مۇھاجىرەتتىكى خانىم- قىزلارنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئىلىم چېيى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

6-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈركىيەدىكى خانىملار ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى . ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە ساكارىيادىكى قەلبى ئىلىم ئۈچۈن گۈلخان بولغان ۋەتەنپەرۋەر خانىملار ئىستانبۇلغا يىغىلىپ مۇھاجىرەتتىكى تۇنجى ئىلىم چېيىنى ئۆتكۈزدى.

سەدەف

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 13- ئىيۇن

 

6-ئاينىڭ 12-كۈنى تۈركىيەدىكى خانىملار ئۈچۈن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە ئۇنتۇلغۇسىز بىر كۈن بولدى . ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە ساكارىيادىكى قەلبى ئىلىم ئۈچۈن گۈلخان بولغان ۋەتەنپەرۋەر خانىملار ئىستانبۇلغا يىغىلىپ مۇھاجىرەتتىكى تۇنجى ئىلىم چېيىنى ئۆتكۈزدى. چايغا يەنە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى زامانىۋى تۈرك تىللىرى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور راھىلە قەشقەرى خانىممۇ ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە قاتناشتى . بۇ قېتىمقى تۇنجى ئىلىم چېيى « ئابدۇقادىر داموللام»غا بېغىشلانغان بولۇپ‌، 4 سائەتكە يېقىن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ چايدا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ھاياتى ، ئىش- ئىزلىرى ، ئېلىپ بارغان ئىسلاھات  كۈرەشلىرى  ، مائارىپچىلىق ئىدىيەسى ، ئەسەرلىرى ھەققىدە چۇڭقۇر مۇلاھىزە قىلىندى ۋە خانىملارنىڭ يازغان ماقالىلىرى ئۇقۇپ ئۆتۈلدى .‌ بۇ قېتىمقى چاينى پىلانلىغان ۋە يېتەكچىلىك قىلغان ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجتىمائىي پەنلەر فاكۇلتېتى ، ئاياللار تەتقىقاتى بۆلۈمى ئاسپىرانتى ئامىنە «سەدەف» خانىم ئىلىم چېيى ۋاسىتىسى بىلەن ھەر ساھە ۋە ھەر كەسىپتىكى ئاياللارنى ئۆز- ئارا تونۇشتۇرۇش بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاياللار قوشۇنىنى سەرخىللاشتۇرۇش ۋە ئاياللارنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.  بۇ قېتىمقى چاينىڭ تېمىسى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاينۇر خانىم بىزگە ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ياشىغان دەۋرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مائارىپ ۋە دىنىي جەھەتتە ئەڭ زاۋاللىقتا قالغان قاراڭغۇ بىر دەۋر ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ دەۋردە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھات ۋە ئىدىيەلەرنىڭ بۈگۈنكىدەك ئۇيغۇرلار ۋەتەن ئىچىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچراۋاتقان، ۋەتەن سىرتىدا بولسا ھەرخىل پىكىر ئېقىمى ۋە ئىدىيە بىلەن چېچىلىپ كېتىۋاتقان ۋاقىتتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.‌
ئاخىردا ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە سۆز قىلغان دوتسېنت، دوكتور راھىلە قەشقەرى خانىم بۇ خىلدىكى ئىلىم‌ چايلىرىنى داۋاملىق ئېلىپ بېرىش ، كېڭەيتىشنىڭ خانىم _ قىزلارنىڭ كەسپى ۋە ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىملىقى ھەققىدىكى بايانلىرى بىلەن بۇ قېتىمقى ئىلىم چېيى مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا ئاخىرلاشتى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

يەتتە دۆلەت(G7) يىغىنى بىرلەشمە باياناتىدا ئۇيغۇر مەسلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى

يە ئىيۇن 13 , 2021
6-ئاينىڭ 13- كۈنى ئەنگلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن سانائەتلەشكەن يەتتە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىلىشى رەسمىي تۈردە ئاياغلاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان 7 دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە قول قويغان بىرلەشمە باياناتنى ئېلان قىلدى. بىرلەشمە بايانات جەمئىي 70 تۈر، 14مىڭ خەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك قىسىملىرىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

You May Like