىيەنىڭ 2017- يىلى روسيەدىن سېتىۋالغان مۇداپىئە سىستېمىسى سەۋەبلىك تۈركىيە مۇداپىئە قىسمى ۋە بىر تۈركۈم ئەمەلدارلارغا قارشى جازا ئېلان قىلدى.

You May Like