ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ 3_ قېتىملىق روبوت كۆرگەزمىسى مۇۋپپەقىيەتلىك ئېچىلدى

ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ 3_ قېتىملىق روبوت كۆرگەزمىسى مۇۋپپەقىيەتلىك ئېچىلدى

ئامىنە سەدەف خەۋىرى

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 26 – سېنتەبىر

 

«تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر STEM گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ 3_ قېتىملىق روبوت كۆرگەزمىسى 19_ سېنتەبىر  ئىستانبۇل سىياسەت ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ئىنستىتۇتىنىڭ يېغىن زالىدا مۇۋپپەقىيەتلىك‌ ئۆتكۈزۈلدى . 

كۆرگەزمىگە ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم ياش _ ئۆسمۈرلەر ، ئاتا _ ئانىلار ، تەشكىلاتلار بىرلىكى مەسئۇللىرى ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەسئۇللىرى بۇلۇپ نەچچە يۈز ئۇيغۇر قاتناشتى .

بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە« ئۇيغۇر STEM »  گۇرۇپپىسىنىڭ كومپيوتېر بىلىملىرى ۋە روبوت كۇرسىدا تەربىيىلەنگەن ئۇقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ياسىغان تېخنىكا ئەسەرلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى . كىچىك دوستلارنىڭ ئەپچىل قۇلى بىلەن ياساپ چىقىلغان ھەرخىل تېخنىكىلىق مودېللار كۆرگەزمىگە قاتناشقانلارنى ھاياجانغا سالدى . 

ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىلىم _ پەن تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلىنىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن« ئۇيغۇر STEM » گۇرۇپپىسى بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغاندىن بۇيان STEM  مائارىپ ئەندىزىسى بۇيىچە كومپيوتېر ، روبوت ، پروگرامما تىللىرى ، ماتېماتىكا ، فىزىكا ۋە باشقا تەبىئىي پەنلەردە دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە پەقەت كومپيوتېر پروگرامما تىللىرى ۋە روبوت دەرىسىدىنلا 2019_ يىلىدىن 2021_يىلى 6_ ئايغىچە 350 ئوقۇغۇچىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان . بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان كودلىرىنىڭ  ئومۇمىي قۇر  سانى 1 مىليون 485 مىڭ قۇر( بۇ قۇرلار بۆلەك ئاساسىدىكى پروگرامما قۇرلىرى ۋە C تىلى كودلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ) بۇلۇپ ، روبوت دەرسىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشلەتكەن مىس سىملىرىنىڭ ئۇمۇمىي ئۇزۇنلىقى 145 مىڭ سانتىمېتىردىن ئاشىدۇ .  

بۇ قېتىمقى روبوت كۆرگەزمىسى مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان 3_ قېتىملىق كۆرگەزمىسى بۇلۇپ ، تۇنجى قېتىملىقى 2019 _ يىلى ، ئىككىنچى قېتىملىقى 2020_ يىلى ئۆتكۈزۈلگەن .

زىيارىتىمىزنى قۇبۇل قىلغان « ئۇيغۇر STEM »  گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمتىمىن نۇرىدىن « بىز بۇ يولغا ناھايىتى چوڭ ئىرادىلەر بىلەن چىقتۇق.  روبوت ۋە پروگرامما تىللىرىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ئۇيغۇر بالىلار ئارىسىدىكى بىر ئېقىمغا ئايلاندۇرۇش ، تەبىئىي پەن دەرىسلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىلىم _ پەن ھەۋەسكارلىرىنى كۆپەيتىشكە ، تېخنىكا كۆرگەزمىلىرى ئارقىلىق بالىلىرىمىزغا ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىشكە تىرىشىمىز ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ يۈكسىلىشىگە تۆھپە قوشىدىغان تايانچ كۈچ بۇلىشىغا تۆھپە قۇشۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمىز» دېدى .

 

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 19

Next Post

مەھمۇت قەشقەرى شىئېر كېچىلىكى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

يە سېنتەبىر 26 , 2021
مەھمۇت قەشقەرى شىئېر كېچىلىكى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

You May Like