ئ‍ستانبۇلدىكى خۇشيار راڭپىزىچىلىقى مەسئۇلى مەھمۇتجان ئىنايەت تۇتقۇن قىلىنغان.

ئ‍ستانبۇلدىكى خۇشيار راڭپىزىچىلىقى مەسئۇلى مەھمۇتجان ئىنايەت تۇتقۇن قىلىنغان.

ھەققانىيەتچى
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، ئ‍ستانبۇل، 2021- يىلى 24- مارت

 

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭرى تارقىتىلغان ۋە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا يەتكۈزۈلگەن كۆپ مەنبەلەردىن بىلىشمىزچە، ئىستانبۇل زەيتۇنبۇرنۇدا يىللاردىن بىرى يېمەك – ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئۇيغۇر يەككە تىجارەتچى مەھمۇتجان ئىنايەت 23- مارت كەچتە تۇتقۇن قىلىنغان. مەھمۇتجان ئىنايەت 2017- يىلى خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلىش ھارپىسدا، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قۇتقۇزۇپ قىلىنغان ئىدى.

 

ئىگىللىنىشچە، مەھمۇتجان ئىنايەت ھۈنەرگە پىششىق راڭپىزا ئۇستىسى بولۇپ، ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇ ساھەدىكى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇستاملارنىڭ بىرى ئىكەن. مەھمۇتجاننىڭ ئۈچ بالىسى بار ئىكەن. ئۇ ئىلگىرى ئۆز ئاشخانىسغا: «بۇ يەرگە خىتايلارنىڭ كىرىشى مەنئى قىلىنىدۇ.» دەپ ئۇقتۇرۇش چىقارغان ئىكەن.

 

بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىۋى بىلەن تۈركىيەگە زىيارەتكە كېلىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئارسىدا، خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ ئاجىز ئېقتسادىغا ياردەم بېرىش، تۈركىيەنىڭ ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق تۈرلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.

 

ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا،كەڭ ئامما ئوخشمىغان پىكىرلەرنى بىلدۈرىۋاتقان بولۇپ، پىكىرلەر ئىچىدە ئەندىشە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

 

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ ئۇچرىششلارنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قانۇن لايىھسنى تەستىقلىشدىن ئەندىشە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، بىر قسم ئۇيغۇرلارنىڭ تۇيۇقسز يوقاپ كېتىشى ياكى تۇتقۇن قىلىنىشى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئەندىشسنى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە.

 

تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ ئەيىبلىشگە جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

 

ئەركىن ئاسيا رادىئوسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھازىرغىچە ئەڭ ئاز بولغاندا 4 ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيەدىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارا ئىسپاتلانغان.

 

تۈركىيەدىكى يەنە بىر قسم ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتىكى ھەر قانداق خەۋەرنى ئاڭلاشنى، تارقتىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. تۇرسۇن ئەمىن ئىسملىك بىر تۈرك پۇقراسى ئۇيغۇر مۇنداق دېگەن: بۇنداق خەۋەرلەرنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق، ئۇ پەقەت ئەندىشمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئۇيغۇرلارغا تۈركىيەدەك ياخشىلىق قىلىۋاتقان دۆلەت يوق، خىتايمۇ ئۆلتۈرۋاتىدۇ، ئۆز قېرىندىشمىز تۈركىيە تۇتقانغا نېمە بوپتۇ؟»

 

ئابدۇقەييۇم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر مۇنداق دېگەن: «تۈركىيە سۈرىيەگە ئۇرۇشقا بارغان ئۇيغۇرلارنى ئۆتكۈزۈپ بەرمەي قانداق قىلىشى كېرەك؟ دېمىسمۇ ئۇلار زىيانلىققۇ؟ بىز ئۇيغۇرلار تۈركىيەگە يۈك بولۇۋاتىمىز، يا ئىشلىمەيمىز، يا تۈزۈك مائارىپ – تېخنىكا ئىگىلىمەيمىز. ئارتۇق گېپىم يوق…»

 

ئەمما نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ھىچقانداق قوراللىق ھەرىكەتلەرگە ئارىلاشمىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتاي پاسپورتى توشۇپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن تۈركىيەدىن چىقالمىغان ياكى تۈركىيەدە پۇقرالىق رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىپ بولالمىغان. بۇ خىل ئۆتكۈزۈپ بېرىش خەۋەرلىرى دەل شۇنداق ئۇيغۇرلارنى ئەندىشىگە سالماقتا.

 

ماشنا كىراكەشلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر ياش مۇنداق دېگەن: «مەن تۈركىيەنى ياخشى كۆرىمەن. تۈركىيەدىن ماڭا ۋە بالىلىرىمغا پۇقرالىق بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سياسىي پائالىيەت قىلىشىمغا يول قويۇشنى ئارزۇ قىلىمەن. ھاياتنى ئۆزۈم مۇستەقىل تىرىكچىلىك بىلەن ئۆتكۈزگۈم بار. بالىلىرىمغا خاتىرجەم مۇھىت كېرەك.»

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

تەيۋەن پرېزىدېنتى بېيجىڭنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى بىۋاسىتە ھەل قىلىش» قا چاقىردى.

جۈ مارت 26 , 2021
تەيۋەن پرېزىدېنتى بېيجىڭنى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى بىۋاسىتە ھەل قىلىش» قا چاقىردى.

You May Like