سېدنىيدىكى ئەھمىيەتلىك نورۇز

سېدنىيدىكى ئەھمىيەتلىك نورۇز

ئامىنە ۋايىت سەدەف
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 27- مارت

 

نورۇز — قىشنىڭ ئۇزاپ،باھارنىڭ كېلىشى، ئىش – ئەمگەكنىڭ باشلىنىپ، تەبىئەتنىڭ ئاۋاتلىشىشى دېمەكتۇر. شۇڭا ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىخلاردىن بۇيان ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن نورۇزنى تەبرىكلەپ، ئۇنى ئۇيغۇر مەدەنىيتىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلاندۇرغان. ئەنە شۇ مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىش، يات تۇپراقلاردا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياشلارغا، بالىلارغا نورۇز ئەنئەنىسىنى، ئەھمىيىتىنى بىلدۈرۈش ۋە ئۇلارغا ئۆز مىللىتىنىڭ يەرلىك بايراملىرىنى ئەسلىتىپ تۇرۇش ئۈچۈن 21- مارت سېدنىي خانىم – قىزلار گۇرۇپپىسى، ئۈمىد ئانا تىلى مەكتىپى  ۋە ياشلار مەشرىپى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئاۋىسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ قوللاپ – قۇۋەتلىشى بىلەن ناھايىتى مول مەزمۇنلۇق ۋە ئەھمىيەتلىك نورۇز پائالىيتى ئۆتكۈزدى.

 

پائالىيەتكە سېدنىيدىكى چوڭلار ۋە ياش – ئۆسمۈرلەر قوشۇلۇپ 200 گە يېقىن ئۇيغۇر قاتناشقان بولۇپ، پائالىيەت  شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن نوزۇز كۈيلەنگەن سەنئەت نۇمۇرلىرى ئورۇنلاندى، نورۇزنىڭ ئەھمىيتى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىدىكى رولى ھەققىدە قىسقىچە لېكسىيە سۆزلەندى. ئارقىدىن بۇ قېتىمقى نورۇز بايرىمىنىڭ ئەڭ ئەھمىيەتلىك تۈرى بولغان، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان رامزاندا قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن  بىر قىسىم ئۇيغۇر مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى «كىم ئاشتى» قىلىپ سېتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

 

سىدنىي خانىم قىزلار گۇرۇپپىسىنىڭ يېتەكچىسى گۈلمىرە خانىم بۇ قېتىمقى پائالىيەت ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ھەر تۈرلۈك بايراملاردا ھەرقايسى رايونلاردا تارقاق جايلاشقان ئۇيغۇرلارنى ئۇچراشتۇرۇش، ياشلارنى ئۆزئارا تونۇشۇش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلىش، مىللىي مەدەنىيەتلىرىمىزنى چۈشەندۈرۈش، ۋەتەن سىرتىدا ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان ياشلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ھەم شۇنداقلا مەدەنىيەتلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىر تۈرلۈك ئۇسۇلى. بىز بۇ قېتىم «كىم ئاشتى» قىلىپ سېتىش پائالىيىتىنى ياشلارنىڭ ئارىسىدا ئېلىپ باردۇق، مەقسىتىمىز ئۇلاردىمۇ مىللەتنىڭ غېمىنى يەيدىغان، ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلىدىغان كەيپىياتنى بەرپا قىلىش ئىدى. سېتىش ئۈچۈن تاللانغان مەھسۇلاتلارنى تالىشىپ سېتىۋالغان ۋە مۇشۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلالىغىندىن سۆيۈنگەن ياشلارنى كۆرگىنىمدە، مۇشۇ خىل پائالىيەتلەرنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يەتتىم.»

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى

شە مارت 27 , 2021
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسى

You May Like