ئۇيغۇر خانىملار ئىستانبۇلدا ئاكتىپ پائالىيەتلەردە

ئۇيغۇر خانىملار ئىستانبۇلدا ئاكتىپ پائالىيەتلەردە

 ئۇيغۇر خانىملار  ئىستانبۇلدا  ئاكتىپ پائالىيەتلەردە

ئامىنە سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 13-مارت

3-ئاينىڭ 12-كۈنى كۈنى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىدە  « ھۇماي ئانا تۈرك دۇنياسى ئاياللار بىرلىكى » نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا « شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» دېگەن تېمىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى.

‌ پائالىيەت شەرقىي تۈركىستان ۋەخپە تەشكىلىي ھەيئىتىدىن سەمانۇر خانىمنىڭ ئېچىلىش نۇتقى بىلەن باشلاندى. « ھۇماي ئانا تۈرك دۇنياسى بىرلىكى» ۋە تۈرككاب باشلىقى، پروفېسسور دوكتور مۇئاللا ئۇيدۇ يۆجەل خانىم پائالىيەتكە يېتەكچىلىك قىلدى. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوتسېنت، دوكتور راھىلە قەشقەرىي خانىم ۋە  ئۆزبېك دوكتور زېبۇنىسا كامالوۋا خانىملار ئايرىم -ئايرىم ھالدا «تارىختىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستاندا ئايال » ۋە « ئىسلامدا ئايال » دېگەن تېمىلاردا پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلارغا لېكسىيە  سۆزلىدى.

ئوخشاش بىر كۈندە يەنە ئىستانبۇل جەۋىزلى باغدىكى Uranus  مېھمانخانىسىدا شائىرە مەدىنەئاي باۋدۇن  خانىم ئورۇنلاشتۇرغان  « ئاتىدىن نىدا، قىزىدىن سادا» شېئىر كېچىسى ئۆتكۈزۈلدى. 

كېچىلىككە ئىستانبۇلدىكى بىر قىسىم پېشقەدەملەر، قۇرۇلتاي ئەزالىرى ۋە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ياش شائىرلىرى ۋە بىر قىسىم مۇخبىرلار قاتناشتى. 

بۇ شېئىر كېچىسىدە مېھمانلارغا شائىرە مەدىنەئاي باۋۇدۇننىڭ جەمەتى، دادىسى باۋدۇن ئاكىنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى، شائىرەنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە  بىر قىسىم ئىجادىيەتلىرى بىلەن ئىشلەنگەن فىلىم قۇيۇپ بېرىلدى. 

ئاخىرىدا سۇلتان مامۇت قەشقەرىي، ھامىت كۆكتۈرك قاتارلىق پېشقەدەملەر سۆزگە تەكلىپ قىلىندى  ۋە شائىرەنىڭ دوستلىرى ئۇنىڭغا گۈلدەستىلەر، دوپپا سوۋغا قىلىش بىلەن تەبرىكلىدى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلىدى.  

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ياش قىز-يىگىتلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى دەنھاگ شەھىرىدە باشلاندى

يە مارت 13 , 2022
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ياش قىز-يىگىتلەرنى تەربىيەلەش كۇرسى دەنھاگ شەھىرىدە باشلاندى

You May Like