‹‹شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە›› سەپىرى كونيا بېكىتىدىكى پائالىيىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى

‹‹شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە›› سەپىرى كونيا بېكىتىدىكى پائالىيىتىنى غەلىبىلىك ئاخىرلاشتۇردى

ئامىنە سەدەف

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 15-ئاۋغۇست

 

لاگېر قۇربانلىرى ئۇيۇشمىسى خىتاينىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان(ئۇيغۇرىستان) دا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى تۈرك خەلقىگە ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە يېقىندىن ئاڭلىتىپ، ئۇيغۇر دەۋاسىدا تۈرك خەلقىنى سەپەۋەر قىلىش ئۈچۈن 2_ ئاۋغۇست باشلىغان «شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئاناتولىيە » سەپىرىنىڭ كونيا بېكىتىدىكى پائالىيەتلىرى ناھايىتى جانلىق ئېلىپ بېرىلدى .

پائالىيەت تەشكىللىگۈچىللىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مەدىنە نازىمى خانىم كونيادىكى پائالىيەتلەر ھەققىدە  مەلۇمات بېرىپ، كونيادىكى پائالىيەتلىرىدىن كونيا خەلقىنىڭ  ئۇيغۇر دەۋاسىغا بولغان قىزغىنلىقىدىن ئىنتايىن سۈيۈنگەنلىكىنى ئېيتتى. مەدىنە خانىم يەنە  لاگىر قۇربانلىرى ئۇيۇشمىسىنىڭ  كونيادىكى پائالىيەتلىرىنى « ئەھدى ۋەفا تۇران بىرلىكى »  يېقىندىن قوللاپ  شارائىت يارىتىپ بەرگەن بۇلۇپ، كونيا خەلقى ۋە ھەرقايسى يەرلىك تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ناھايىتى ئالقىشلانغان .

لاگىر قۇربانلىرى ئۇيۇشمىسى كونيادا ئىككى يەردە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن بۇلۇپ، كونيا ژورنالىستلار جەمئىيىتىدە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىغا تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن « قانال 42», « ئانادولۇ ئاگېنتلىقى »، « مەرھابا گېزىتى »، « يېڭى كۈن گېزىتى » قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىدىن مۇخبىرلار كېلىپ قاتناشقان ‌.

زەفەر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتىگە بولسا ئىيى پارتىيە كونيا شۆبىسى سېكرىتارى، كېلەچەك پارتىيىسى كونيا شۆبىسى سېكرىتارى ۋە بۇ پارتىيىلەرنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى قاتناشقان .

لاگىر قۇربانلىرى ئۇيۇشمىسى كونيا كوچىلىرىدا تەشۋىقات قەغەزلىرى تارقاتقان. باغچىلاردا ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن زۇلۇملارنى ئاڭلاتقان. بۇنىڭدىن سىرت «  ھىلال ئاي مائارىپ‌ تەشكىلاتى »، « İHH كونيا شۆبىسى  »، « ئەھدى ۋەفا تۇران بىرلىكى» قاتارلىق ئورۇنلاردا ئايرىم _ ئايرىم  ئۈچ مەيدان  لېكسىيە سۆزلىگەن. كونيا سەلچۇق مەسچىتىدە ئىمامنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن پىشىن نامىزىدا مەسچىتكە كەلگەن جامائەتكە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇش سىياسىتىنى چۈشەندۈرگەن. مەسچىت جامائىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن دۇئا قىلغان .

 

 

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

خىتاي ئاشكارا لۈكچەكلىك قىلماقتا، ب د ت ۋەكىلى: ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى دېڭىز مەسىلىسىدە گەپ قىلىش سالاھىيىتى يوق

دۈ ئاۋغۇست 16 , 2021
خىتاي ئاشكارا لۈكچەكلىك قىلماقتا، ب د ت ۋەكىلى: ئامېرىكىنىڭ جەنۇبى دېڭىز مەسىلىسىدە گەپ قىلىش سالاھىيىتى يوق

You May Like